ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جانكۆيەر پائالىيەتچىسى ئىززەتبۈۋى ئامىردىن خانىم ئالەمدىن ئۆتتى

0:00 / 0:00

ئۆزبېكىستان، رۇسىيە، شۇنداقلا پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كەڭ تونۇلغان ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ غەمگۇزارى نەسىردىنوۋا ئىززەتبۈۋى ئامىردىن قىزى 18-ئاۋغۇست كۈنى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە كېسەللىك سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تۈرلۈك يازما ۋە باھالارنى ئېلان قىلىپ، ئۆز تەزىيەلىرىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇر شائىرلار مەرھۇمەگە بېغىشلاپ، رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا مەرسىيە «ۋىدا شېئىرلىرى» نى ئېلان قىلىشتى.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كەڭ تونۇلغان ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ غەمگۇزارى مەرھۇمە نەسىردىنوۋا ئىززەتبۈۋى ئامىردىن قىزىنىڭ جىنازىسى كۆتۈرۈپ ماڭغان جامائەت. 2024-يىلى 18-ئاۋغۇست، تاشكەنت، ئۆزبېكىستان.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كەڭ تونۇلغان ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ غەمگۇزارى مەرھۇمە نەسىردىنوۋا ئىززەتبۈۋى ئامىردىن قىزىنىڭ جىنازىسى كۆتۈرۈپ ماڭغان جامائەت. 2024-يىلى 18-ئاۋغۇست، تاشكەنت، ئۆزبېكىستان. (RFA/Féruze)

نەسىردىنوۋا ئىززەتبۈۋى ئامىردىن قىزى 1958-يىلى 13-دېكابىر كۈنى قازاقىستاندىكى چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1974-يىلى تاشكەنتتىكى پولىگرافىيا تېخنىكۇمىنى تۈگىتىپ، تاشكەنت دۆلەتلىك ئىنستىتۇتىنىڭ بوغالتىرلىق كەسپىدە ئوقۇغان.

ئۇ، ئىنستىتۇتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن تاشكەنت شەھىرىدە بوغالتىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۆزىگە ئوخشاش مىللەتپەرۋەر زىيالىي مۇناجىدىن ئەۋەيدۇللايېۋ بىلەن ئائىلە قۇرۇپ، ئۈچ قىز، بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن. ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ كەلمەكتە. ئىگىلىشىمىزچە، مەرھۇمەنىڭ قىزى ئىپارخان ئەۋەيدۇللايېۋا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ۋەكىللىرىدىن بىرى ئىكەن.

ئىززەتبۈۋى ئامىردىن قىزى تاشكەنت شەھىرىنىڭ سېرگلى ناھىيەسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ ئېچىلىشىدا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇ، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆز مىللىي ئەنئەنىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشى ئۈچۈن، تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارنى ئېلىپ بارغان. تاشكەنت شەھىرىنىڭ سېرگىلى ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى سانىيەم ئاسىموۋا خانىم، رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەرھۇمەنىڭ ئائىلىسىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، شۇنداقلا ئىزەتتبۈۋى خانىمنىڭ تەشكىللەش ماھارىتىنى ئالاھىدە ئەسلەپ ئۆتتى.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كەڭ تونۇلغان ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ غەمگۇزارى مەرھۇمە نەسىردىنوۋا ئىززەتبۈۋى ئامىردىن قىزى مەدەنىي مىراس كۆرگەزمىسىدە نۇتۇق سۆزلىمەكتە.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كەڭ تونۇلغان ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ غەمگۇزارى مەرھۇمە نەسىردىنوۋا ئىززەتبۈۋى ئامىردىن قىزى مەدەنىي مىراس كۆرگەزمىسىدە نۇتۇق سۆزلىمەكتە. (RFA/Féruze)

مەلۇم بولۇشىچە بۈگۈنكى كۈندە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ ۋە جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى كېيىنكى ئەۋلادلار ئارا ئانا تىلنى قانداق ساقلاش ۋە داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسى ئىكەن. مەرھۇم ئىززەتبۈۋى خانىم بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ھايات ۋاقتىدا تور ئارقىلىق ئۇيغۇر ئانا تىل دەرسىنى ئۆتۈپ كەلگەن، شۇنداقلا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلىگەن ئانا تىل توپلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان. مەرھۇمە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى توپلاردا ئۇيغۇرچە شېئىرلارنى ئۆزىنىڭ ياڭراق ئاۋازى بىلەن ئوقۇپ تارقاتقان. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى گەرچە ئىززەتۈۋى خانىمنى شەخسەن تونۇمىسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئاۋازى ئارقىلىق تونۇيدۇ. رۇسىيەنىڭ سانكىتپېتېربۇرگ شەھىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، «ئىزلىرىمىز» ناملىق تور بېتىنىڭ تەشكىللىگۈچى ساھىبى ھەمراجان ئامراق زايىتوۋ ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەرھۇمە ئىززەتبۈۋى خانىم بىلەن بىرلىكتە ئانا تىل مەسىلىدە تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كەڭ تونۇلغان ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ غەمگۇزارى مەرھۇمە نەسىردىنوۋا ئىززەتبۈۋى ئامىردىن قىزى د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللەر سايلىمىدا بىلەت تاشلىماقتا.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كەڭ تونۇلغان ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ غەمگۇزارى مەرھۇمە نەسىردىنوۋا ئىززەتبۈۋى ئامىردىن قىزى د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللەر سايلىمىدا بىلەت تاشلىماقتا. (RFA/Féruze)

مەرھۇمە بىلەن تور ئارقىلىق ئۇيغۇر تىل دەرسلىرىنى ئۆتۈپ كېلىۋاتقان قازاقىستاندىكى پائالىيەتچى ئازادگۈل خانىممۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىززەتبۈۋى خانىمنىڭ ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ، دوستى ئىززەتبۈۋى خانىمنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئىززەتبۈۋى ئامىردىن قىزى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى بولۇپ، قازاقىستاننىڭ چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدىكى ياش تالانتلىق بالىلارنى قوللاش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەرغىب قىلىنىشتا پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلغان ئىدى. ئۇ يەنە تاشكەنت شەھىرىدە «مەدەنىي مىراس» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر رەسساملار كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىشىدا زور تۆھپىلەرنى قوشقانىدى.

ئۆزبېكىستان يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى نىجات نىيازوۋ ئەپەندى، مەرھۇمەگە بېغىشلاپ مەرسىيە يازغان بولۇپ، ئۇنى ئۆز ئاۋازى بىلەن ئوقۇپ بەردى. تۆۋەندە ئۇنىڭ «ئىززەتبۈۋى سىڭلىم» ناملىق مەرسىيە شېئىرىنى ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلىغايسىلەر.