يېقىندا «قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى» نىڭ باشقارما رەئىسى مېرېكې قۇلكېنوف قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، خەلقئارا «ئالاش» ئەدەبىي مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، ئۇيغۇر ۋە ئەمگەكچىقازاق ناھىيەلىرىنىڭ پەخرىي پۇقراسى جەمشىت روزاخۇنوفقا «قازاقىستاننىڭ پەخرىي يازغۇچىسى» دېگەن ئاتاقنىڭ گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇردى. مەزكۇر مۇكاپات شائىرنىڭ 75 ياشلىق تەۋەللۇتى مۇناسىۋىتى بىلەن بېرىلىپ، قازاقىستان ئۇيغۇر جامائىتىنى چوڭ خۇشاللىققا مۇيەسسەر قىلدى.
1950-يىلى 1-يانۋاردا ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ھازىرقى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ بايسېيىت يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن جەمشىت روزاخۇنوف ئەينى ۋاقىتلاردا يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدە رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن، شۇنىڭدەك تۇغۇلغان يۇرتىدىكى ئىسمايىل تايىروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەمدە ئۆز ئىجادىيەتلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن شائىردۇر. ئۇ بىر قاتار شېئىرىي توپلاملارنىڭ، شۇنىڭدەك خەلق ئىچىگە كەڭ تارالغان كۆپلىگەن ناخشىلارنىڭ مۇئەللىپى.
بىز شائىرنىڭ مەزكۇر ئاتاققا ئىگە بولۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن شائىرنىڭ بىر تۈركۈم دوستلىرىنى زىيارەت قىلىپ، جەمشىت روزاخۇنوفنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئىگىلىدۇق.
قازاقىستاننىڭ پەخرىي يازغۇچىسى، ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا جەمشىت روزاخۇنوفنى ئۇزۇندىن بۇيان ياخشى بىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى. سۆھبىتىمىزدە ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى قاتتىق چەكلىمىگە دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەركىن راۋاجلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى. ئۇ قازاقىستاندىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ۋە شۇ ئىتتىپاق قارمىقىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، شۇلارنىڭ بىرى شائىر جەمشىت روزاخۇنوف ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىتابخۇمارلىرى ۋە ئوقۇرمەنلىرى ھۆكۈمەتتىن جەمشىت روزاخۇنوفقا چوڭراق مۇكاپات بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ. ھازىرمۇ ئادالەتلىك قازاقىستان قۇرىمىز دەپ يۈرۈۋاتىمىز. شۇنىڭ بىر ئىپادىسى سۈپىتىدە ھۆكۈمەتمۇ خەلقنىڭ تەلىپىنى ئىناۋەتكە ئېلىپ، ئاتاقلىق شائىرىمىزغا ‹قازاقىستاننىڭ پەخرىي يازغۇچىسى› دېگەن نامنى بەردى. بۇنىڭغا ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇق. ئۇنىڭ بىر قىممەتلىك يېرى، ئۇ ماڭا شۇنداق بىر مۇكاپات بېرىڭلار دەپ ماڭمىسىمۇ، خەلق تەلەپ قىلىپ مۇشۇنداق بىر مۇكاپات بېرىلگىنى بولدى. بۇ مۇكاپاتنىڭ دەل جايىنى تاپقانلىقى بىزگە بەك قىممەتلىك تۇيۇلۇۋاتىدۇ.»
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى گۈلجاھان ئوردا خانىم «پەخرىي يازغۇچى» ئاتىقىغا مۇيەسسەر بولغان جەمشىت روزاخۇنوفنى قۇتلۇقلاپ، مۇنداق دېدى: «جەمشىت روزاخۇنوف ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ھازىرقى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىۋاتقان چوڭ شائىرلىرىنىڭ بىرى. قازاقىستان خەلقلىرىنىڭ ھەر قانداق ئەسىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ بىردەك قازاقىستان بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. جەمشىت روزاخۇنوفنىڭ ئىجادىيىتىدىمۇ ئۇ ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن دەۋرنىڭ بەدىئىي ئوبرازىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. ئۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىنسان، ۋەتەن ۋە باشقا دۇنياۋى مەسىلىلەرنى يورۇتۇپ بەرگەن. شائىرنىڭ ئۆتكەن يىلى ئىككى توملۇق ‹مەرۋايىت تامچىلار› ناملىق توپلىمى يورۇق كۆرگەن ئىدى. ئۇنىڭدىكى ئەسەرلەرنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شەرق شېئىرىيىتىدە كەڭ تارالغان رۇبائىيلارنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا ئالاھىدە ئورۇن ئېلىشىدۇر. ئۇنىڭ تۈرلۈك ماۋزۇلارغا بېغىشلانغان رۇبائىيلىرىدا شائىرنىڭ پەلسەپەۋىي كۆز قاراشلىرى ئەكس ئەتكەن بولۇپ، بىزنى چوڭقۇر ئويلارغا يېتەكلەيدۇ. ئىنستىتۇتىمىز شائىرنىڭ ئىجادىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۆتكەن يىلى ئۇنىڭ بۇ توپلىمىنى ‹ئىلھام› مۇكاپاتىغا تەۋسىيە قىلغان ئىدى.»
