«ئىيى» پارتىيەسى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئورتاق قارار ماقۇللىشىنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا ۋە گوللاندىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن بىردەك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلىشى، شۇنىڭدەك ئەنگلىيە، بېلگىيە ۋە باشقا بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئارقا-ئارقىدىن ئەيىبلىشى، خەلقئارادا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى. مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان تۈركىيەدىكى «ئىيى» پارتىيەسى تۈركىيە پارلامېنتىدىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئورتاق قارار ماقۇللاشنى تەلەپ قىلدى.

«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى مەسئۇلى ئىسمائىل تاتلىئوغلۇ ئەپەندى 1-مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ سۆزىنى مۇنداق دەپ باشلىدى: «ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارالاشتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق زۇلۇم سىياسىتىگە قارشى خەلقئارا جامائەت ۋە بەزى دۆلەتلەر ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئالدى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى ئەيىبلەيدىغان بايانات ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئارقىدىن گېرمانىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ۋەكىلى كىروستوف خوگەن تەرىپىدىن 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېلان قىلىنغان خەتكە ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، ئىسپانىيە ۋە ئىتاليە قاتارلىق 39 دۆلەت قول قويغان ئىدى. مەزكۇر خەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنى جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان ئىدى.»

پارلامېنت ئەزاسى ئىسمائىل تاتلىئوغلۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا دۆلىتى خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قارشى 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى› نى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزدى. فىنلاندىيە باش مىنىستىرى ساننا مىرەللا مارىن خانىم تىۋىتتېر ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، ‹تىجارىي مەنپەئەتنى دەپ بۇ زۇلۇمنى كۆرمەسلىككە سېلىشقا بولالمايدۇ› دېگەن. 2-ئاينىڭ 23-كۈنى كانادا فېدېرال پارلامېنتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسەتنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتكەن. ئارقىدىن 2-ئاينىڭ 25-كۈنى گوللاندىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتتى.»

ئۇ باياناتىدا خەلقئارا كېلىشىمگە ئاساسەن خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «1948-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ماقۇللانغان ۋە 1951-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى يولغا قويۇلغان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى› دە تۆۋەندىكى 5 خىل جىنايەت سادىر قىلىنسا، ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كىرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىرىنچى، بىر مىللەت ياگى ئېتنىك تولۇققا مەنسۇپ ئەزالارنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار كوللېكتىپ ھالدا يوقىتىلماقتا. ئىككىنچى، مەلۇم بىر مىللەت ئەزالىرىغا روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن زىيان سېلىنىشى. بۈگۈن مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە قازاق لاگېرلاردا ئىسكەنجە ۋە تاجاۋۇزغا ئۇچرىماقتا. ئۈچىنچى، مەلۇم بىر ئىجتىمائىي توپلۇقنىڭ بىر قىسمىنىڭ يوق قىلىۋېتىلىش ياكى تۇرمۇش شەرت-شارائىتلىرىنىڭ ۋەيران قىلىۋېتىلىشى. تۆتىنچى، تۇغۇت چەكلەش ۋە تۇغۇتنى توسۇش ئۈچۈن چارە-تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىشى. بەشىنچى، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلىشى. يۇقۇرىقى خەلقئارا ئەھدىنامىدە دېيىلگەنلەرنىڭ كۆپىنى خىتاي ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ھازىر بۇلار بۇ جىنايەتلەر ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› ياكى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› تۈسىنى ئالماقتا.»

«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى مەسئۇلى ئىسمائىل تاتلىئوغلۇ ئەپەندى مەتبۇئات باياناتىدا ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى مۇستافا شەنتوپ ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ پارلامېنتتا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئورتاق قارار ماقۇللاشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز ‹ئىيى› پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى توختىتىش ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتىدا ئورتاق بىر قارارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشىنى، شۇنداقلا بۇ قارارنى دەرھال دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بۇ تەلىپىمىزنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق. چارشەنبە كۈنى بىز بىلەن كۆرۈشمەكچى، بىز بۇ تەلىپىمىزنى ئۇنىڭغا يەتكۈزىمىز.»

ئۇ ئۆزىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا خەلقنىڭ دەردىنى ئاڭلاش ئۈچۈن بارغىنىدا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ «تۈركىيە نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقمايدۇ؟» دەپ سورىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز ‹ئىيى› پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى ئايلىنىۋاتىمىز. ئەرزۇرۇمدا، كونيادا، باتماندا، دىيارباقىردا، بالىقكەسىردە، قەيسەرىدە، بۇرسادا، ئىستانبۇلدا، ئىزمىردە، تىرابزوندا، سامسۇندا، قىسقىسى، بىز بارغان ھەر جايدا خەلقىمىز بىزدىن ‹تۈركىيە پارلامېنتى نېمە ئۈچۈن خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار توغىرىسىدا ئورتاق قارار ماقۇللىمايدۇ؟› دەپ سوراۋاتىدۇ. شۇڭا بىز چارشەنبە كۈنى پارلامېنت رەئىسىمىز بىلەن كۆرۈشۈپ، خەلقىمىزنىڭ بۇ تەلىپىنى يەتكۈزۈمىز.»

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇنداق بىر قارارنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنىڭ قېيىن ئىكەنلىكىنى، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا بۇنداق بىر قارارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.