«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ 7-ئۆكتەبىردىكى «100 ياشتىن ھالقىغان سابىق ناتسىستلار جازا لاگېرىنىڭ قاراۋۇلى سوتقا تارتىلدى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 1936-يىلى پايتەخىت بېرلىن ئەتراپىدا ناتسىستلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان «زاخسېنخاۋزېن» (Sachsenhausen) جازا لاگېرىدا 1942-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە قاراۋۇل بولۇپ خىزمەت قىلغان، ھازىر 100 ياشتىن ھالقىغان بىر ئەر 7-ئۆكتەبىر سوتقا تارتىلىپ، گېرمانىيەدە زور غۇلغۇلا قوزغىغان.
تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ سوتتا ئاشكارىلىغان مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىسمى ئاشكارىلانمىغان 100 ياشلىق بۇ جاۋابكار «زاخسېنخاۋزېن» جازا لاگېرىدا قاراۋۇل بولۇپ خىزمەت قىلىش جەريانىدا جەمئىي 3518 ئادەمنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشىگە بىلىپ ۋە بىلمەي ياردەم قىلغان. دېلو بېجىرگۈچىلەر بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى موسكۋا دۆلەتلىك ھەربىي ئارخىپلار مۇزىيىدىن تەكشۈرۈپ تاپقان. ئېنىقلاشلار داۋامىدا جاۋابكارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بۇ جىنايەتلەرگە شېرىك بولغانلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ دېلونى تەپتىش ئورگانلىرىغا تاپشۇرغان. نويرۇپپېن يەرلىك سوت مەھكىمىسى سوتقا تارتقان.
بېرلىندىكى ئورانىنبۇرگ رايونىدا قۇرۇلغان «زاخسېنخاۋزېن» جازا لاگېرى ئەينى زاماندا گېرمانىيەدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ مەمۇرىي مەركىزى ھەمدە SS چىلارنىڭ مەشق بازىسى بولغان ئالاھىدە بىر ئورۇن بولۇپ، بۇ جازا لاگېرىغا ئىلگىرى-كېيىن 200 مىڭ ئادەم قامالغان. بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەسىرگە چۈشكەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەسكەرلىرى بولغان. بۇ ئەسىرلەرنىڭ بىر قىسمى ئاچ قالدۇرۇلۇش، ئورگان تەجرىبىسى قىلىنىش، زەھەرلىنىش ۋە ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغان ناچار مۇھىتتا تۇرغۇزۇلۇش قاتارلىق ۋاستىلار بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.
تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ۋە باشقا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا جەمئىي 1300 دىن ئارتۇق جازا لاگېرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئاز دېگەندە 1. 8 مىليون ئادەم قامىلىپ تۇرماقتا ئىكەن. بۇ ئادەملەرنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش، «قايتا تەربىيىلەش» ئۈچۈن يەنە قانچە يۈزمىڭ ئادەم خىزمەتچى بولۇپ ئىشلىمەكتە ئىكەن. ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغان مۇتەخەسسىسلەر، نۆۋەتتە لاگېرلاردا داۋام قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئەينى زاماندىكى ناتسىستلارنىڭ ياۋروپادىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا يەھۇدىي تۇتقۇنلىرىغا يۈرگۈزگەن ۋەھشىيلىكلىرى بىلەن سېلىشتۇرما قىلغان ئىدى. يەنى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردا ئېغىر تەن جازاسى، جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، «يولۋاس ئورۇندۇق» تا ئولتۇرغۇزۇپ قىيناش، كۈنلەپ تورۇسقا ئېسىپ قويۇش، ئورگان تەجرىبىسى قىلىش قاتارلىق جازا تۈرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدى. بۇلار لوندۇندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدىمۇ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
ئۇنداقتا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە زامان ئۆزگەرسە، بۇ لاگېرلاردا جىنايەت ئۆتكۈزگەن ياكى بۇ جىنايەتلەرگە شېرىك بولغانلارنىڭ خۇددى بۈگۈنكى گېرمانىيەدە بولغانغا ئوخشاش، تارىختىكى جىنايەتلىرى سۈرۈشتۈرۈلۈپ، ئادالەت سوتىغا تارتىلىشى مۇمكىنمۇ؟
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىدا مەسئۇلىيىتى بولغان شەخسلەرنىڭمۇ سوتقا تارتىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ جىنايەتلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تىلغا ئالدى.
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۈگۈنكى مۇستەبىت خىتاي ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا قانۇن-تۈزۈم بىلەن دۆلەت باشقۇرۇدىغان دېموكراتىك بىر خىتاي دۇنياغا كەلگەندە ياكى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇلغاندا، جازا لاگېرلىرىدا بۈگۈنكى جىنايەتلەرنى سادىر قىلغۇچىلار ۋە ئۇنىڭغا شېرىك بولغۇچىلارنىڭ جىنايەتلىرىنىڭ سۈرۈشتۈرۈلۈپ، سوتقا تارتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
نۆۋەتتە گېرمانىيە ئەدلىيە ئورگانلىرى ئەينى زاماندىكى ناتسىستلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدا خىزمەت قىلىپ، ناتسىسىتلارنىڭ تۈرلۈك جىنايىتىگە ھەمشېرىك بولغان 17 ئادەم ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈس ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك 95 ياشتىن ئاشقان بوۋايلار ئىكەن. ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، گېرمانىيەدە جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈشنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسى بولمايدىكەن. كىم، قاچان جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولسا، بۇ جىنايەتلەرنىڭ سوتقا تارتقۇدەك دەلىلى بولسا ھەمدە جاۋابكارنىڭ سوتتا ئۆرە تۇرالىغۇدەك ماغدۇرى بولسىلا، چوقۇم سوت ئېچىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىدىكەن.
ھازىر سوتقا تارتىلىۋاتقان 100 ياشتىن ئاشقان بۇ ئەر، دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كۈندە پەقەت 2 سائەتلا سوتقا قاتنىشىدىكەن. بۇ سوتنىڭ ھۆكۈمى بولسا 2022-يىلى 1-ئايلاردا چىقىدىكەن.