جەمەت بويىچە تۇتقۇن قىلىشنىڭ ئارقىسىغا نېمىلەر يوشۇرۇنغان؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2024.03.25
xeyrul-memet «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە 2022-يىلى ئاشكارا بولغان قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىن خەيرۇل مەمەت، 2017-يىلى 18 ياش ۋاقتىدا لاگېرغا قامالغان.
shahit.biz

يېقىندا «شاھىت بىز» تورىنىڭ X ھېسابىدا، 2017-يىلى 18 ياش ۋاقتىدا لاگېرغا سولانغان خەيرۇل مەمەتنىڭ ئائىلىسى ھەققىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇرلار ھەمبەھىرلەنگەن. بۇ ئۇچۇرغا قارىغاندا، خەيرۇل مەمەتنىڭ بوۋىسى ئابدۇرازاق ئوسمان 74 ياش بولۇپ، 2017-يىلى 10 يىللىق كېسىلگەن؛ دادىسى مەمەتتۇرسۇن ئابدۇرازاققا 2017-يىلى جازا ھۆكۈم قىلىنغان، 2018-يىلى تۈرمىدە قازا قىلغان.

 «شاھىت بىز» تور بېتىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خەيرۇل مەمەت ئوقۇغۇچى بولۇپ، تۇرۇشلۇق ئادرېسى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە بۇلاقسۇ يېزىسى 5-كەنت ئىكەن. 2022-يىلى ئاشكارا بولغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، مەزكۇر ئارخىپتا خەيرۇل مەمەتنىڭ ئائىلىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ يەر ئالغان.

 «شاھىت بىز» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان جىن بۇنىن (Gene Bunin) تەمىنلىگەن باشقا مەلۇماتلاردىمۇ بىر جەمەتتىكى ياشىنىپ قالغان بوۋاي-موماي ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۈرمە-لاگېرلارغا سولانغان، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ چوڭراقلىرى لاگېرغا، كىچىكلىرى ئاتالمىش ياتاقلىق مەكتەپ، يەنى بالىلار لاگېرلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەن ئەھۋاللار بار ئىدى.

تۇتۇلۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلاپ خەلقئاراغا ئاشكارىلاپ كېلىۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، يۇقىرىدا دېيىلگەندەك جەمەت بويىچە تۇتۇلۇپ كەتكەن ئەھۋاللارنىڭ 2020-يىلى فېۋرالدا خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان «قاراقاش ھۆججەتلىرى» دىمۇ ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن يوقىلاڭ باھانە-سەۋەبلەر بىلەن بىر ئائىلىدىن نەچچە ئەۋلاد تەڭ تۇتۇپ كېتىلگەن ئەھۋاللار خىلى كۆپ ئىكەن. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇنىڭ دادىسى ۋە تاغىلىرى بولۇپ، قۇمۇل قارادۆۋە يېزىسىدىكى 30 دىن ئارتۇق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۇتۇلغان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ھاممىسىنىڭ يولدىشى، ئوغلى ۋە كېلىنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئائىلىدىن قانچىلىغان كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

يالقۇن ئۇلۇيول يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتايىن بىمەنە سەۋەبلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، تۇتقۇنغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئائىلە ئەزالىرىنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن جەمەت بويىچە تۇتقۇن قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى خىتاينىڭ جەمەت بويىچە تۇتقۇن قىلىشى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئائىلە ئەزالىرىنى «چېتىپ جازالاش» تىن باشقا، يەنە شۇ جەمئىيەتتە تەسىرى بولغان جەمەتنى تۇتۇش ئارقىلىق شۇ كىشى تۇرۇشلۇق رايوننى تىنچلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان مارىيە مۇھەممەد خانىمنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىكى ئۇچۇرلاردا ئۇنىڭ ئاتۇشتا جازا ئۆتەۋاتقان 96 ياشلىق چوڭ دادىسى ئابىدىن داموللامنىڭ 2-ئاينىڭ 5-كۈنى تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ۋە مېيىتىنىڭ ئائىلىسىگە قايتۇرۇلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقى رادىيومىز تەرىپىدىنمۇ دەلىللەنگەنىدى.

مەلۇم بولۇشىچە ئابىدىن داموللامنىڭ 7 ئوغلى بار بولۇپ، 7 ئوغلىنىڭ ھەممىسى 2017-يىللىرى تۈرمىگە تاشلانغان. ئەينى ۋاقىتتا نەۋرىلەرمۇ ئاساسەن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، بىر نەۋرىسى تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەن. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يېقىندا يەتتە ئوغۇلنىڭ ئىككىسى قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، بەش ئوغلى تېخىچە تۈرمىدە ئىكەن. بۇ مەلۇماتلار رادىيومىز تەرىپىدىن تېخى دەلىللەنمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.