جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرمۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر زۇلۇمدىن خەۋەر تاپقان

0:00 / 0:00

ھىندىستاندا نەشىردىن چىقىدىغان «ئا ب پ خەۋەرلىرى» (ABP News) قانىلىنىڭ 23-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «تەكشۈرۈش دوكلاتى: 74 پىرسەنت باڭلادېشلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن باستۇرۇش يۈرگۈزىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، داككا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش تەتقىقات مەركىزى يېقىندا بىر راي سىناش ئېلىپ بېرىپ، 74 پىرسەنت باڭلادىشلىقنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سالماقتا» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

165 مىليون نوپۇسى بولغان، 91 پىرسەنت ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان باڭلادىشتا ئېلىپ بېرىلغان «خىتاينىڭ دۆلەت ئوبرازى» ناملىق بۇ راي سىناشقا 12 چوڭ شەھەر، 32 رايون، 8 بازاردىن مىڭلىغان كىشى قاتناشقان. 66 پىرسەنت ئەر، 34 پىرسەنت ئايال ئىشتىراك قىلغان بۇ راي سىناشتا 74 پىرسەنت كىشى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سالماقتا» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن سىرت، يەنە 24 پىرسەنت كىشى «ئۇيغۇرلار پەقەت مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ زۇلۇمغا ئۇچرىماقتا» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە مۇنداق بايان قىلىنغان: «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرىۋاتقانلىقى، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن ۋەھشىي قىيناش ۋە ئازابلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ھەر كۈنى ئېلان قىلىنماقتا. ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بۇ زىيانكەشلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا تېخى ھازىر ئەمەس. خىتايلار ‹بۇلار پەقەت ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى توغرىسىدىكى قايمۇقتۇرغۇچى خەۋەرلەردۇر› دېمەكتە.»

خەۋەرنىڭ «تەكشۈرۈشتە نېمىلەرنىڭ ئاشكارىلانغانلىقى كۆرۈڭ» ناملىق بۆلىكىدە «بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ باڭلادىشتىكى ئوبرازىنى ئوچۇق نامايەن قىلىپ بەردى» دېگەن ۋە خىتاينىڭ باڭلادېشتىكى باش ئەلچىسى لى جىمىڭنىڭ بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىغا جاۋابەن «غەرب مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى توغرىسىدا يالغان خەۋەر تارقىتىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭ سەۋەبى، بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز ھېچقانداق دىن ۋە مەزھەپنى ئېتىراپ قىلمايدۇ» دېگەنلەرنى بايان قىلغان.

مەلۇم بولغىنىدەك، 2021-يىلى 3-ئايدا باڭلادىش پايتەختى داككادا بىر قىسىم مۇسۇلمان جامائىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بارغان ئىدى. گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەتنىڭ بىلدۈرىشىچە، جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» مەزگىلىدىمۇ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ خىتايغا قارشى نامايىشلار ئېلىپ بارغان ئىكەن. ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى بولمىغان بىر دۆلەتتىكى خەلقنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۇ قەدەر ھېسداشلىق قىلىشى ھاياجانلىق بىر ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، باڭلادىشلىقلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدا روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغىمۇ ھېسداشلىق قىلغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى قوينىغا ئالغانلىقىنى، باڭلادىش ئىسلام دۆلەتلىرى ئىچىدە دېموكراتىك بىر دۆلەت بولغاچ، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئۇ يەردە بازار تاپالمىغانلىقىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

ھىندىستان خەۋەرلىرىدە تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە يالغۇز باڭلادىشتىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا، بولۇپمۇ غەرب دۇنياسىدا خىتاي مۇستەبىتلىكىگە قارشى ئەمەلىي بىر ئىدىيىۋىي ئېقىم باش كۆتۈرمەكتە ئىكەن. 100 مىليوندىن ئارتۇق مۇشتەرىسى بولغان «ئا ب پ خەۋەرلىرى» قانىلىنىڭ 23-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ خىرىسلىرى: بۈيۈك دۆلەتلەر خىتاي مۇستەبىتلىكىگە قارشى سەپەرۋەرلىككە كەلمەكتە، شى جىنپىڭنىڭ ئاۋارىچىلىقى كۆپىيىدىغان بولدى» ناملىق يەنە بىر خەۋەردە بايان قىلىشىچە، 21-ئۆكتەبىر ئاخىرلاشقان ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا 27 دۆلەت خىتاينىڭ تاشقىي ۋە ئىقتىسادىي سىياسىتىگە قارشى كۈچلۈك بىر ئىستراتېگىيە تۈزۈش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى شەكىللەندۈرگەن. ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددىي قاراۋاتقان ئامېرىكانىڭ پرىزدېنتى جوۋ بايدېن بولسا ئۆزىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلغاندا خىتاينى «ئەڭ چوڭ رەقىپ» دەپ ئاتىغان.

مەزكۇر خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان ۋەھشىلىكى، خوڭكوڭدىكى باستۇرۇشلىرى ۋە تەيۋەنگە قارىتا تەھدىتى ئامېرىكانىڭ خىتاينى قورشاۋغا ئېلىپ كونترول قىلىشىغا يېتەرلىك دەرىجىدە باھانە بولالايدىكەن.