جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئىشتابىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 56-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىغا پاراللېل ھالدا، «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسى ئارقىلىق خىتاينىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش» دېگەن تېمىدا «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى»، «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى»، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»، «تىبەت ئىنستىتۇتى» قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئورگانلارنىڭ بىرلىشىپ تەشكىللىشىدە خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىلغان.

بۇ يىغىندا، ب د ت نىڭ «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» ھەققىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىللىقى ۋە بۇ دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن، ئالىي كومىسسار ۋولكەر تۈركتىن بۇ دوكلاتنى يېڭىلاشنى تەلەپ قىلىش، خىتايغا قارىتا ئەمەلىي چارە كۆرۈشكە چاقىرىق قىلىنغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جەنۋەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا، بۇ يىغىنغا قاتناشقان ب د ت نىڭ 40 نەچچە ئالاھىدە كۆزەتكۈچىسى، يۈزلىگەن تەتقىقاتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ب د ت دا ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋېلىشىنى تۈگىتىپ، خىتاينى نازارەت قىلىش ۋە دوكلات قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىشنى چاقىرىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ يىغىندا سۆز قىلغان د ئۇ ق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن، سۆزىنى «بىز، ب د ت شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر كىشىلىك دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتنىڭ ئىككى يىل ئۆتكىنىگە قارىماي، خىتاي نېمىنى ئۆزگەرتتى؟ نېمە ئۆزگەردى؟ دېگەن، كاللامغا كەلگەن بىرىنچى سوئالدىن باشلايمەن. بۇ يەردىكى ئەھۋال ئۆزگەردىمۇ؟ -ياق! » -دەپ سۆزىنى داۋام قىلغان.
ئۇ سۆزىدە: «دوكتور مارى لاۋلور ئۆزىنىڭ دوكتور گۈلشەن ئابباس ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تېخى تۈنۈگۈنلا ئېلان قىلدى. ئۇ يىگىرمە يىللىق كېسىلگەن. خىتاي لاگېرلارنىڭ سىرتىدا ئاسسىمىلياتسىيە قەدىمىنى تېزلىتىپ مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ھەر 26 ئۇيغۇرنىڭ بىرى تۈرمىدە. شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمە سانى ۋە تۈرمىدىكى ئادەم نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى» دېگەنلەرنى ئېيتقان.

زۇمرەتئاي ئەركىن بۈگۈن جەنۋەدىن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ شۇنى ئىپادىلەيدۇكى: ب د ت كىشىلىك كومىتېتىنىڭ ھەل قىلىش چارىسى مەغلۇپ بولدى ۋە بۇنىڭ سەۋەبى خىتاينىڭ جازاغا تارتىلماسلىقى» .
زۇمرەتئاي ئەركىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنى ئەمەلىي چارە قوللىنىش ئۈچۈن، ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.
زۇمرەتئاي ئەركىن بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە يەنە: «دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى بويىچە غەرب دۆلەتلىرىلا ئەمەس، بەلكى يەر شارى مىقياسىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلىنىش، خىتايغا نىسبەتەن قوش ئۆلچەمدىن ساقلىنىش كېرەك، خىتايمۇ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئوخشاش ئەيىبلىنىشى كېرەك! » دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ، بۇ ھەقتىمۇ رادىيومىزغا يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان تېمىلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
بۇ قېتىمقى «ب د ت 56-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى» يىغىنى بىلەن پاراللېل چاقىرىلغان بۇ يىغىنغا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى، ئامېرىكا، كانادا ۋە باشقا ئەللەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.
لېكىن، خىتاي ۋەكىللىرى بۇ يەردە يەنە بىشەملىك قىلىپ، زۇمرەتئاينىڭ سۆزىنى كېسىپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرىنى رەت قىلىشقا ۋە سۆز قىلىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىشكە ئۇرۇنغان.
دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى ب د ت 56-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 4-ئىيۇل كۈنى خىتاي ھەققىدە ئېلىنغان قارار ۋە دوكلاتىنى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، د ئۇ ق 3-ئىيۇلدىن 5-ئىيۇلغىچە جەنۋەدە ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن.