خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يېڭى ئۇرۇشى: رېئاللىق ۋە تەدبىرلەر (1)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىسپاتلىرى 2017-يىلىدىن باشلاپلا تاشقىي دۇنياغا مەلۇم بولۇشقا باشلىغان بولسا، ئارىدىن بىرەر يىل ئۆتمەستىن مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغانلىقى، كېيىنچە بۇ ساننىڭ بىر مىليوندىن ئىككى مىليونغىچە بولۇۋاتقانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ بۇ لاگېرلاردا روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلارغا، جۈملىدىن جىنسىي خورلۇق، مەجبۇرىي دورا ۋە ئوكۇللارغا نىشان بولۇش، ئوزۇقلۇق ۋە ئۇيقۇدىن مەھرۇم قالدۇرۇش دېگەنلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى خېلى ئۇزۇنغىچە بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئاخىرى تاغدەك پاكىتلار ئالدىدا بۇلارنىڭ «لاگېر» ئەمەس، بەلكى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» ئىكەنلىكى، بۇ ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتتە نامراتلىقنى تۈگىتىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا يول ئاچىدىغان «داغدام يول» ئىكەنلىكى توغرىسىدا سۆز قىلىشقا مەجبۇر بولدى. كېيىنچە خەلقئارانىڭ بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك بېسىملىرى ئالدىدا، بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇشقىمۇ مەجبۇر بولدى ھەمدە 2019-يىلى بۇ مەركەزلەرنىڭ كۆپ قىسمى تاقىلىپ، «كۇرسانتلار» نىڭ «ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكى» نى جاكارلىدى. ئەنە شۇنىڭدىن بۇيان، دۇنيا بۇ ھەقتە ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلاردا بولغان، بۇ ھەقتە بىر قىسىم تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ توختىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمىدى. جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد (James Millward)نىڭ «تاشقىي مۇناسىۋەت مەسىلىلىرى» ژۇرنىلىدا 23-يانۋاردا ئېلان قىلىنغان ئوبزورىدا مۇشۇ ھەقتىكى بىر قاتار مەسىلىلەر ئالاھىدە ئورۇن ئالىدۇ.

ئىنكاسقا ئىنكاسلار

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر سىستېمىسى دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەرنىڭ بېسىمىغا داۋاملىق سەل قاراشقا پېتىنالمىغان. شۇ سەۋەبتىن «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ «تاقالغانلىقى» نى شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ ئاغزىدىن دۇنياغا جاكارلىغان. ئەمما ئارىدىن ھېچقانچە ئۆتمەستىن بۇ «مەركەز» لەرنىڭ ئاللىقاچان يوشۇرۇن ھالدا رەسمىي تۈرمىلەرگە ئۆزگەرتىلگەنلىكى، تۇتقۇنلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ئېلان قىلىنغانلىقى، ئاز دېگەندىمۇ نەچچە يۈز مىڭ سابىق تۇتقۇننىڭ بۇ «مەركەز» لەردىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى، شۇنىڭدەك خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا ئەرزان باھالىق «زامانىۋى قۇل» سۈپىتىدە يۆتكىلىپ بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىققان.

