ئۈرۈمچىدە 3 يىلدىن بۇيان نەزەربەند ئاستىدا ياشاۋاتقان سابىق تۇتقۇن، قازاق سەنئەتكار جانارگۈل جۈمەتاي ئۆتكەن ھەپتە خەلقئارا ئاخباراتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ خەلقئارا جامائەتتىن ياردەم تەلەپ قىلغانىدى. ئۇنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلغان تەتقىقاتچى رۇن ستېنبېرگ (Rune Stenberg) ئەپەندىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، لاگېردىن چىققاندىن كېيىن نەزەربەندتىن قۇتۇلالمىغان جانارگۈل جۈمەتاي، ئۆزىنىڭ قازاقىستاندا چالا قالغان تىجارەت ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىپ كېلىۋاتقان ۋە ئىلتىماسى رەت بولۇۋاتقانىكەن. جانارگۈل ئەھۋالنى خەلقئاراغا ئاشكارىلىغاندىن كېيىن قازاقىستاننىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى بۇ ئىشقا ئارىلىشىشقا باشلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، داڭلىق ناخشىچى جانارگۈل جۈمەتاي، 1999-يىلى قازاقىستانغا چىقىپ ئوقۇغان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن قازاقىستان ئاخبارات ساھەسىدە مەلۇم مەزگىل خىزمەت قىلغانىكەن. ئۇ، 2008-يىلى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ شىركەت قۇرغان ۋە قازاق جەمئىيىتىدە سەنئەت ساھەسىدە خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ سەنئەت ساھەسىدىكى خىزمەتلىرى بىر مەھەل خىتاينىڭ ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ۋە ئۇنىڭغا مۇكاپاتلار بېرىلگەن. ئەمما، ئۇ كېيىنكى يىللاردا يايلاقلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ۋە يېتەرلىك تۆلەمگە ئېرىشەلمىگەن قازاق خەلقىنىڭ دەرد-شىكايەتلىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق ۋە دۆلەتلىك ئالاقىدار ئورگانلارغا يەتكۈزگەن. ئۇ بۇ سەۋەبلىك 2017-يىلى كۈزدە تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ 2، يىل «تەربىيە» لەنگەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن؛ ئەمما مېڭىش-تۇرۇشى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. نەزەربەند ئۇنى، سۆيگەن سەنئەت ساھەسىدىنلا ئەمەس، تىجارەت ھاياتىدىن، جۈملىدىن تىرىكچىلىك ھاياتىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرغان. نەتىجىدە ئۇ قازاقىستاندا چالا قالغان تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە شەخسىي تۇرمۇش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن قازاقىستانغا چىقىشنى پىلانلاپ پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغان. ئۇنىڭ پاسپورت تەلىپى رەت قىلىنىپلا قالماي، تېخىمۇ قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. لاگېردا تارتقان ئازابلىرى ۋە نەزەربەند ئاستىدا باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىرىغا قاراپ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلغان جانارگۈل ئەھۋالىنى خەلقئارا جامائەتكە ئاشكارىلاشقا قارار قىلغان.
چېخ جۇمھۇرىيىتىدىكى ئولوموس پالاكي ئونىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى يۈسۈپجان بولغان دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىسى، ئانتروپلوگ رۇن ستېنبېرگ ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا يوللىغان سۆھبەت خاتىرىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جانارگۈل جۈمەتاي، ئۇنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىن بۈگۈنگىچە يەنى 9-يانۋارغىچە خىتاي تەرەپنىڭ تېخى دەخلى-تەرۈزىگە ئۇچرىمىغان. ئەكسىچە ئۆزىگە بولغان نازارەت مەلۇم دەرىجىدە بوشىغان. مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان ئەلچىخانىسى جانارگۈلنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن كۆرۈشكەن.
بۇ سۆھبەت خاتىرىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، جانارگۈلنىڭ پاسپورت ئىلتىماسىغا قارىتا بۇ نۆۋەت ئاشكارا رەت پوزىتسىيەدە بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر جانارگۈلگە ئىلگىرى كۆپ قېتىم يالغان سۆزلىگەن ۋە ۋەدىسىدىن يېنىۋالغان بولغاچقا، جانارگۈل بۇ قېتىمقى كۆرۈنۈشتىكى ئىجابىي يۈزلىنىشتىن خاتىرجەم بولالمىغان. ئۇ تاكى پاسپورتىنى قولىغا ئالمىغىچە ۋە چېگرادىن ساق-سالامەت چىقىمىغىچە، خەلقئارا ئاخباراتتىن ئالاقىسىنى ئۈزمەيدىغانلىقى ۋە مۇمكىن بولسا، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
بىز، بۈگۈن 9-يانۋار مەزكۇر تەرەققىياتنىڭ سەۋەبكارلىرىدىن بىرى بولغان يۈسۈپجان ئەپەندىدىن جانارگۈلنىڭ ئەھۋالى ۋە ئىشنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە تەسىراتىنى سورىدۇق. ئۇ جانارگۈلنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي ئېھتىماللىقلار ھەققىدە تەخمىنلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن جانارگۈل جۈمەتاينىڭ ھەققانىيەتچىلىكى ۋە تىز پۈكمەسلىكىگە قارىتا قايىللىقىنى بىلدۈردى. ھەرقانداق بىر تۈزۈلمىنىڭ ئاجىز-كۈچلۈك نۇقتىلىرى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن يۈسۈپجان ئەپەندى، خىتاينىڭ مەۋجۇت ئەھۋالىغا قارىتا تەدبىرلىك بولغان ئەھۋال ئاستىدا، مەسىلىلەرنى تۈپتىن بولمىسىمۇ قىسمەن ھەل قىلغىنى بولىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
يۇقىرىدا، ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ خەلقئارا جامائەتتىن ياردەم تەلەپ قىلغان جانارگۈل جۈمەتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.