ئۈتكەن ئاينىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ خەلقئاارا ئاخباراتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋە خەلقئارا جامائەتتىن ياردەم سورىغان جاسارەتلىك قازاق سەنئەتكار جانارگۈل جۈمەتاينىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ساقچى ئورگانلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، جانارگۈلنىڭ ئۈرۈمچى سايباغ رايونلۇق ج خ تارماق ئىدارىسىنىڭ دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەندى.
جاسارەتلىك قازاق سەنئەتكار جانارگۈل جۈمەتاي، ئۆتكەن ئاينىڭ بېشىدا خەلقئارا ئاخباراتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋە قازاق خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى دۇنياغا ئاڭلاتقان ئىدى. ئىلگىرى 2 يىل لاگېردا يېتىپ چىققان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن يەنە 3 يىل نەزەربەنتتىن قۇتۇلالمىغان جانارگۈل خەلقئارا ئاخباراتقا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ شەخسىي تەلەپلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە تارتىۋېلىنغان پاسپورتىنى قولىغا ئېلىپ قازاقىستانغا چىقىش ۋە ئۇ يەردە چالا قالغان تىجارىي ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. بۇ تەلەپ ۋە شىكايەتلىرى ئۈچۈن بېشىغا كېلىدىغان ھەرقانداق ئاۋارىچىلىققا رازى كەنلىكىنى بىلدۈرگەن جانارگۈل، خەلقئارا ئاخباراتچىلارنىڭ ئۆزى بىلەن ئىزچىل ئالاقە قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
جانارگۈل بىلەن ئىزچىل ئالاقە قىلىپ كېلىۋاتقان چېخ جۇمھۇرىتىدىكى دانىيەلىك تەتقىقاتچى رۇنى ستېنبېرگ (Rune Stenberg ، ئۇيغۇرچە ئىسمى يۈسۈپجان) ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، جانارگۈل 10-فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. يۈسۈپجان يوللىغان ئاۋاز خاتىرىسىن مەلۇم بولۇشىچە، جانارگۈل تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئۇنىڭ نەگە ئەكىتىلگەنلىكى ھەققىدە ھىچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان.
بىز جانارگۈلنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، جۈملىدىن نەدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق.
يۈسۈپجان تەمىنلىگەن سۆھبەت خاتىرىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىللاردىن بېرى ئۇنى ئىزچىل نازارەت قىلىپ كېلىۋاتقان، بولۇپمۇ بىر ئايدىن بېرى ئورۇنسىز تېلېفون ۋە سۆھبەتلەر بىلەن پاراكەندە قىلىپ كېلىۋاتقان ساقچى خادىملىرى، ئۇ ھەدىسىنىڭ ئۆيىگە كېلىشى بىلەنلا ئۇنى يەنە ئاۋارە قىلىشقا باشلىغان. مەزكۇر تەۋلىكتىكى بىر ساقچى خادىمى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، ئۆيىدە بار-يوقلۇقىنى سورىغان. جانارگۈل مەزكۇر ساقچىنىڭ ئورۇنسىز سوئاللىرغا جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلغان.
10-فېۋرال كۈنى چۈش مەزگىلىدە ئىككى نەپەر ساقچى خادىمى، ئۇنىڭغا يەتكۈزىدىغان مۇھىم بىر ئۇچۇر بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەنى ئۇنى ئۆيىدىن ئالداپ ساقچىخانىغا ئېلىپ بارغان ۋە سىوئال - سوراقتىن كېيىن ئۇنى ئۆيىگە ئەكىلىپ قويغان. كەچقۇرۇن سائەت 6 مەزگىلىدە ساقچىلار جانارگۈل تۇرغان ئۆيگە بېسىپ كىرىپ، ئۇنى بېلىكدىن تۇتۇپ سۆرىگەن پېتى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۆي ئىچىدىكى كىيىمىنى يەڭگۈشلىۋېلىشىغىمۇ پۇرسەت بەرمىگەن. ساقچىلار ئۇنى ئېلىپ ماڭغىنىدا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قولىغا ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت قەغىزىمۇ بەرمىگەن.
بىز جانارگۈلنىڭ ئۈرۈمچى ساقچى ئىدارىسىنىڭ قايسى ئورگىنى تەرىپىدىن نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم، جانارگۈلنىڭ ئۈرۈمچى سايباغ رايونلۇق ساقچى تارماق ئىدارىسىنىڭ دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنى دەلىللىدى. ئەمما ئاجانارگۈلنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
بىز مەزكۇر ساقچى خادىمىدىن جانارگۈلنىڭ نەدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى سورىدۇق. گەرچە مەزكۇر خادىم بۇ ھەقتە ئېنىق جاۋاپ بەرمىگەن بولسىمۇ، يامالىق ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ بېقىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق، جانارگۈلنىڭ يامالىق ساقچىخانىسىنىڭ قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىق ئېھتىمالىقىنى ئاشكارىلىدى.