تۈركىيە ئىيى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاكشەنەر ۋە ئەنقەرە شەھىرىنىڭ جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىن بولغان شەھەر باشلىقى مەنسۇر ياۋاشنىڭ 5-ئاپرېل تىۋېتتىردا «بارېن ۋەقەسى» نىڭ 31 يىللىقىنى خاتىرىلىشى، خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ تەھدىت خاراكتېرلىك ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئەسلىدىنلا نازۇك بولغان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە دىپلوماتىك كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلغان. ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 6-ئاپرېل خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى ليۇ شاۋبىننى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تىۋېتتىردا ئېلان قىلغان باياناتىدىكى سۆزلەرگە بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىيى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاكشەنەر خانىم ۋە ئەنقەرە شەھىرىنىڭ باشلىقى مەنسۇر ياۋاش 5-ئاپرېل تىۋېتتىردا خىتاينىڭ «بارېن ۋەقەسى» دىكى قىرغىنچىلىقىنى تەنقىدلەپ، «بارېن قىرغىنچىلىقى» دا ئۆلتۈرۈلگەن «شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرى» نى خاتىرىلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. مەرال ئاكشەنەر «شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر كۈنى مۇتلەق مۇستەقىللىققا ئېرىشىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەنىدى. خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇلارنىڭ سۆزىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي تەرەپنىڭ «ھەقلىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەققىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.
خىتاي ئەلچىخانىسى قانداق قارشىلىق قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان، بىراق تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىنكاسىنى تۈركىيەنىڭ «ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلاشقانلىق»، «رەسمىي تەھدىت سالغانلىق» دەپ ئەيىبلىمەكتە. تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى، ئىيى پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇ 6-ئاپرېل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ تۈركىيەدە «قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم» دەپ ئېلان قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي باش ئەلچىسى قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى ئېلان قىلىنسا بولىدۇ. تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ سىياسىي پارتىيە رەئىسلىرىگە بۇ دەرىجىدە تەھدىتلىك تىل ئىشلەتكەن دىپلوماتلار قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم ئېلان قىلىنىدۇ. بىز مۇشۇنداق قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چاقىرىپ ئاگاھلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ تونىنى ھەممىمىز تەڭ كۆرىمىز. بىز شۇنداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز ئىنكاس بىلدۈرىمىز، چاقىرتىپ كېلىپ، ئاگاھلاندۇرىمىز، دەۋاتىدۇ. ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ماھىيىتىنى كۆرىمىز. ئەمما ئاخىرقى تەھلىلدە قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم، ئېلان قىلىنسا بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئەينى ۋاقىتتا پەقەت رەئىسىمىزگە ئەمەس، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھەقلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇم ۋە بىر تەربىيەسىزلىك».
كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تىۋېتتىر غەيرىي دىپلوماتىك ئىكەن. ئۇ: «بىر باش ئەلچىنىڭ ئەلچىلىك قىلىۋاتقان دۆلەتتىكى پارتىيە رەھبەرلىرىگە، شەھەر باشلىقلىرىغا بۇنداق تەرتىپسىز تىۋېتتىر سۆزى يوللىشى دىپلوماتىيە ئادەتلەنگەن، شاھىت بولغان، ئۇيغۇن كۆرىدىغان ھادىسە ئەمەس. بۇ ئۇنىڭ قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم، دەپ ئېلان قىلىنىشى ئۈچۈن يېتەرلىك. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ زۆرۈر ئىنكاس قايتۇرۇشىنى ساقلاۋاتىمىز. تايىپ ئەردوغانغا تاشقىرىدا بىرەرى ھۆرمەتسىزلىك قىلسا بىز ئۆكتىچى پارتىيە سۈپىتىدە ئىنكاس بىلدۈرىمىز، ھېچكىمنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەھبىرىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلدۇرمايمىز. بىراق ئوخشاش سەزگۈرلۈكىنى جۇمھۇر رەئىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن كۈتىمىز» دېدى.
مەرال ئاكشەنەر «بارېن ۋەقەسى» نىڭ 31 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يوللىغان تىۋېتتىر سۆزىدە «بارېن قىرغىنچىلىقىدا خىتاي ئاسارىتىگە باش ئەگمىگەن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى شاھادەتلىرىنىڭ يىللىقىدا رەھمەت بىلەن خاتىرىلەيمىز. ئاسارەت ئاستىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇنتۇمايمىز، ئۇچرىغان زۇلۇملىرىغا سۈكۈت قىلمايمىز. شەرقىي تۈركىستان بىر كۈنى مۇتلەق مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىدۇ» دېگەن. ئەنقەرە شەھىرىنىڭ باشلىقى مەنسۇر ياۋاش «شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن قەتلىئامنىڭ ئىزتىراپىنى 31 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ھازىرقىدەك ھېس قىلىۋاتىمىز. بارېن شېھىتلىرىنى رەھمەت بىلەن خاتىرىلەيمەن» دەپ تەكىتلىگەنىدى.
