دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى فىرانسىيەنىڭ فورباھ شەھىرىدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.
فىرانسىيەدىكى تۈرك مىللەتچىلىرىنىڭ نوپۇزلۇق تەشكىلاتى بولغان «ئۈلكۈ ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن د ئۇ ق رەھبەرلىرى 23-مارت فىرانسىيەنىڭ فورباھ شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا تەكرار مەلۇمات بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىرانسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەت ئىچىدە ئەڭ دېموكراتىك ۋە غەرب قىممەت قارىشىغا سادىق دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇنىڭغا قامالغان مىليونلارچە ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت تۇتقۇنلىرىغا قارىتا دۆلەت نامىدا ھازىرغا قەدەر كەسكىن ئىپادە بىلدۈرمىگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.
فىرانسىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر ساھە تۈرك تەشكىلاتلىرى د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى فىرانسىيەدە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قىلىش مەقسىتىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشقا باشلىغان. ئالدىنقى ئايدا د ئۇ ق رەھبەرلىرى مەزكۇر تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان مەخسۇس جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان ئىدى.
بۇ قېتىم «ئۈلكۈ ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى فورباھ شەھىرىدە ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتلىرىنىڭ بىر مەقسىتىمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى تۈرك جامائىتىگە تېخىمۇ كەڭ تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە 10 دىن ئارتۇق تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللىرى قاتناشقان ئىكەن. پائالىيەتتە د ئۇ ق فوندىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەمەت ۋە شىۋېتسارىيەدىكى سىياسىي ئاكتىپلاردىن ئاندېلى ئەپەندىلەر جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا دوكلاتلار تەقدىم قىلغان.
ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەتكە 100 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى تەپسىلىي ئاڭلىتىلغان. ئاندېلى ئەپەندى يىغىندا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنى دىنىي ئېتىقادىدىن، مىللىي مەدەنىيىتىدىن، ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن پۈتۈنلەي ئايرىپ تاشلاش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن بارلىق ۋاسىتىلەرگە مۇراجىئەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەتراپلىق ئىزاھلاپ ئۆتكەن.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا كۆرە، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ياۋروپادىكى ھەر خىل ناملاردا ئاتىلىپ كېلىۋاتقان تۈرك تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىغا قارشى ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ نامايىشلار ئۇيۇشتۇرغان ۋە ھەر خىل ئىلمىي يىغىنلارنى ئورۇنلاشتۇرغان. ھازىر ياۋروپادىكى تۈرك جامائىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىگە چىقىش، خىتايغا قارىتا غەزەپ-نەپرەتلىرىنى ئىپادە قىلىش ھېس-ھاياجانلىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە ئىكەن. بۇ يىل 6-ئاپرېل ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان زور نامايىشقا ماس ھالدا ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى تۈرك جامائىتىنىڭمۇ خىتايغا قارشى نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
فىرانسىيەنىڭ فورباھ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى يىغىندا تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى د ئۇ ق بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇپ خىتايغا قارشى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئورتاق تەشكىللەش ئىرادىلىرىنى بىلدۈرۈشكەن ھەمدە د ئۇ ق نى ھەرقاچان ماددىي ۋە مەنىۋى تەرەپلەردىن قوللايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىشقان.
0:00 / 0:00