خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يېڭى ئۇرۇشى: رېئاللىق ۋە تەدبىرلەر (2)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولغان ۋاقىتلاردا خەلقئارا بىر مەھەل گاڭگىراش ۋە تېڭىرقاش ئىچىدە بۇ ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلدى. ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باشلامچى بولۇپ بۇ خىل قاباھەتنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىشى 2021-يىلى 19-يانۋاردا ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن، دۇنيا مىقياسىدا بۇ خىل قىرغىنچىلىقنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى ھەمدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش، شۇنىڭدەك بۇنىڭغا قارشى بەزى تەدبىرلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش دەسلەپكى قەدەمدە روياپقا چىقتى. ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى جورج توۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد (James Millward) نىڭ «تاشقى مۇناسىۋەت مەسىلىلىرى» ژۇرنىلىدا 23-يانۋاردا ئېلان قىلىنغان ئوبزورىدا مۇشۇ ھەقتىكى بىر قاتار مەسىلىلەر ئالاھىدە ئورۇن ئالىدۇ.

بەكمۇ كېچىككەن تەدبىرلەر

ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇن ۋە لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئاراغا دەسلەپ مەلۇم بولغان 2017- ۋە 2018-يىللىرى دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق ئىنكاستا بولۇشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىغا قاراشلىق بولۇپ قالغان. ئەمما ئامېرىكا بۇ مەسىلىگە تېزدىن ئىنكاس قايتۇرمىغان. پروفېسسور جېيمىس مىلۋاردنىڭ قارىشىچە مۇخبىرلار، تەتقىقاتچىلار، لاگېر شاھىتلىرى قاتارلىقلار ئارقىمۇ-ئارقىدىن لاگېرلاردىكى دەھشەتلەردىن مەلۇمات بەرگەن بولسىمۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇ ھەقتە بىرەر ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشقا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانۇن لايىھەسى ماقۇللاشقا تېزدىن ئاتلىنالمىغان. شۇ ۋاقىتتىكى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ستېۋېن منۇچىن (Steven Mnuchin) ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان سودا سۆھبىتىگە ھېچقانداق تاشقى ئامىلنىڭ سايە تاشلىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىۋاتقان بولغاچقا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەردە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان. يەنە كېلىپ «ئالما»، «كوكا-كولا»، «نايكى» قاتارلىق چوڭ شىركەتلەرمۇ بەس-بەستە يول مېڭىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بازىرىدىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداپ قېلىشقا تىرىشقان. شۇنداقلا خىتايغا قارشى ئىقتىسادىي جازا قوللىنىشقا قارشى مەيدانلىرىنى ئىپادە قىلغان.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھالدا بىر پۈتۈن مىللەتنى يوقىتىش ئوبيېكتى قىلىۋاتقانلىقى بارغانسېرى ئايدىڭ بولغاندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا «يەرشارى ماگنېتىسكى قانۇنى» بويىچە چارە قوللىنىش قارارىنى ئالغان. شۇ قاتاردا 2020-يىلى ئىيۇندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبيو (Marco Rubio) تەشەببۇس قىلغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» رەسمىي ھالدا ماقۇللانغان ۋە سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان. ئەنە شۇ تەرىقىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلغان خىتاي شىركەتلىرى ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلىشنىڭ پەردىسى ئېچىلغان.

بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئاشكارا ھالدا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى قارارىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي 2021-يىلى دېكابىردا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» رەسمىي ماقۇللاندى. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەنگەن «ھەرقانداق مەھسۇلات ياكى تاۋارنىڭ مەيلى قىسمەن بولسۇن ياكى تولۇق بولسۇن ھېچقانداق مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە ئۇلارنى ئامېرىكا بازىرىغا ئىمپورت قىلىشقا بولمايدۇ» دەپ بېكىتتى. ئەنە شۇ تەرىقىدە ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندىمۇ يۈز نەچچە خىل خىتاي شىركەتلىرىگە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ۋە شەخسلەرگە جازا ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەنە شۇ تەرىقىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە بۇ ھەقتە بىر قاتار قانۇنلارنى ماقۇللىغاندىن كېيىن بىر قىسىم غەرب ئەللىرى، جۈملىدىن كانادا، ئەنگلىيە ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇستەملىكىچىلىك، نوپۇس كۆچۈرۈش ۋە ئېكسپىلاتاتسىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋاسىتىلىرى بولغان «ش ئا ئا ر جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى»، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» قاتارلىق ئورۇنلارغا ئىقتىسادىي جازا ئېلان قىلغان. شۇ قاتاردا بېلگىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە قاتارلىق بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇ دولقۇنغا ئەگىشىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىلمىشىنى «قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغان. «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ۋە «خىتاي ھەققىدىكى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» مۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە ئاشۇنداق خۇلاسىلەرنى ئېلان قىلغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد مۇنداق دەيدۇ. .

«شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بېسىملار خىتاينىڭ سىرتىدا بىر چوڭ خەلقئارالىق ئىنكاس دولقۇنى قوزغىغانىدى. چۈنكى (چەتئەلدىكى) كىشىلەر 2018-يىلىدىن باشلاپلا بۇ ئىشلاردىن تولۇق خەۋەردار بولۇشقا باشلىغان. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا ئېلىپ كىرىش چاقىرىقى ۋۇجۇدقا كەلدى. ئەپسۇس بۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا ب د ت قارمىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەنىدى. شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ب د ت دائىرىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئاجىز كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم دېموكراتىك دۆلەتلەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە بۇ ھەقتە بىرلەشمە مەكتۇپ يوللاپ ئۇيغۇرلارنىڭ دات-پەريادىنى يەتكۈزدى. خىتاي بولسا تېزدىن بۇنىڭدىنمۇ كۆپ دۆلەتنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ مەزكۇر باياناتقا قارشى باياناتنى تەييارلاپ چىقتى. بۇنى ئاز دېگەندەك ئىسلام دۆلەتلىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللاپ ئوتتۇرىغا چىقتى. چۈنكى بۇ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىزچىل كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ھاكىممۇتلەق دۆلەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىسلام دۆلىتى بولغان ياكى بولمىغانلىقى بۇ مەسىلىدە ئانچە چوڭ رول ئوينىمىدى. ھالبۇكى ترامپ ھۆكۈمىتى مۇشۇ مەزگىلگە قەدەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كەسكىن تەكىتلىمىدى. دېمەكچىمەنكى، خىتايغا قاتتىق بولۇشتا تونۇلۇپ كەلگەن دونالد ترامپ شۇ ۋاقىتقا قەدەر ئۇيغۇرلار مەسىلىنى تۇتقا قىلغان ھالدا خىتايغا قاتتىق بولالمىدى. بۇ ئەھۋال تاجسىمان ۋىرۇس يامرىغاندىن كېيىن ئاندىن ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەردى».

تەدبىرلەر قانچىلىك رول ئوينىدى؟

پروفېسسور جېيمىس مىلۋاردنىڭ قارىشىچە، خىتايغا قارىتا ئېلان قىلىنغان ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىنىڭ قانچىلىك تەسىرى بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئاسان ئەمەس. چۈنكى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلاردىن مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق تاۋارلارغا قارشى بولغان قانۇنلارنى ئىجرا قىلىش قىيىن بولغانلىقتىن كوروپكىسىغا ئۇيغۇر دىيارىدا ئوراپ-قاچىلانغانلىقى ئېنىق يېزىلغان مېغىزلار ۋە قۇرۇق مېۋىلەر ئامېرىكا تەۋەسىدىكى دۇكانلاردا ئىزچىل كەڭرى سېتىلىپ كەلگەن. بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر بۇ خىل ئاچچىق رېئاللىقنى پاش قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسى 2023-يىلى يانۋاردا «شىنجاڭ چىلانلىرى» نامىدىكى بىر يۈرۈش مەھسۇلاتنى نېۋ جېرسېي شتاتىدا مۇسادىرە قىلغان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا خام ئەشيا قىلىنغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە كىيىم-كېچەكلەر بولسا ئۈچىنچى بىر دۆلەتتە ئىشلەنگەن تاۋارلار نامىدا ئامېرىكا بازىرىغا ئېكسپورت قىلىنغان ۋە سېتىلغان.

مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە غەرب دۇنياسى ئېلان قىلغان ئىقتىسادىي جازانىڭ قانچىلىك ئۈنۈمى بولغانلىقىنى دەڭسەپ كۆرۈش ھازىر تېخىمۇ مۇمكىن بولماي قالغان. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئۈچ يىلدا قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدا ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ ئۇزۇن يولغا قويغان «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدىكى قامال چارىلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي چېكىنىشلەر خىتايدا كۆرۈلۈۋاتقان ھازىرقى زىيانلارنىڭ قايسىسى ئېمبارگونىڭ ئاقىۋىتى، قايسىسى يۇقۇمنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ئىكەنلىكىنى ئايرىغىلى بولماس قىلىۋەتكەن. ئەمما تۈرلۈك ئۇچۇرلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىش قارارىنىڭ قىلچىلىكمۇ تەۋرىنىپ قالمىغانلىقىنى، ئۇيغۇر دىيارىنى رەقەملەشكەن گۇلاگ سىستېمىسىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ غايەت زور ئىقتىسادىي چىقىم بەدىلىگە داۋام قىلىشى ھېچقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىككىلەندۈرۈپ باقمىغانلىقىنى، خىتاي كۆچمەنلىرىنى بۇ رايونغا يەرلەشتۈرۈشكە ئاجرىتىلغان خىراجەتنىڭ ئىزچىل پۈتمەس-تۈگىمەس شەكىلدە ئەۋەتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد مۇنداق دەيدۇ.

«شىنجاڭنى نىشان قىلغان بۇ ئىقتىسادىي جازالار ھازىر خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە زادىلا قاملاشمىغان بىر قاراش. چۈنكى بەزىلەرنىڭ شىنجاڭدا بولۇۋاتقان ئىشلارنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە باغلىۋېلىشى بەكلا ئاسانغا چۈشىدىغان نەزەرىيە بولۇپ قالغان. شۇڭا مەن بۇ خىل قاراشنى ئادىل ۋە توغرا، دەپ قارىمايمەن. ھازىر بىر قاتار ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرى، يەرشارى ماگنېتىسكى قانۇنى ۋە بىز دەۋاتقان قانۇن لايىھەلىرى دەل بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا نىشانلىق ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. بەزىلەر بۇ ئېمبارگولار ۋە باشقا تەدبىرلەرنى ئەمەلىي ئۈنۈم قازىنىشتىن كۆرە سىمۋوللۇق مەنىگە بەكرەك ئىگە بولۇۋاتىدۇ، دەۋاتىدۇ. مەيلى ئۇلار سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە بولغان ھالەتتىمۇ شىنجاڭدىكى سىياسەتلەر تۈپەيلىدىن خىتاينىڭ ئابرۇيى يەرگە ئۇرۇلۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە قاتارلىقلار بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە ئورتاق پىكىرگە كېلىشىگە يول ئېچىۋاتىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىر ھۆكۈمەتلەر، پارلامېنتلار ۋە تەشكىلاتلار بۇ ئىشلارنى بىردەك ‹قىرغىنچىلىق› دەپ قاراۋاتىدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىككى قانۇن لايىھەسى دۆلەت مەجلىسىدە ماقۇللاندى. نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشلار ھازىر يۈز بېرىۋاتىدۇ؟ يەنە كېلىپ بۇرۇن ئەمەس، ئەمدىلىكتە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ؟ گەپ شۇ يەردىكى، بۇ كۈرەش ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئاشقۇنلۇققا، بولۇپمۇ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بۇنىڭغا دەستەك قىلىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي دەۋاتقان بۇ تېررورلۇق ھەققىدىكى بايانلار لاگېرلار باشلانغان 2016- ۋە 2017-يىللىرىدىن بۇرۇنلا 20 يىلغا يېقىن داۋام قىلغان كونا نەزىرىيەلەردۇر».

