ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە. 10-دېكابىر كۈنى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ۋە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزاسى فەرىدۇن باخشى ئەپەندى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسىتىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرغان. ئۇ 580 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان ئۇمۇمىي يىغىندا كۆپچىلىككە 5 مىنۇت كۆزىنى يۇمۇپ، ئۆزلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلغان. ئۇ نۇتۇقىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بارلىق سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىكى ئەزالىرىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىگە چىقىشقا چاقىرغان.
پارلامېنت ئەزاسى فەرىدۇن باخشى ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن: «ھۆرمەتلىك پارلامېنت رەئىسى، قىممەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى، بۈگۈن 10-دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى. 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ‹كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى› نى ماقۇللاپ ئېلان قىلغان كۈن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر خىتاپنامىسىغا قول قويغان خىتاي ھۆكۈمىتى 1949-يىلى بېسىۋالغان شەرقىي تۈركىستاندا نۆۋەتتە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلىرى بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا. ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان قان-قېرىنداشلىرىمىز--ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا. دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتايغا قارشى ئىنكاس قايتۇرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيە تېخىچە سۈكۈتتە تۇرماقتا.»
«ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى فەرىدۇن باخشى ئەپەندى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانى تۈركىيە كىرگۈزمەسلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانى ئەنقەرەدىكى ئەسەنبوغا ئايرودرومىدىن گېرمانىيەگە قايتۇرىۋەتتى. ھۆكۈمەت تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا دېگەندەك ياردەم قىلمايۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالمايمەن.»
فەرىدىن باخشى ئەپەندى «ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ئىچىدە سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى: «10-دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى قىلالمىغاننى قىلىۋاتىمىز. خىتاي ھۆكۈمتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن.»
فەرىدۇن باخشى ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى يىغىنلاردا كۆپ قېتىم نۇتۇق سۆزلەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىگە چىقىشقا چاقىرغان ئىدى. «ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى 2018-يىلىدىكى پارلامېنت سايلىمىدا سايلىنىپ تۈركىيە پارلامېنتىغا كىرگەندىن بۇيان، ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ھازىر قانداق ئۈنۈمى بولىۋاتىدۇ؟ ئۇلار بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنە نېمىلەرنى قىلماقچى؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ تۈركىي خەلقلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇ ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ پارتىيە رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىمنىڭ پارتلامېنتتىكى 36 پارلامېنت ئەزاسىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇڭلار دەپ يوليورۇق بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «پارتىيەمىزنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم، شەرقىي تۈركىستاندا پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئانىلارنىڭ، شەرقىي تۈركىستاندا ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن بالىلارنىڭ، مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىدىن تۈپەيلى جازا لاگېرلىرىغا تاشلانغان، چەتكە قېقىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئاۋازى بولۇڭلار، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋەكىلىدەك خىزمەت قىلىڭلار، دەپ يوليورۇق بەردى. بىز تۈركىيەدىكى بىزنى سايلىغان ۋىلايەتلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۆزىمىزنى ئۈرۈمچىنىڭ، قەشقەرنىڭ، ئاقسۇنىڭ ۋە خوتەننىڭمۇ ۋەكىللىرى دەپ بىلىمىز. بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز ئەركىنلىكىگە ئېرىشكىچە، بۇ دەۋانى قوللايمىز ۋە قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز.»
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈركىيەدە ئاكتىپ دەۋا ئېلىپ بېرىۋاتقان پېشقەدەم پائالىيەتچى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى «ئىيى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۆپىنىڭ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە، شۇنداقلا دەۋاغا زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئەگەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە داۋاملىق سۈكۈتتە تۇرسا، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ پارتىيە ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.