ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن جەنۋەدە نامايىش ئۇيۇشتۇردى.
د ئۇ ق نىڭ بىۋاسىتە تەشەببۇسى بىلەن 24-ئىيۇن كۈنى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شىتابى ئالدىدا گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ئاۋستىرىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، شىۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ باردى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىنى سۆزلىگەندە ئالدى بىلەن ھەرقايسىي دۆلەتلەردىن بىر كېچە يول يۈرۈپ ئالايىتەن مۇشۇ نامايىش ئۈچۈن كەلگەن ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇرلارغا بولغان ھۆرمەت ۋە رەھمەتلىرىنى ئىپادە قىلدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتى خىتاينىڭ ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قورچاق ئەمەلدارلىرىدىن بىرى بولغان ئەركىن تۇنىيازنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىتىپ، جازا لاگېرلىرىنى پەردازلاپ كۆرسىتىش سۇيىقەستىنى تارمار قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن. دولقۇن ئەيسانىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ نامايىشى خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىنى بىتچىت قىلىشتا مەلۇم ئۈنۈم ھاسىل قىلغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە يەنە نامايىش ئەھلىگە ئىلھام بېرىپ، ھەقنىڭ بۈگۈن كۈچ-قۇدرەت ساھىبى بولغان خىتايدا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار تەرەپتە ئىكەنلىكىنى، خىتايغا قارشى بۇ كۈرەشنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا غەلىبىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ دەل ۋاقتىدا، دەل ئورنىدا ئېلىپ بېرىلغان نەتىجىلىك بىر نامايىش بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
قۇرۇلتاي تەتقىقات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئىزھار قىلىپ ئۆتتى. گوللاندىيەدىن كېلىپ بۇ نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زەينىدىن ئەپەندى نامايىشنىڭ ناھايىتى جانلىق ئۆتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى پەردازلاپ كۆرسىتىش ھىيلىسىنىڭ بەربات بولغانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن باشلانغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، يەنە ئىككى ھەپتە داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىندا د ئۇ ق ۋەكىللىرى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ ب د ت يىغىنلىرىدا دائىما كۈنتەرتىپتە تۇرۇشى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىننىڭ بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇنقى ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مېشىل باچېلوت خانىم نۇتۇقىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ۋە خىتايغا قارىتىپ ب د ت نىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىش شەرتىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىغان.
0:00 / 0:00