بايسېيىت يېزىسىنىڭ يىگىت بېشى غىلاجدىن ئوسمانوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا جەمشىت روزاخۇنوفنىڭ 75 يىللىق تەۋەللۇتى ۋە قازاقىستاننىڭ پەخرىي يازغۇچىسى ئاتىقىغا سازاۋەر بولۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتكۈل يۇرتداشلىرى نامىدىن ئۇنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇنىڭ يۇرتداشلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ناھايىتى پەخىرلەندۇق. ئۇ يۇرت ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتكۈل قازاقىستان دىيارىدا ۋە سىرتتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن چوڭ بىر ئۇتۇق. جەمشىت روزاخۇنوف ئاكا ئاجايىب تاۋلانغان ۋە پىشقان شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇنىڭ يازغان شېئىرلىرى ھەر قانداق ئادەمنىڭ كۆڭلىدە ھاسىل بولغان نۇرغۇنلىغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىدىغان شېئىرلاردۇر. شۇنداق شېئىرلارنى دۇنياغا ئېلىپ كېلىش ۋە ئۆز خەلقىگە ھەدىيە قىلىشنىڭ ئۆزى بىباھا ئەمگەكتۇر.»
غىلاجدىن ئوسمانوف يەنە ئۆز نۆۋىتىدە جەمشىت روزاخۇنوفقا سالامەتلىك ۋە ئۇزاق ئۆمۈر تىلىدى، شۇنداقلا ئوقۇرمەنلىرىنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشى ھەمدە خەلقىنى ئۈمىدلەندۈرىدىغان ۋە خۇشال قىلىدىغان يەنىمۇ كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يېزىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، «ۋارىس» ئەدەبىي بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شائىر ۋىليام مولوتوف ئەپەندى جەمشىت روزاخۇنوفنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە كەڭ تونۇلغان ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پۇختا ئورنى بار شائىر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «يېرىم ئەسىردىن ئوشۇق ۋاقىتتا ئىجادىيەت بېغىدا ئىلھام تۇلپارىنى مىنگەن شائىر كۆپلىگەن نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى ۋە ھېلىھەم قىزغىن ئىجادىيەت ئۈستىدە. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە سائەتلەپ سۆز قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنى كۆپ قىرلىق بىر دۇنيا، دېيىشكە بولىدۇ. شائىر ئىجادىيىتىدە كۆپلىگەن ماۋزۇلارغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئۆزىگە خاس سەمىمىيلىك ۋە خالىسلىق بىلەن بەدىئىي تەپەككۇرنى يۇغۇرۇپ، ئاجايىپ لىرىكىلىق، ئەقلىي، پەلسەپەۋىي ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئەگەردە شائىرنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ سېھىرلىك دۇنياسىغا چوڭقۇر چۆكەلىسىڭىز بۇنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۇستازىمنىڭ باي ئەدەبىي مىراسىنىڭ يەنىمۇ بېيىشىغا ئىشىنىمەن.»
ۋىليام مولوتوف ھازىرقى ياشلارغا جەمشىت روزاخۇنوفنىڭ ئىجادىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەسەرلىرىنى كۆپرەك ئوقۇشنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىدۇ.
ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئەدىبلىرىدىن يازغۇچى ۋە دراماتۇرگ ئەخمەتجان ھاشىرى 2022-يىلى ۋە شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف 2023-يىلى «قازاقىستاننىڭ پەخرىي يازغۇچىسى» دېگەن ئاتاققا مۇيەسسەر بولغان ئىدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە «قازاقىستاننىڭ خەلق يازغۇچىسى» دېگەن ئالىي شەرەپمۇ تارقىتىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭغا تۇنجى قېتىم ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە دراماتۇرگ زىيا سەمەدى 1987-يىلى مۇيەسسەر بولغان ئىدى. ئارىدا بۇ ئاتاق مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، 2023-يىلى قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايېفنىڭ پەرمانىغا بىنائەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئىدى. شۇ يىلى باشقا قازاق يازغۇچىلىرى قاتارىدا ئەخمەتجان ھاشىرىمۇ ئەنە شۇ ئاتاققا ئىگە بولغان ئىدى.