دۆربىلجىنلىك جامائەت ئەربابى داۋۇت ئابلەت جەمەتىدىن 44 كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

دۆربىلجىن بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ پېنسىيەگە چىققان كادىرى، جامائەت ئەربابى داۋۇت ئابلەتنىڭ لاگېردىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىشىمىز داۋامىدا ئالاقىدار بىر ساقچى خادىمى داۋۇت ئابلەت جەمەتىدىن جەمئىي 44 كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. داۋۇت ئابلەتنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئوغلى، پائالىيەتچى ئابلەھەت داۋۇت ئۆز ئائىلىسىنىڭ دۆربىلجىندە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئورنى كۆزگە كۆرۈنگەن چوڭ بىر جەمەت ئىكەنلىكى، يېقىنقى ئىككى يىلدا ئۇنىڭ تاغىلىرى، قېرىنداشلىرى ۋە نەۋرە تۇغقانلىرى بولۇپ، جەمئىي 14 كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىدىن ئېنىق خەۋىرى بارلىقىنى ۋە قالغانلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئادەم تۇتۇش دولقۇنىنىڭ خاسلىقلىرىدىن بىرى ‏-بۇ لاگېرلارغا ھەر بىر ئائىلىدىن ئاز دېگەندە بىردىن، كۆپ بولغاندا 10 نەچچىدىن، ھەتتا بەزى ئائىلىلەردىن جەمەت بويىچە 40-50 چە كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدۇر. ئاشكارىلىنىشىچە، دۆربىلجىنلىك جامائەت ئەربابى داۋۇت ئابلەت بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ بىۋاسىتە ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولۇپ، جەمەتىدىن جەمئىي 44 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. ئالاقىدار خادىملار ئابلەت داۋۇتنىڭ تۇتقۇندىكى قېرىنداشلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. داۋۇت ئابلەتنىڭ ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئوغلى ئابلەھەت داۋۇت دادىسىنىڭ 4 قېرىنداش ئىكەنلىكى، ئۇلاردىن تاغىسى ئازاد ئالماسنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقى، قالغان ئىككى تاغىسىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

ئابلەھەت يەنە قېرىنداشلىرىدىن ئالماس داۋۇت، رەپقەت داۋۇت، دىلمۇرات داۋۇت، كۈيئوغلى ئالىمجان، نەۋرە تۇغقانلىرىدىن مۇتەللىپ مۇسا، لېتىپ مۇسا ۋە ئەسقەر ئابلەيلەرنىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئادەم تۇتقۇندا ئۇنىۋېرسىتېتلار، تەتقىقات، ئاخبارات ۋە نەشرىيات ئورۇنلىرىنى ئاساسى نىشان قىلغىنىدەك يەنە جەمئىيەتتە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئورنى تىكلەنگەن نوپۇزلۇق ئائىلە ۋە غوللۇق جەمەتلەرنىمۇ نۇقتىلىق تۇتۇش ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتكەن. ئابلەھەتنىڭ تونۇشتۇرۇشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىنىسى ئالماس داۋۇت ئۈرۈمچىدە، نەۋرە تۇغقانلىرى مۇتەللىپ مۇسا ۋە لېتىپ مۇسالار بولسا دۆربىلجىندە خەلقئارا سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۇتۇق قازانغان تىجارەتچىلەردىن ئىكەن.

دۆربىلجىنگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا ئالاقىدار خادىملار داۋۇت ئابلەت جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئاساسەن تۇتۇلۇپ بولغانلىقىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

پائالىيەتچى ئابلەھەت داۋۇت سۆھبىتىمىز داۋامىدا بىر تاغىسىنىڭ 1980‏-يىللاردا خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، بۇ چاغدا دۆربىلجىندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ تەڭ قوزغىلىپ نامايىش قىلغانلىقى ۋە شۇ چاغدا زور بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ تۇتۇلۇپ جازالانغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ دۆربىلجىندە زىلزىلە پەيدا قىلغان ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى چۆچۈتكەن ئەنە شۇ ۋەقەنىڭ بۇ قېتىم ئۇنىڭ جەمەتىدىن 44 كىشىنىڭ تۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولغانلىق ئېھتىمالىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.