چەت ئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار لاگېرلاردىن چىققان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆز ئۆيلىرىدە نەزەربەند ئاستىدا تۇرىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولغان. 2023-يىلىغا كەلگەندە بولسا ھازىرغا قەدەر مۇشۇ شەكىلدە مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ بولۇنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى لاگېرغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى تەخمىنلەر بارلىققا كەلگەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى لاگېرلار ماھىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يېڭى ئۇرۇشىدىكى ئاسسىمىلاتسىيە ۋە زۇلۇم پروگراممىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ خىلدىكى پروگراممىلاشقان زۇلۇم شەكلى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا خاس تىل-يېزىق، دىنىي ئېتىقاد، مىللىي مەدەنىيەت ئۆرنەكلىرى (مەسچىت، قەبرىستان، مازار) قاتارلىقلارنى چەكلىگەن؛ يېڭىدىن تۈزۈلگەن تارىخ دەرسلىكلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىرىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ خىتاي مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىن پەرقلىق بولغان ئالاھىدىلىكلىرىنى رەت قىلغان. تېخىمۇ مۇھىمى، 2014-يىلىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان، قانۇن ماددىلىرى تولىمۇ مەۋھۇم بولغان «تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق» قارشى نىزاملار كىشىلەرنىڭ نورمال بولغان كۈندىلىك دىنىي ۋە مەدەنىي ھايات پائالىيەتلىرىنى «جىنايەت» كە ئايلاندۇرۇپ قويغان. بۇنىڭ بىلەن كونتروللۇق ئ‍ۈچۈن بەرپا قىلىنغان ئاممىۋى ئەسلىھەلەر پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىنى ئۇرۇش رايونىغا ئوخشىتىپ قويغان. بۇ «ئۇرۇش رايونى» دا ساقچى پونكىتلىرى، ھەربىي چارلاش، تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى دېگەنلەر دائىملىق ھادىسە سۈپىتىدە مەۋجۇت بولغان. كېيىنچە بۇلارمۇ كەملىك قىلىپ رەقەملىك نازارەت ئومۇملاشتۇرۇلۇپ تېلېفون ئارقىلىق، چىراي ئارقىلىق، بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلار ئارقىلىق دېگەندەك ۋاستىلار بىلەن كىشىلەرنىڭ پۈتكۈل ھەركىتى يىپ-يىڭنىسىگىچە نازارەتكە ئېلىنغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يېڭى ئۇرۇش شەكلىدىكى ئاساسلىق مەزمۇنلاردىن بولۇپ قالغان.

بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، پروفېسسور جېمىس مىلۋارد بۇ «يېڭى ئۇرۇش» تىكى مەزمۇنلارنىڭ بىشارىتى ئەمىلىيەتتە بۇنىڭدىن خېلىلا ئىلگىرى بارلىققا كېلىپ بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ: «بۇ ئىشلار ئاددىيغىنە ھالدا 2016-ياكى 2017-يىللىرى چېن چۇەنگو شىنجاڭغا پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىنلا باشلىنىپ قالغان ئەمەس. ئەكسىچە بۇنىڭدىن خېلىلا بۇرۇن، ئاز دېگەندىمۇ 2009-ياكى 2010-يىللىرىلا باشلىنىپ بولغان. بەلكىم بۇنىڭ باشلىنىشىنى بۇنىڭدىنمۇ بالدۇر دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى شۇ ۋاقىتتا بولغان ئىشلار كېيىنكى ۋاقىتلاردا نېمىلەرنىڭ بولىدىغانلىقىدىن ئالدىن بىشارەت بەرگەن ئىدى. مەسىلەن، قارايدىغان بولساق شۇ ۋاقىتلاردىلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى دېگەن ساھەلەرگە مەنسۇپ ھادىسىلەرگە دەسلەپكى قەدەمدە چەكلىمىلەر قويۇلۇشقا باشلىغان. قەشقەرنىڭ چېقىپ تاشلىنىشىلا بۇنىڭ يالغۇز قەشقەر بىلەنلا تۈگىمەيدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نەزەرىدە مەدەنىيەتنىڭ مەركىزى، دەپ قارىلىپ كەلگەن قەشقەرنى چېقىش ئەينى ۋاقىتتا شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئىسلاھ قىلىش ھەركىتى شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئاشۇ ئىشلار بولۇپ نۇرغۇن يىللار ئۆتكەندە ئاندىن مازارلارنى، مەسچىتلەرنى چېقىشتەك يېقىنقى مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى ئومۇمى خور شەكلىدە ئىشقا ئاشتى. بۇلارغا يېقىندىن جۆر بولغىنى ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىنىڭ ياردىمى بولدى. تەقلىدىي ئەقىل ۋە يانفوننى مۇھىم ۋاستە قىلغان نازارەت مېخانىزىمى بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلار، شۇنىڭدەك بىر شەخسنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسى ئارقىلىق گۇرۇپپا-گۇرۇپپا ئادەملەر گۇمانلىق كىشىلەر تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى. كومپيۇتېردا بىر-بىرىگە باغلانغان بۇ كىشىلەر توپ-توپ بولۇپ ‹تەربىيەلەش مەركىزى› نامىدىكى لاگېرلارغا قامىلىدىغانلار قىلىپ بېكىتىلدى. بىزگە ئاشكارا بولغان كۆپلىگەن ھۆججەتلەر بۇ ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتتە تۈرمىلەردىن پەرق قىلمايدىغان ئەسلىھەلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ مەزگىللەردە زور تۇتقۇن قانچە ئەۋج ئالغانسېرى ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىققان ‹يەسلى› نامىدىكى بالىلارنى توپلاش ئورۇنلىرىنىڭ سانى ئېشىپ ماڭدى. چۈنكى بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى دەل ئاشۇ خىل لاگېرلارغا قامالغان ئىدى. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇغۇتنى چەكلەش تەدبىرلىرى تۈپەيلىدىن 2018-يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى 50 پىرسەنت كېمىيىپ كەتتى.»

