تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ۋە كونيا شەھەرلىرىدە «شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئاقىۋىتى» تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى.
دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا سولانغان كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتىگە بۇرۇلغان بۈگۈنكى كۈنلەردە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ۋە كونيا شەھەرلىرىدە «شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئاقىۋىتى» تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى. 16-مارت شەنبە كۈنى بىر كۈن داۋاملاشقان يىغىنغا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئوقۇتقۇچىلار، ھەر قايسى گېزىت-ژۇرناللار ۋە تېلېۋىزىيەنىڭ مۇخبىرلىرى ھەم شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات مەسئۇللىرى بولۇپ كۆپ كىشى ئىشتىراك قىلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم سۆزلىدى. ئۇ نۇتقىدا: شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرى ھەققىدە توختالدى. ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى، جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە بىگۇناھ سولانغان ۋەكىل خاراكتېرلىك ئۇيغۇر سەرخىللىرى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات سۇندى. يىغىنغا قاتناشقان تەتقىقاتچىلار ۋە تۈركىيەلىك مۇخبىرلار شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە جازا لاگېرلىرى ھەققىدە بەس-بەستە سوئال سوراشتى ھەم ئۆز كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مەسئۇللىرى بىلەن بىرگە يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى سۇندى. يىغىندا ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان، تۈركىيە ۋە شۇنداقلا تۈرك ھەم ئىسلام دۇنياسىغا قاراتقان يېقىن كەلگۈسىدىكى پىلانلىرى مۇزاكىرە قىلىنىش بىلەن بىرگە، تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشنىڭ پەرقلىق يوللىرىمۇ مۇھاكىمە قىلىندى. «شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئاقىۋىتى» ماۋزۇلۇق يىغىننى مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر ئاكادېمىيەنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يېقىندىن بۇيان تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپلەپ خەۋەر ۋە ئوبزورلارنىڭ ئېلان قىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنى يازغان مۇخبىر، ئوبزورچى ۋە مۇتەخەسسىسلەرگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى چاقىرغانلىقىنى بايان قىلدى.
يىغىندا جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا قىممەتلىك تەلە-پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەغپىرەت كەمال يۇنۇسوغلۇ خانىم يىغىن ئەھلى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ھەققىدە توختالدى.
17-مارت كۈنى تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان كونيا شەھىرىدە «شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئاقىۋىتى» تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىلەن كونيادىكى ئەھدى-ۋاپا تۇران ۋەقپى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىنغا كونيادىكى سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى، نەجمەتتىن ئەرباقان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، كونيا رايوندىكى گېزىت-ژۇرنال ۋە تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرى، بەزى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ھەم بەزى سىياسىي پارتىيەنىڭ كونيا ۋىلايىتىدىكى ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 55 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى. يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مەسئۇللىرىدىن ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا، تۈركىيە رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە ئىدارىسى مۇخبىرى ئادىل ئەرۇيغۇر ئەپەندى بولسا جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇ يەرگە سولانغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى بۇ يىغىن توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
كونيادا بۇ پائالىيەتكە ساھىبخانىلىق قىلغان ئەھدى-ۋاپا تۇران ۋەقپى رەئىسى ھارۇن مارال ئەپەندى كونيادا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىننىڭ ناھايىتى پايدىلىق بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يىغىندا 4 ئوبزورچى بار ئىدى. بىرى بۈگۈن، يەنە بىرى ئەتە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدىكى يىغىنىمىز ھەققىدە ئوبزور يازماقچى. 25 پروفېسسور يىغىنغا قاتناشتى. بۇ ئوقۇتقۇچىلار دەرس باشلاشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلىرىغا دۇنيادا بۇنداق ئىشلارمۇ بولۇۋاتىدۇ؟ خەۋىرىڭلار بارمۇ؟ دەپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتماقچى. بۇ يىغىندا 5 سىياسىي پارتىيەنىڭ مەسئۇللىرى ۋە 3 ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇلى بار ئىدى. ئۇلارمۇ كىشىلەرگە بۇ يىغىندا ئاڭلىغانلىرىنى ئاڭلاتماقچى. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىلەن بىز كونيادا بىرگە ئۆتكۈزگەن بۇ يىغىن پايدىلىق بولدى».
تۈركىيەدىكى ئاخبارات ئورگانلىرى، مۇتەخەسسىسلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بەكلا قىزىقسىمۇ، لېكىن خىتاي ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى قامال قىلىۋالغان بولغاچقا تۈركىيەدە خاتا مەلۇماتلار تارقىلىپ يۈرمەكتە. شۇڭا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تۈركلەرگە بۇ ھەقتە توغرا مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن بۇ خىل پائالىيەتنى باشلىغان. ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى بۇ پائالىيەتنى بۇندىن كېيىنمۇ تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
0:00 / 0:00