جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى گېرمانىيەنىڭ دورتمۇند شەھىرىدە ئاڭلىتىلدى

0:00 / 0:00

ئۆمەر بېكئالى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى «ياۋروپا تۈرك ئىسلام بىرلىكى» نىڭ 24-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئاڭلاتتى.

30-مارت كۈنى گېرمانىيەنىڭ دورتمۇند شەھىرىدە «ياۋروپا تۈرك ئىسلام بىرلىكى» نىڭ 24-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى چاقىرىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى تەكلىپكە بىنائەن بۇ قۇرۇلتايغا 4 كىشىلىك بىر ھەيئەت بولۇپ قاتناشقان. خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا يېتىپ چىققان قازاقىستان پۇقراسى ئۆمەر بېكئالى بۇ ھەيئەتلەر قاتارىدا يىغىنغا ئىشتىراك قىلىپ، 500 دىن ئارتۇق يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرى توغرىلىق مەلۇمات بەرگەن.

دورتمۇند شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆمەر بېكئالىنىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدىكى بايانلىرى يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان.

ئۆمەر بېكئالى بۇ ھەقتە توختالغاندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى بۇندىن كېيىن ياۋروپا دۆلەتلىرىدە تېخىمۇ كەڭ تونۇتۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر ۋەكىللىرى قاتارىدا ھەمراھ بولغان گوللاندىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەيسا قارىھاجىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۆمەر بېكئالىنىڭ بايانلىرى ياۋروپادا كۆپلىگەن تارماق تەشكىلاتلىرى ۋە 10 مىڭلارچە ئەزاسى بولغان «ياۋروپا تۈرك ئىسلام بىرلىكى» نىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان تۈرك جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان قۇرۇلتاي فوندىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۆمەر بېكئالىنىڭ سۆزلىرىدىن تەسىرلەنگەن تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى يالغۇز قويمايدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، «ياۋروپا تۈرك ئىسلام بىرلىكى» نىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتىيىغا ياۋروپادىكى باشقا تۈرك ۋە ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ قاتناشقان.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ياۋروپادىكى ئوخشىمىغان ئېقىملارغا مەنسۇپ بولغان تۈرك تەشكىلاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل يىغىنلىرىغا د ئۇ ق رەھبەرلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى تۈرك جامائىتىگە كەڭ تونۇتۇشقا پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتە ئىكەن.

خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا 7 ئايدىن ئارتۇق يېتىپ چىققان ئۆمەر بېكئالى بولسا 20-مارتتىن بۇيان ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ كەلمەكتە.