ئىيوردانىيەدە تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقى ئاڭلىتىلدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە مەجلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرىشلار داۋام قىلىۋاتقان، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى ئەيىبلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خىتاينى ئاقلاش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە ئىدى. ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ئەرەب مۇسۇلمان دۆلىتى ۋە ياكى ئىسلام كونفېرېنسىيەسىگە ئوخشاش خەلقئارالىق ئىسلام دۆلەتلىرى تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان بۇ قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىپ باقمىغانىدى. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مۇدىرى روشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىستىن تۈزۈلگەن بىر ھەيئەت ئوتتۇرا شەرق مەملىكەتلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى چۈشەندۈرۈش پائالىيەتلىرىگە ئاتلىنىپ ئالدى بىلەن ئىيوردانىيەدە 12-دېكابىردىن 15-دېكابىرغىچە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق مەملىكەتلىرىدىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن ئۆز پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن روشەن ئابباس خانىم ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى مەقسىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەملىكەتلىرىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى ئاڭلىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان چۈشەنچىسى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز 12-دېكابىردا ئىيوردانىيەنىڭ پايتەختى ئاممانغا كېلىپ پائالىيەتلىرىمىزنى باشلىغانىدۇق. بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزنىڭ مەقسىتى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەپسىلىي ئاڭلىتىش ئىدى. 13-دېكابىردا ئامېرىكانىڭ ئامماندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە ئەلچىلىك خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنى ئاڭلاتتۇق. ئارقىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، كانادا ۋە بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىيوردانىيەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرى ئىشتىراك قىلغان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزدۇق».

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ مۇدىرى روشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتماقتا. 2022-يىلى 12-دېكابىر، ئىيوردانىيە.
ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ مۇدىرى روشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتماقتا. 2022-يىلى 12-دېكابىر، ئىيوردانىيە. (RFA/Erkin Tarim)

روشەن ئابباس 14-15-دېكابىر كۈنلىرى ئىيوردانىيە پايتەختى ئامماندىكى بىر قىسىم يەرلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىپ دوكلات بەرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئىيوردانىيەدىكى يەرلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، خانىم-قىزلار كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەت يىغىنلىرى ئۆتكۈزدۇق. بىز بۇ سۆھبەتلىرىمىزدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئادەم قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلىرىنى، قۇل ئەمگەك سىياسىتى ۋە پىلانلىق تۇغۇت نامىدا ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش سىياسەتلىرىنى تەپسىلىي ئاڭلاتتۇق».

روشەن ئابباسنىڭ بۇ پائالىيەتلەردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى زىيالىيلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. چۈنكى، بۇ، ئىيوردانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق پائالىيەت ئىدى. ئىيوردانىيەنىڭ پايتەختى ئامماندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى خالىد ھىجاب ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر دوكلاتنى ئاڭلاپ ئالغان تەسىراتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «مەن روشەن ئابباسنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقانلارنى ئاخبارات ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئازراق ئوقۇغان بولساممۇ تەپسىلاتىنى بىلمەيدىكەنمەن. مەن بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايمەن دەپ ئويلىدىم. بۇندىن كېيىن بىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مۇسۇلمان خەلق دۇچار بولۇۋاتقان زۇلۇمنى ئاڭلىتىشقا، بۇلارنى توسۇش ئۈچۈن قولىمزدىن كەلگەننى قىلىشقا تىرىشىمىز».

تۈركىيەدە ياشايدىغان، بۇرۇن سۈرىيەدە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغان مۇستەقىل تەتقىقاتچى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى ئوتتۇرا شەرقتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي، مىللىي باستۇرۇش قاتارلىق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت قىلمىشلىرىنى ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان قويۇق سودا-ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەتلىرى بۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان شۇنىڭدەك ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى ئەيىبلەۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىدە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى بىلەن ئوخشاش قاراشتا ئەمەس، بەلكى خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتى بىلەن ئوخشاش قاراشتا بولۇشقا ئېلىپ كەلگەن.

مەلۇمكى، يېقىندىلا خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلىپ، ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە كۈتۈۋېلىنغان ۋە خىتاي بىلەن سەئۇدى ئارىسىدىكى سودا-ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھەمكارلىقلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە پۈتۈشۈلگەنىدى.

پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى ئىيوردانىيەدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە پائالىيەت بولۇپ باقمىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىدىن بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئەجەبلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان مۇھىم دوكلات ۋە كىتابلارنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئەكېلىپ تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

روشەن ئابباس دوكلات بېرىش يىغىنلىرىدىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ سورىغان سوئاللىرىدىن ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقانلاردىن بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس قاتارلىقلار ئىيوردانىيەدىن كېيىن داۋاملىق تۈردە باشقا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە بېرىپ، بۇ خىلدىكى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.