قوزغالمىغان دىققەت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى بۇ يېڭى ئۇرۇشى جەريانىدا ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشتىكى يېڭى ۋاستىلار ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئىشلىتىلگەن. شۇلار قاتارىدا كەمدىن-كەم خىتايلار بىلەن تويلىشىدىغان ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنى مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايلار بىلەن تويلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى توختىتىپ قويۇش، شۇنداقلا ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە بەند قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايچە تىل ۋە خىتايچە مەدەنىيەتنى سىڭدۈرۈش، ئانا تىلىدا سۆز قىلىشقا ئۇرۇنغانلارغا قاتتىق جازا بېرىش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، دەپ قارالغان. ئەنە شۇ تەرىقىدە مەيلى لاگېردا بولسۇن ياكى باشقا ئورۇنلاردا بولسۇن، بۇ خىل ۋاستىلارنىڭ قۇربانلىرى ئۆز تىلىدا سۆزلەشكە رۇخسەت قىلىنمىغان. بۇنىڭ بىلەن «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ماھىيەتتە ئەينى ۋاقىتتىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشى بولغان بولسا، بۇ خىلدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەر بۇنىڭدىن بىرنەچچە ئەسىر ئىلگىرىكى ياۋروپا جاھانگىرلىكىنىڭ ئۆزلىرى ئىشغال قىلغان جايلاردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى مەجبۇرىي يوسۇندا ئاسسىمىلاتسىيە قىلغىنىدەك كونا شەكىلنىڭ 21-ئەسىردە قايتىدىن تەدبىقلىنىشى بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ خىل ئۆسمۈرلەردىن باشلاپ ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش تەدبىرلىرى غايەت زور ساندىكى خىتاي نوپۇسىنى مەزكۇر رايونغا كۆچمەن قىلىپ يۆتكەشتەك مۇستەملىكە سىياسىتى تۈپەيلىدىن تېخىمۇ «ئۈنۈملۈك» روللارنى ۋۇجۇتقا چىقارغان.

پروفېسسور جېيمىس مىلۋاردنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشتا مۇشۇ سەۋىيىگە يەتكەنگە قەدەر دۇنيانىڭ دىققىتى يەنىلا دەسلەپكى بىرنەچچە يىلدا بۇ ھادىسىلەرگە ئانچە كۈچلۈك مەركەزلەشمىگەن. يەنە كېلىپ دەل مۇشۇ ۋاقىتلاردا پارتلاپ چىققان تاجىسىمان ۋىرۇسى ھەمدە دۇنياغا يېيىلىشقا باشلىغان ۋابا ۋەھىمىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ ئىشلارنى بىر ياققا قايرىپ قويغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزىشى بولسۇن ياكى شى جىنپىڭنىڭ ئۈچىنچى قېتىم رەئىس بولۇپ «سايلىنىشى» بولسۇن دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارغا بۇرىماي تۇرۇپلا ئىشقا ئېشىۋەرگەن. كېيىنكى مەزگىللەردە بولسا ھەتتا شى جىنپىڭنىڭ بەخۈدۈك دۇنيا رەھبەرلىرى بىلەن، جۈملىدىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن سۆھبەتتە بولۇشىغىمۇ ئاساسەن دەخلى قىلمىغان.

