جەنۋەدە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا قارشى 3 چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى 12-سېنتەبىر جەنۋەدە باشلانغان بولۇپ، 19-سىنتەبىردىن باشلاپ د ئۇ ق رەھبەرلىكىدىكى بىر گورۇپپا ۋەكىللەر ب د ت بىناسى ئالدىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۆرگەزمىسى» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتىنى باشلىغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا قىلغان سۆزىدە، كۆرگەزمىگە قويۇلغان رەسىملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي ئارخىپلىرىدىن ۋە «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىن ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

جەنۋەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۈگۈن جەنۋەدە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا قارشى 3 چوڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇ د ئۇ ق نىڭ بۇ پائالىيەتلەرنى تەشكىللەشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

د ئۇ ق رەھبەرلىكىدىكى بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر ب د ت بىناسى ئالدىدا ئېلىپ بارغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۆرگەزمىسى» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 19-سېنتەبىر، جەنۋە.

20-سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جەنۋەدىكى ئاخبارات سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ب د ت نىڭ دوكلاتى ۋە ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› نىڭ ھۆكۈمى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ناملىق يىغىنغا كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان. د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ يىغىندا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ھۆكۈمىنى چىقارغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ باش سوتچىسى جېففېري نايس قاتارلىق بىرقىسىم مۇھىم شەخسلەر سۆز قىلغان.

د ئۇ ق رەھبەرلىكىدىكى بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر ب د ت بىناسى ئالدىدا ئېلىپ بارغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۆرگەزمىسى» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 19-سېنتەبىر، جەنۋە.

20-سېنتەبىر كۈنى يەنە ياۋروپانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن كەلگەن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ب د ت بىناسى ئالدىدا بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ بارغان. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، نامايىشنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. بۇ نامايىشتا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ باش سوتچىسى جېففېري نايس ئەپەندىمۇ نۇتۇق سۆزلىگەن.

جەنۋەدىكى ئاخبارات سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ب د ت نىڭ دوكلاتى ۋە ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› نىڭ ھۆكۈمى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» دىن كېيىن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ باش سوتچىسى جېففېري نايس قاتارلىقلار بىلەن خاتىرە سۈرەت. 2022-يىلى 20-سېنتەبىر، جەنۋە.
جەنۋەدىكى ئاخبارات سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ب د ت نىڭ دوكلاتى ۋە ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› نىڭ ھۆكۈمى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» دىن كېيىن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ باش سوتچىسى جېففېري نايس قاتارلىقلار بىلەن خاتىرە سۈرەت. 2022-يىلى 20-سېنتەبىر، جەنۋە. (RFA/Ekrem)

گوللاندىيەدىن كەلگەن لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، جەنۋەدە بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن 3 چوڭ پائالىيەت توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. فرانسىيەدىن كەلگەن لاگېر شاھىتى گۇلباھار خاتىۋاجىمۇ بۇ خۇسۇستا ئويلىغانلىرىنى ئىپادە قىلدى.