جەنۋەدىكى ب د ت بىناسىنىڭ ئالدى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى سادالار بىلەن تولدى

0:00 / 0:00

ب د ت دا خىتاينىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلارغا ھۆرمەت قىلىش مەسىلىسىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى مەزگىلىدە، ئۇيغۇرلار جەنۋەدە نامايىش ئېلىپ باردى.

ب د ت نىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ 73-نۆۋەتلىك يىغىنى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى جەنۋەدە باشلاندى. بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلارغا ھۆرمەت قىلىش مەسىلىسى كۆزدىن كۆچۈرۈلىدىغان بولۇپ، د ئۇ ق نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم خەلقارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ بۇ يىغىنغا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشتى.

15-فېۋرال خىتاينى سوراققا تارتىش يىغىنىغا بىۋاستە قاتناشقان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ب د ت خادىملىرى بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش مەسىلىسى ھەققىدە كۆپلەپ سۇئاللار سورىغان. خىتاي دائىرىلىرى بولسا ھەر قېتىمقىغا ئوخشاش بۇ يىغىندىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىشى «مىللىي سىياسەتلىرى»نى ئاقلىغان ۋە مەدھىيەلىگەن.

بۈگۈن، يەنى 15-فېۋرال خىتاي ھاكىمىيىتى ب د ت نىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى كومىتېتى تەرىپىدىن سۇئال-سوراقلارغا تارتىلىۋاتقان دەقىقىلەردە، د ئۇ ق نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ۋىلسون مەركىزى بىناسىنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە بولغان غەزەب-نەپرەتلىرىنى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئارقىلىق نامايەن قىلدى.

ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شتابىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش، 2022-يىلى 15-فېۋرال، جەنۋە، شىۋېتسارىيە.
ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شتابىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش، 2022-يىلى 15-فېۋرال، جەنۋە، شىۋېتسارىيە. (RFA/Ekrem)

نامايىشقا ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ھەم بىر قىسىم يەرلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئەزالىرىدىن باشقا، يەنە قازاقىستان، تۈركىيە قاتارلىق يىراق دۆلەتلەردىنمۇ بىر بۆلۈك ئۇيغۇر ۋەكىللەر كېلىپ قاتناشقان. بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزنى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى.

ب د ت جەنۋە باش شتابىنىڭ ئالدىدىكى نامايىشتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار ، 2022-يىلى 15-فېۋرال، جەنۋە، شىۋېتسارىيە.
ب د ت جەنۋە باش شتابىنىڭ ئالدىدىكى نامايىشتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار ، 2022-يىلى 15-فېۋرال، جەنۋە، شىۋېتسارىيە. (RFA/Ekrem)

گوللاندىيەدىن ئالايىتەن جەنۋەگە كەلگەن لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىقمۇ خىتاينىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنىغا بىۋاستە قاتناشقان بولۇپ، ئۇ يىغىن مەيدانىدىن بىزنى ئۇدۇللۇق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ تۇردى. ئۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىلەر ھەققىدە بىر-بىرىدىن ئۆتە يالغانلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تىلغا ئالدى. شىۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن ھېبىبۇللاھ ئىزچىمۇ بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتلەر ھەققىدە ئۆز تەسىراتلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

duq-jenwe-bdt-namayish-4.jpeg

د ئۇ ق نىڭ بىر بۆلۈك خادىملىرى 14-يانۋار كۈنىلا جەنۋەگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ب د ت نىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى كومىتېتى جايلاشقان ۋىلسون مەركىزى بىناسىنىڭ ئالدىدا زور كۆلەملىك بىر رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتىنى باشلىغان ئىدى. «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ئاساسىدا ھازىرلانغان بۇ رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتى 3 كۈن داۋاملىشىدىكەن.