«ئيى» پارتىيەسى تۈركىيە پارلامېنتىغا 8-قېتىم ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە تەكلىپ لايىھەسى سۇندى
2023.01.30

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەمدە كانادا، فرانسىيە، چېخىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق غەربتىكى بىرقانچىلىغان دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن بىردەك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتىلىشى، شۇنداقلا لوندوندا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭمۇ ئوخشاش ھۆكۈم چىقىرىشى، تۈركىيەدە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان ئىدى. مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان تۈركىيەدىكى «ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى، پېشقەدەم دىپلومات ئايدىن ئادنان سەزگىن بىلەن «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا مەسئۇلى ئەرخان ئۇستا يېڭى بىر قەدەم تاشلىدى.
مەزكۇر ئىككى نەپەر پارلامېنت ئەزاسى، 1-ئاينىڭ 20-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىغا رەسمىي تەكلىپ سۇنۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشىنى ۋە بۇ ھەقتە بىر قارار ماقۇللىشىنى تەلەپ قىلغان.
تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلغان تەلەپ خېتىدە مۇنۇلار يېزىلغان: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان بېسىم سىياسىتى تۈپەيلىدىن زور پەرىشانلىق ئىچىدە قالغان ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قېرىنداشلىرىمىز دۇچار بولىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ ئېنىقلىنىشىنى، خىتاي ‹قايتا تەربىيەلەش مەركىزى› دەپ ئاتىۋاتغان جازا لاگېرلىرى ھەققىدە تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىنى، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز دۇچار بولۇۋاتقان سىستېمىلىق ئاسسىمىلاتسىتە سىياسىتى ھەققىدە ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلار يېزىلغان: «بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتلىرى، خەلقئارالىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ۋە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. بىز تۈركىيە پارلامېنتىدىن بۇ ۋەھشىلىكلەرنى تەكشۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش يوللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
تەلەپ لايىھەسىنىڭ ئاخىرىغا «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى 2 ۋەكىلىنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان.
مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى، تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى فاھرەتتىن يوقۇش مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتە پارتىيەمىزدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئايدىن سەزگىن ئەپەندى يەنە بىر تەكلىپ لايىھەسى سۇندى. بۇرۇنمۇ كۆپ قېتىم بۇنداق لايىھە سۇنغان بولساقمۇ، لېكىن رەت قىلىنغان ئىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ھەقتە قارار چىقىرالمىسىمۇ، لېكىن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتى بۇ ھەقتە بىر قارار چىقىرىشى كېرەك. بىزنىڭ پارتىيەمىزدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ بۇنداق قارار لايىھەسىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيەتىنى داۋاملىق ئاڭلىتىپ كېلىۋاتىمىز. بۇندىن كېيىن باشقا پارتىيەلەرنى قايىل قىلىشقا تىرىشىمىز.»
ھازىر تۈركىيە پارلامېنتىدا 5 چوڭ پارتىيەدىن سايلانغان 561 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بار بولۇپ، مەزكۇر پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۆپى بۇ تەلەپنى قوللىغان تەقدىردە ماقۇللۇقتىن ئۆتىدىكەن.
تۈركىيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى يولغا قويۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ قارارنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈش ئېھتىمالى بارمۇ؟ بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن سابىق باش مىنىستىر، ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ قۇرغان «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلجۇق ئۆزداغ ئەپەندىدىن سوئال سورىدۇق.
ئۇ، ئېلخەت ئارقىلىق بىزگە مۇنداق جاۋاب بەردى: «‹ئىيى› پارتىيەسى بۇرۇنمۇ بىر قانچە قېتىم بۇنداق تەكلىپ لايىھەسىنى سۇنغان ئىدى. بۇنى بەزى پارتىيەلەر ۋە پارلامېنت ئەزالىرى قوللىغان ئىدى. ھازىر قايتا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. مەن تۈركىيە پارلامېنتى دەرھال بارلىق پارتىيەلەر قول قويغان ئورتاق بىر قارار ماقۇللاپ، دۇنياغا جاكارلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. لېكىن ھازىر تۈركىيەدە 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمى بىلەن پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىنىڭ تەشۋىقات خىزمەتلىرى باشلىنىپ كەتتى. بىراز ئاستا بولسىمۇ سايلامدىن بۇرۇن تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»
شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق سابىق رەئىسى، پېشقەدەم پائالىيەتچى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى، «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ھېسابلاپ، بۇ ھەقتە پارلامېنتنىڭ قارار ماقۇللىشى ئۈچۈن رەسمىي ئىلتىماس سۇنغانلىقىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
مۇتەخەسسىسلەر، تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇنداق بىر قارارنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنىڭ ھازىرچە قىيىن ئىكەنلىكىنى، لېكىن پارلامېنتنىڭ ھەرقايسىي كومىتېتلىرىدا بۇنداق بىر قارارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.