جەنۋەدىكى ب د ت باش شتابى ئالدىدا خىتايغا قارشى زور نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ 42-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىلىۋاتقان مەزگىلدە بۈگۈن، يەنى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، تىبەت تەشكىلاتلىرى ۋە شۋېتسارىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسى ئالدىدىكى مەيداندا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

شۋېتسارىيە ۋاقتى سائەت 11:00 دە جەنۋە شەھىرىدىكى ب د ت باش شتابى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتناشتى. مەزكۇر نامايىشقا ئۇيغۇرلاردىن سىرت تىبەتلىكلەر، خوڭكوڭلۇقلار، موڭغۇللار ۋە جەنۋەدىكى كۆپلىگەن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.

جەنۋەدىكى ب د ت باش شتابى ئالدىنى ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار قاپلىدى. خىتايغا قارشى جاراڭلىق شوئار سادالىرى ئەتراپنى لەرزىگە سالدى.

ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەي قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار مەيداندا جەم بولۇپ، قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، تىبەت بايرىقى ۋە ھەر خىل لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا «شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى» نى ئورۇنداش بىلەن نامايىشنى باشلىدى.

نامايىشچىلار مەيداندا خىتايغا قارشى تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاپ مەيداننى زىلزىلىگە سالدى. ئۇلار بىردەك «ئۇيغۇرلار قوغداپ قېلىنسۇن!»، «خىتاي، لاگېرلارنى تاقىسۇن!»، «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپى قوغداپ قېلىنسۇن!» دېگەنگە ئوخشاش شوئارلارنى توۋلاشتى.

كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ب د ت باش شتابى ئالدىدا بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەم ئەھمىيىتى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدسىزلەنمەسلىككە، دەۋاغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا چاقىردى.

بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىراتلىرىنى ئىگىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ نامايىش مەيدانىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىشتى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنىمۇ جەنۋەدىكى ب د ت باش شتابى ئالدىدا خىتايغا قارشى زور نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينى ئەيىبلىگەن ئىدى.