ئەمما ھازىرقى رېئاللىقتىن ئالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىنىڭ ئاقىۋىتى نۆۋەتتىكى يۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك قامال چارىلىرى بىكار قىلىنىپ خىتاي بىلەن دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى سودا يېڭىۋاشتىن باشلىنىۋاتقاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنىڭدا بىر ياقتىن خىتاينىڭ ئېكسپورت تاۋارلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشقا مەجبۇر بولسا يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇر دىيارى بىلەن باغلىنىشلىق دۇنياۋى شىركەتلەر ھازىر تۇشمۇتۇشتىن ئۇيغۇر دىيارىدىن، شۇنداقلا خىتايدىن ئايرىلىشقا باشلىغان.

يەنە بىر ياقتىن خىتاي ئىزچىل بازارغا سېلىپ كېلىۋاتقان «چىلبۆرە دىپلوماتىيەسى» ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئابرۇيىنى ۋە دىپلوماتىك ئوبرازىنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىپ، خىتايغا قارشى كۈچلەرنى كۆپەيتكەن. بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر دىيارىغا مۇناسىۋەتلىك ئېمبارگو چارىلىرىگە تولىمۇ قوپاللىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئامېرىكا تەرەپكە سىلجىشقا مەجبۇر قىلغان. بۇنىڭ يەنە بىر بىۋاسىتە تەسىرى خىتاينىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان ئالاقىسىدىمۇ كۆرۈلگەن. 2022-يىلى دېكابىردا تەيۋەن رەسمىي ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر دىيارىدا قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، دەپ جاكارلىغان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلغانلىقنىڭ ئۆزى خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننى «بىرلىككە كەلتۈرۈش» نىڭ ئاساسى، دەپ كېلىۋاتقان «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» شوئارىنىڭ سۇغا چىلاشقانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىردىن-بىر ۋاسىتە بولۇپ قالغان قورال كۈچى ئارقىلىق تەيۋەننى «بىرلىككە كەلتۈرۈش» كە تەرەددۇت قىلىشى ئۆز نۆۋىتىدە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويغان. بۇ مەنىدىن ئالغاندا شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش ئارقىلىق خىتايدا مۇتلەق بىخەتەرلىك ئورنىتىش تىرىشچانلىقى ئەكسىچە ئۈنۈم پەيدا قىلغان.

ئەنە شۇ تەرىقىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئەڭ ئاخىرىدا خىتاينى بىخەتەرلىككە ئەمەس، تېخىمۇ چوڭ پاراكەندىچىلىككە گىرىپتار قىلغان. بىرنەچچە قېتىملىق خەلقئارا راي سىناش پائالىيەتلىرىدە خەلقئارانىڭ خىتاي ھەققىدىكى ئەندىشىلىرى ئىزچىل ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان. شۇ سەۋەبتىن جازا لاگېرلىرى ئاۋسترالىيە، كانادا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىمۇ خىتايغا قارشى پىكىرگە ئېلىپ كەلگەن. ئەمما خىتاي ھېچقاچان پۇقرالارنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئەمەس، ئەكسىچە خۇسۇسىي دىكتاتورلۇق ئاساسىدا ئىش كۆرىدىغان بولغاچقا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىشلارنى توختىتىش ھەققىدە پەقەت شى جىنپىڭلا قارار چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە. تاجسىمان ۋىرۇسى تولۇق كونترول قىلىنغانلىقتىن ئەمەس، ئەكسىچە «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نى نىشان قىلغان قامال چارىلىرى ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردە ئېغىر بەدەل تۆلەشكە ئېلىپ كەلگەنلىكتىن شى جىنپىڭ بۇ سىياسەتتىن ۋاز كەچكەن. ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى نەزەرگە ئالغان ھالدا «خەلقئارا دۇنيا مۇشۇ خىلدىكى جازانى داۋام قىلدۇرالىسا ۋاقىت ئۆتكەنسېرى خىتاينىڭ ئۆزى بۇ زالىملىقنىڭ بەدىلىنى قوبۇل قىلالماس ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. شۇ ۋاقىتتا شى جىنپىڭ لاگېرنى تاقاشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ.