«ئىيى» پارتىيەسى رەھبىرى لۈتفۈ تۈرككان: «دۇنيادا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتۈتتە تۇرۇۋاتقان بىرلا تۈركىيە دۆلىتى قالدى»

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك مەسىلىسىدە داۋاملىق ئەيىبلىمەكتە. ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى «ئىيى» پارتىيەسى يەنە بىر قېتىم ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلدى.

«ئىيى» يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى گۇرۇپپا باشلىقى لۈتفۈ تۈرككان ئەپەندى 27-ئىيۇل كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىۋاتقان پەيتتە تۈركىيەنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

ئۇ، سۆزىنى مۇنداق باشلىدى: «ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا غەرب ئەللىرى باشلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىنكاس قايتۇردى، بەزى دۆلەتلەر خىتايغا قارشى تەدبىر ئېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ھازىر دۇنيادا بۇ مەسىلىدە سۈكۈتۈتتە تۇرۇۋاتقان بىرلا تۈركىيە دۆلىتى قالدى. ئۇيغۇرلار قىبلىگاھىم دەۋاتقان تۈركىيەدىن تېخىگىچە ھېچقانداق ئىنكاس چىقمىدى.»

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۈنسايىن جىددىيلىشىۋاتقان پەيتلەردە «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» گە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ قول قويغاندىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسى قايتىدىن دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە كېلىشكە باشلىدى. كانادا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ مەسىلىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇشقا باشلىدى. بۇ خەۋەر تۈرك ئاخباراتلىرىدىمۇ تارقىتىلدى. بۇ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسىي پارتىيەلەر ئەزالىرى ھەم تۈرك ئاممىسى ئارىسىدا تۈركىيە ئۇيغۇرلار بىلەن قانداش، دىنداش بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكا باشلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتسا تۈركىيە نېمىشقا سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ؟ دەپ تەنقىد قىلماقتا. ھەتتا تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئابدۇلقادىر ئەمىن ئۆنەن ئەپەندىنىڭ «2019 يىللىق خىزمەت دوكلاتىدا» ئۇنىڭ خىتايغا قوشنا نۇرغۇن دۆلەت ۋە ئۆلكىلەرگە بارغان بولسىمۇ ئۈرۈمچىگە بارمىغانلىقى، دوكلاتتا بىر يەردىمۇ «ئۇيغۇر» سۆزىنىڭ ئورۇن ئالماسلىقى شۇنىڭدەك تۈركىيە قوللاپ كېلىۋاتقان پەلەستىن لىدېرى مەخمۇت ئابباسنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلىشى تۈرك سىياسەتچىلەرنىڭ قاتتىق تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىدى.

ئەنە شۇ خىل تەنقىدىنى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويغان لۈتفۈ تۈرككان ئەپەندى باياناتىدا تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئابدۇلقادىر ئەمىن ئۆنەن ئەپەندىنىڭ 2019-يىلى بىر قېتىممۇ ئۈرۈمچىگە بارمىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەنىڭ بېيجىڭ ئەلچىخانىسى تەييارلىغان 2019-يىللىق خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقتىم. سىلەرنىڭ دىققىتىڭلارنى تارتتىمۇ بىلمەيمەن. تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىسىنىڭ بىر يىل ئىچىدە قىلغان خىزمەتلىرى ۋە ئېكسكۇرسىيە قىلغان جايلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى، سىرتتىن تەيىنلەنگەن ئابدۇلقادىر ئەمىن ئۆنەن ئەپەندى بىر يىل ئىچىدە نۇرغۇن دۆلەت ۋە ئۆلكىلەرگە بېرىپتۇ، ئەسلىدە بېرىشقا تېگىشلىك بولغان يەر شەرقىي تۈركىستانغا بارماپتۇ. ھەممە مىللەتنىڭ دوستى، ئەمما قېرىنداش مىللەتنىڭ دۈشمىنى بىر پارتىيە ھازىر تۈركىيەدە ھاكىمىيەتتە.»

«ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى لۈتفۈ تۈرككان ئەپەندى باياناتىدا يەنە تۈركىيەدىكى ھاكىمىيەت ئىگىسى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پەلەستىن سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى پارلامېنتتا ئىسمىنى ئاڭلىغاندا كۆز ياشلىرىنى تۇتالمايدىغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ رەھبىرى مەخمۇت ئابباس شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفون سۆزلەشكەندە مۇنداق دەپتۇ: ‹خىتاي پەلەستىننىڭ دوستى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. پەلەستىن شىنجاڭ ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسىدە خىتاينى قوللايدۇ›، مەن ھۆكۈمەتكە يەنە بىر قېتىم شۇنى دېمەكچىمەنكى، ھەممە نەرسە بولىدىكەنسىلەر، ئەمما بىر نەرسە بولالمايۋاتىسىلەر! بىر قېتىم ‹تۈرك› بولۇڭلار، شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىگە چىقىڭلار!».

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىستانبۇلدىكى ئايدىن ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى راگىپ قۇتاي قاراجا ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنچىلىك ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلمەسلىكىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئامېرىكا ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي بىلەن تىجارەت ۋە پۇل مۇئامىلىسى مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. شۇڭا تۈركىيە خىتايغا قارشى ھېچ نېمە قىلالمايۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىمۇ ھەم شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەندەك شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىكى بەكلا ئېچىنىشلىق. لېكىن، بۇلار ھەقىقەتتۇر!»

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھەم خىتاينى رەنجىتمەيدىغان، ھەم تۈركىيە جامائەتچىلىكىنى مەمنۇن قىلىدىغان بىر سىياسەت ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ قىيىن بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«ياخشى» پارتىيەسى قۇرۇلۇپ 6 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى سايلامدا پارلامېنتتىكى ئورنى بويىچە 5-پارتىيە بولۇپ سايلىنىپ تۈركىيە پارلامېنتىغا كىرگەنىدى. مەزكۇر پارتىيە شۇ كۈندىن بېرى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەر يەردە ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە، ئەمما ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، ئۆزلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىنداشلىرى دەپ جاكارلاپ كېلىۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى يەنىلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتىنى ئەيىبلەشتىن ئۆزىنى تارتىپ كەلمەكتە.