ئاپتور ئالاھىدە تەكىتلىگەن بىر نۇقتا شۇكى، نۆۋەتتە شى جىنپىڭ خۇددى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەھشىيلىكتىن قول ئۈزگەندەك بىر قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. ئەمما تۈرلۈك ئۇچۇر يوللىرىدىن مەلۇم بولۇۋاتقان خەۋەرلەر، بۇ جايدىكى قاباھەتنىڭ ئىزچىل بۇرۇنقى شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇنداق ئەھۋالدا دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىدە تېخىچە ئاشۇ خىل تۆۋەن سەۋىيىدىكى «دىققەت» نى داۋام قىلدۇرۇشى ھەر ساھەنى جەزمەن ئويلاندۇرۇشى كېرەك بولغان بىر ھادىسە ھېساپلىنىدۇ.

بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ۋاقىتتىكى ئىشلارغا قارىساق، بۇلار دەماللىققا شىنجاڭنى خىتايدىكى ۋەزىيەتتىن پۈتۈنلەي ئايرىم بىر رامكا ئىچىگە ئالغاندەك كۆرۈنىدۇ. بولۇپمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش دېگەنلەر ‹ئۇيغۇرلارنى باي قىلىش› شوئارى بىلەن ئوتتۇرىغا چققان. ئەمما بۇلارنىڭ كۆلىمى لاگېر سىستېمىسىدىن كېيىن زور دەرىجىدە ئاشتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى يەرلىك ئۇيغۇرلارنى نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى زاۋۇتلارغا ئىشلەمچى بولۇپ بېرىشقا چاقىرغاندا، ئۇلارنىڭ بۇ چاقىرىققا قارشى تۇرغۇدەك جۈرئىتى قالمىغان ئىدى. يەنە كېلىپ بۇ ۋاقىتلاردا لاگېرلاردىن ئەمگەك كۈچى يۆتكەش ئاللىقاچان باشلىنىپ بولغان. بۇ يۆتكەلگەن ئىشچىلار ئاساسلىقى ‹شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش› پروگراممىسىغا قاتناشقان شەرقىي خىتاي تەۋەسىدىكى 18 شەھەر ۋە ئۆلكىنىڭ زاۋۇتلىرىغا يۆتكەلگەن ئىدى. بۇ ھال ماھىيەتتە شىنجاڭدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە لاگېر سىستېمىسىنىڭ شەرقىي خىتايدىكى شېنجېن، دوڭگۇەن، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن بىۋاستە باغلىنىشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ شەھەر ۋە ئۆلكىلەرنىڭ شىنجاڭدىكى ھادىسىلەردىن بىۋاستە نەپ ئېلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە تۇتقۇن، لاگىر، تۇغۇت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى، ئائىلىلەرنىڭ جۇدالىقى، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىشى دېگەنلەر ئەمەلىيەتتە بىر-بىرىگە چەمبەرچاس باغلانغان بىر پۈتۈن ھادىسە بولۇپ چىقىدۇ.»

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ئەنە شۇ تەرىقىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەنلىكى، يەنە كېلىپ بۇ تارىخىي ھادىسىنىڭ باش قوماندانى ۋە لايىھىلىگۈچىسى بېيجىڭدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى بىر قاتار ئىمبارگو چارىلىرىنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى كېچىككەن تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىشقا باشلىغان.

بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار، دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.