خىتاي ئەلچىخانىسى تىۋېتتىر سۆزىدە مەرال ئاكشەنەر بىلەن مەنسۇر ياۋاشنىڭ ئىسمىنى ھەمبەھىرلەپ، «خىتاي تەرەپ ھەرقانداق كىشى ۋە كۈچنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھەرقانداق شەكىلدە خىرىس قىلىشىغا قەتئىي قارشى چىقىدۇ ۋە بۇنى شىددەت بىلەن ئەيىبلەيدۇ. خىتاي تەرەپ ھەقلىق قارشىلىق قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تىۋېتتىر سۆزى تۈركىيەدىكى باشقا ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىمۇ بىئارام قىلغان. تۈركىيە كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى، سابىق باش ئەلچى ئۈمىد ياردىم، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تىۋېتتىر سۆزىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.
ئۇمىت ياردىم 6-ئاپرېل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ باش ئەلچىسى سۈپىتىدە تىۋېتتىر ئارقىلىق ئوچۇق-ئاشكارا بۇنداق سۆزلەرنى يېزىشىنى شىددەت بىلەن ئەيىبلەيمەن. بۇنى قوبۇل قىلمايمىز. چۈنكى، بىر دۆلەتتە باش ئەلچىخانا بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىتاي باش ئەلچىلىكىنىڭ ۋەزىپىسى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە ئالغا سۈرۈشتۇر. تۈركىيەنىڭ ئىچىدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ نېمە دېيىشى خىتاي تەرەپنى ئالاقىلاندۇرمايدۇ».
ئۈمىد ياردىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر خىتاي ئەلچىخانىسى شەرقىي تۈركىستاندا قىلغانلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەنسە، ئۆزلىرىگە ئىشەنچى بولسا تۈركىيەدىكى ھەر قايسى پارتىيەرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، پىكىرى، نارازىلىقى ياكى دەيدىغان سۆزىنى شۇلارغا ئېيتسا بولىدىكەن. ئۇمىت ياردىم: «ئەمما بۇنىڭ سىرتىدا بىر باش ئەلچىخانا ھېچقاچان بىر دۆلەتنىڭ يالغۇز تۈركىيەدە ئەمەس، دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولسا بولسۇن، بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىتى ھەققىدە فېيسبۇك ياكى تىۋېتتىردا بۇنداق سۆزلىشىگە بولمايدۇ» دېدى.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەنقەرەنىڭ خىتاي باش ئەلچىسىنى «قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم» دەپ قىلىش ئېھتىماللىقى بولمىسىمۇ، بىراق تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ئەلچىسىنى ئاگاھلاندۇرۇشى، خىتاي ئەلچىخانىسى تىۋېتتىردا قايتا سۆز يوللاپ، ئەپۇ سورىشى ت كېرەك ئىكەن. ئۇمىت ياردىم مۇنداق دەيدۇ: «مەن بولۇپمۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز بۇ توغرىسىدا خىتاي باش ئەلچىخانىسىنى ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن. بۇنى چوقۇم قىلىشى، شۇنىڭدەك بۇنىڭغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشى لازىم. ئىككىنچى، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭمۇ قايتا تىۋېتتىر سۆزى يوللاپ، خاتالاشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى، تۈرك سىياسەتچىلىرىدىن ۋە تۈرك خەلقىدىن ئەپۇ تىلىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن»
خىتاي باش ئەلچىسى ليۇ شاۋبىننىڭ 6-ئاپرېل تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغاندا نېمە، دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھازىرغا قەدەر بۇ توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىپ باقمىدى. بىراق ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي نېمە دېسە دېسۇن ئۇلار ئۇنىڭ تەھدىتلىرىگە تېز پۈكمەيدىكەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى دۇنياغا ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.
ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇ: «ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز تۈرك مىللىتىنىڭ قېرىندىشىدۇر. بىز ئۆزىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ھېسابلايمىز. ئەگەر خىتاي تۈركلەر بىلەن تىنچلىق ئىچىدە ھۆرمەتلەپ ياشاشنى قارار قىلسا، بۇ ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى. تۈركلەر شەرقىي تۈركىستان باشتا بولۇپ خىتاي يۈتەلەيدىغان مىللەت ئەمەس. بىز خىتاينىڭ گېلىگە تۇرۇپ قالىمىز. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى، جازا لاگېرلىرىنى، قىيىن-قىستاق ۋە يىقىتىلغان جامەلەرنى، پارچىلانغان ئائىلىلەرنى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتىمىز. ئۇيەردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.
تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدىكى بۇ دىپلوماتىك سۈركىلىش خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى تۈركىيەنى زىيارەت قىلىپ ئارقىدىنلا يۈز بەردى. ۋاڭ يى زىيارىتىدە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ ۋە پرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ ئىنتايىن سەمىمىي كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن. تۈركىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتايغا كۆرسەتكەن سەمىمىي مۇئامىلىسى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغانىدى.
چاۋۇشئوغلۇ ۋاڭ يى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن، بىراق قانداق شەكىلدە كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. ئۇ يەنە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە غەرب بىلەن بىرگە تۇرمايدىغانلىقى، خىتاي بىلەن كورونا ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىدا ھەمكارلىشىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.