ناخشىچى جانارگۈلنىڭ ئاپىسى، ئىككى ئاكىسى ۋە ئاچىسىنىڭمۇ ساقچىخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ خەلقاارا ئاخباراتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جاسارەتلىك قازاق ناخشىچى جانارگۈل جۈمەتاي ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر سايباغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئىزچىل ئېلىپ بارغان تېلىپون زىيارەتلىرى داۋامىدا جانارگۈلنىڭ ئاپىسى، ئاچىسى ۋە ئىككى ئاكىسىنىڭمۇ نۆۋەتتە ئۈرۈمچى ناھىيەلىك بانفاڭگو ساقچىخانىسىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

جانارگۈل بىلەن ئىزچىل ئالاقە قىلىپ كېلىۋاتقان دانىيەلىك تەتقىقاتچى يۈسۈپجان (يەنى Rune Stenberg)نىڭ بايان قىلىشىچە، جانارگۈل جۈمەتاي تۇتۇلۇپ كەتكەن دەسلەپكى كۈنلەردە، جانارگۈلنىڭ ئۇچۇرىنى ئۇنىڭ ئاچىسى ۋە ئاپىسىدىن سۈرۈشتە قىلغان. ئارىدىن 3 كۈن ئۆتكەندە، يەنى 13‏-فېۋرال كۈنى ئۇلارنىڭمۇ تېلېفونى ئېلىنمىغان. نەتىجىدە يۈسۈپجان ئۇلارنىڭمۇ تۇتۇلغانلىق ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلغان. يۈسۈپجان تەمىنلىگەن سۆھبەت خاتىرسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جانارگۈلنىڭ ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا مەزكۇر ناھىيەنىڭ بەنفاڭگۇ بازىرىدىكى تيانشان ئاھالىلەر رايونى ساقچىخانىسىنىڭ گۈلپىيە ئىسىملىك بىر خادىمى مەسئۇل بولغان.

شۇڭا بىز جانارگۈلنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق ۋە گۈلپىيە ئىسىملىك ساقچى خادىمى بىلەن كۆرۈشۈشكە تىرىشتۇق.

ئەھۋال ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى، جانارگۈل جۈمەتاي تۇتقۇن قىلىنىپ 3 كۈندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاچىسى تۇرۇشلۇق تيانشان ئاھالىلەر رايونىدا بىر يىغىن ئېچىلغانلىقى، يىغىنغا جانارگۈلنىڭ ئاپىسى، ئاچىسى ۋە ئاكىسى چاقىرتىپ ئەكىلىنىپ، جانارگۈلنى توسۇمىغانلىقى ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا تەنقىد قىلىنغانغلىقى، شۇنداقلا يىغىندىن كېيىن يەنە ئائىلىسىگە كەتكۈزمەي ساقچىخانىنىڭ قاماقخانا ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان يەر ئاستى ئۆيىگە سولىۋالغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئۇ يەنە جانارگۈلنىڭ دېلوسىغا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى ئورالقان ئىسىملىك بىر خادىمنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتتى. ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىمى ئۆز تەۋەلىكىدە 18 ساقچىخانا بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورالقان ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى، ئەمما جانارگۈلنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەقققىدە ئۈرۈمچى ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ چوقۇم مەلۇماتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى ناھىيە بەنفاڭگۇ بازارلىق ساقچى خادىمى، جانارگۈلنىڭ ئاپىسى، ئاچىسى ۋە ئىككى ئاكىسىنىڭ نۆۋەتتە مەزكۇر ساقچىخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى. ئۇ، بۇلارنىڭ تۇتۇلۇشىنىڭ جانارگۈل بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاھالىلەر رايونىدا ئېچىلغان بىر يىغىندىن كېيىن تۇتۇلغانلىقىنى يوشۇرمىدى. يوقۇرىقى سۆھبەت خاتىرىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جانارگۈلنىڭ ئاپىسىنىڭ سالامەتلىكىدە ئېغىر مەسىلە بار بولۇپ، جانارگۈل تۇتۇلغان كۈنىمۇ بىر قانچە قېتىم ھوشىدىن كەتكەن. بىز مەزكۇر ساقچى خادىمىدىن جانارگۈلنىڭ ئاپىسىنىڭ نۆۋەتتىكى سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. بۇ خادىم ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ كۆرسىتىپ، بۇ سوئالىمىزغا جاۋاپ بەرمىدى.

بىز يەنە جانارگۈلنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قانچىلىك ۋاقىت تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقى ۋە قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۈرۈمچى ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ جىنايى ئىشلار بۆلۈمىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم، ئۆزلىرىنىڭ جانارگۈلنىڭ دېلوسىغا خىزمەت جەھەتتىن ئالاقىسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاپ بەرمىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر كىشى «خاتالىق» ئۆتكۈزسە، ئائىلە بويىچە جازالاش ئەنئەنىسى بارلىقىنى، بۇ ئەنئەنىنىڭ 2017‏-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا تېخىمۇ كەڭ ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن يۈسۈپجان ئەپەندى، جانارگۈلنىڭ تۇتۇلۇشىغا ھەيران بولمىغىنىدەك، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتۇلۇشىغىمۇ ھەيران قالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. جانارگۈلنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئالاقىدار خەلقئارا ئورگانلار ۋە دىپلوماتلار بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن يۈسۈۇپجان ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇنداق غەيرىي ئىنسانىي جازالاش تەدبىرلىرى ئۆتمۈشتە ئۈنۈم بەرگەن بولسىمۇ، بۈگۈنكى دەۋردە كارغا كەلمەيدىغانلىقى ۋە كۈتكىنىنىڭ ئەكسىچە نەتىجە بېردىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يۈسۈپجان يەنە قانۇن بىلەن باشقۇرالمايۋاتقان بىر دۆلەتتە ھەرقانداق بىر دېلونىڭ ئاقىۋتىنى تەخمىن قىلىشنىڭ تەس ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خەلقئارادىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى جانارگۈلگە ئوخشاشلا ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئاقىۋىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەركەت قىلىشقا چاقىردى.