قازاقىستان پۇقراسى جانات جېڭىز يۇرتى ئالتايغا زىيارەتكە بارغاندا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ناكا قىلىنغان

0:00 / 0:00

قازاقىستان پۇقراسى جانات جېڭىزنىڭ يۇرتى ئالتاينىڭ قابا ناھىيەسىگە تۇغقان يوقلاشقا بارغىنىدا، ئانىسىنىڭ تارتىۋېلىنغان يېرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، 9-فېۋرال كۈنى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ناكا قىلىنغانلىقى 14-فېۋرال كۈنى ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى ئائىلىسىدىكىلەر تەرىپىدىن فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى.

مەزكۇر سىن فىلىمىدە، 9-فېۋرال كۈنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سوراق قىلىشى جەريانىدا قاتتىق تاياقتا يارىلانغان ۋە ئىككى پۇتى دەسسىمەس بولۇپ قالغان، تىلى كالۋالىشىپ نورمال سۆز قىلالمىغان جانات جېڭىزنىڭ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن قازاقىستانغا قايتۇرۇلۇش ئالدىدىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالى نامايان بولغان.

يەردە ئۆمىلىگەن ھالەتتە قازاقىستاندىكى ئانىسى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سىنلىق كۆرۈشكەن جانات جېڭىزنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىنى كۆرگەن ئانىسى ئىلگىرى ساپ-ساغلام ئوغلىنىڭ بۇ ھالەتتە قالغىنىغا ئىشەنمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ نالە قىلغان.

جانات جېڭىزنىڭ ئانىسى گېمىنگۈل خانىم، 16-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلغان يەنە بىر سىن كۆرۈنۈشىدە، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ناكا قىلىنغان ئوغلىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاڭلاتقان.

ئۇ سۆزىدە يەنە ئۆز پۇقراسىغا ئىگە چىقمىغان قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن شۇنداقلا جانات جېڭىزنى قازاقىستاندىن باشقا دۆلەتكە ئاپىرىپ داۋالىتىش ئۈچۈن جامائەتتىن ياردەم سورىغان.

جانات دېڭىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن 26-فېۋرال چارشەنبە كۈنى جانات دېڭىزنىڭ قازاقىستاندىكى ئائىلىسىگە تېلېفون قىلدۇق.

ئۇنىڭ ئايالى تېلېفونىمىزنى ئېلىپ، ئېرى جانات دېڭىزنىڭ نۆۋەتتە ئالمۇتادىكى بىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ۋە سالامەتلىكىنىڭ تېخى ئەسلىگە كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان جانات دېڭىز 26-فېۋرال رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۇرۇپ ناكا قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇلتۇر12-ئايدا ئالتاينىڭ قابا ناھىيەسىگە تۇغقان يوقلاشقا بارغان بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتىدە ئانىسىنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان تېرىلغۇ يېرىنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ئەرز سۇنغان. ئەمما ئەرزى ئاقمىغىنى ئۈچۈن ئۇ يەنە بۇ يىل خىتاينىڭ ئىككى يىغىنى مەزگىلىدە بېيجىڭغا بېرىپ تېخىمۇ يۇقىرى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان قابا ناھىيەسىدىكى ساقچىلار9-فېۋرال كۈنى ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ ئەرز قىلىشتىن ۋاز كېچىشكە بېسىم قىلغان. 10-فېۋرال كۈنى كەچقۇرۇنلۇقى ئۇ ئۆزى تۇرۇۋاتقان مېھمانخانىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ساقچىخانىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىگە قامالغان ۋە ئۇرۇپ سوراق قىلىنغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ جەرياندا يەنە ئۇنىڭ تامىقىغا زەھەرلىك ماددا سېلىنغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

جانات جېڭىزنى داۋالاشقا مەسئۇل بولغان قازاقىستاندىكى ئېركىنبېك ئىسىملىك دوختۇرنىڭ 26-فېۋرال چارشەنبە كۈنى رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىگە بىلدۈرۈشىچە، جانات جېڭىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن ئۇنىڭ زەھەرلەنگەن بولۇشى ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

جانات جېڭىز پاجىئەسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمدىن قېچىپ چەت ئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە قازاق جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا ئىنكاسلار قوزغالدى.

چەت ئەللەردىكى پائالىيەتچىلەردىن گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى ئۆمەر بېكئالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازاقىستان پۇقراسى جانات دېڭىزنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشى ھەتتا ئۇرۇپ مېيىپ قىلىنىش پاجىئەسى، چەت ئەللەردە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ شۇ دۆلەتنىڭ گىراژدانلىقىنى ئالغاندىن كېيىن، يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ۋىزا ئېلىپ يۇرت زىيارىتىگە بارغان ئۇيغۇر ۋە قازاق قېرىنداشلارغا قاتتىق ساۋاق بولۇشى كېرەك ئىكەن.

شىۋېتسىيەدىكى لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي خانىمنىڭ قارىشىچە، جانات جېڭىز پاجىئەسىدەك ۋەقەلەر داۋاملىق يۈز بەرمەكتىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى باستۇرۇۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما دۇنيانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە قارىتا ئەمەلىي تەدبىر قوللانماسلىقى ۋە قازاقىستانغا ئوخشاش، خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېقىندى بولۇپ قالغان دۆلەتلەرنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ خىتايدا تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېر-تۈرمىلەرگە قامىلىشىغا سۈكۈت قىلىشى سەۋەب بولماقتا.

سايراگۈل خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، قازاقىستان پۇقراسى جانات جېڭىزنىڭ پاجىئەسى يەنە بىر جەھەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقاتىنىڭ پۈتۈنلەي يالغانلىقىنى ئىسپاتلايدىكەن.

ھالبۇكى گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى ئۆمەر بېكئالى ئەپەندى27-فېۋرال كۈنى تايلاندتىن خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ پاجىئەسىنى نەقىل ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇم سىياسىتىدىن خەۋەردار تۇرۇقلۇق يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ۋىزا ئېلىپ يۇرت زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ بۇ پاجىئەلەردىن قاتتىق ئىبرەت ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، جانات جېڭىز 1990-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئالتاينىڭ قابا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. كېيىن ئاتا-ئانىسى بىلەن قازاقىستانغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۆيلىنىپ ئائىلە قۇرغان، نۆۋەتتە ئىككى بالىسى بار. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2012-يىلى، قابا ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ 150 مو مۇنبەت يېرىنى مەجبۇرىي تارتىۋالغان ۋە بۇ يەرنى باشقىلارنىڭ نامىدا قايتا تىزىمغا ئالدۇرغان. ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغان بۇ ئائىلە يىللاردىن بۇيان كۆپ قېتىم نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن. بۇ قېتىم خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ مېيىپ قىلىنغان جانات جېڭىزنىڭ ئەھۋالى يەنىلا ئېغىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈشنى ۋە تېخىمۇ كۆپ قانۇنى ياردەملەرگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلماقتا ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.