جەۋھەر ئىلھام: «دادام ئىلھام توختى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار خىتايدا قامال قىلىندى، ئەمما ئۇنىڭ پىداكارلىقى غەرب دۇنياسىدا قەدىرلەنمەكتە»
2024.01.17

15-يانۋار كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىش بىلەن خەلقئارادا تونۇلغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا 10 يىل بولدى.
ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىدى. ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلىتىدە ئۇچراۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەرنى ئۆزى قۇرغان «ئۇيغۇر بىز تورى» دا ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدە ۋە خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئۆز ئاۋازى ئارقىلىق ئاڭلىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلىش بىلەن تونۇلغان شەخس ئىدى. ئۇ، بۇ پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك، 2014-يىلى 15-يانۋار كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن «مىللىي قۇتراتقۇلۇق قىلىش، دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. ئەمما بۇ 10 يىلدىن بۇيان خەلقئارادا ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش سادالىرى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ كەلدى. ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى قانۇنىي ھەقلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىقى، 2014-يىلدىن بۇيان «باربارا گولدسىمىس ئەركىن يېزىش مۇكاپاتى»، «مارتېن ئەننانىست كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»، «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئوخشاش، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى 12 تۈرلۈك نوپۇزلۇق مۇكاپات بىلەن بىلەن تەقدىرلەندى. ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە 2018-يىلىدىن بۇيان بىرقانچە قېتىم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى.
15-يانۋار ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارادىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى جىددىي تەلەپ قىلدى. بۇ كۈنى يەنە ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر ئىلھاممۇ رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دادىسى ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
جەۋھەر ئىلھام سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 10 يىلدىن بۇيان دادىسى ئىلھام توختى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۈزلۈكسىز قامال قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن، دادىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنى ۋە دادىسىغا ئەركىنلىك بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
جەۋھەر ئىلھام سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تىنچلىق بىلەن تەلەپ قىلغان دادىسى ئىلھام توختىنى ئادالەتسىزلەرچە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئۇنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دادىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆز مىللىتى بولغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەققانىيەتنى تەلەپ قىلغان جاسارىتى ئۈچۈن «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئوخشاش، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق مۇكاپاتلار بىلەن 12 قېتىم تەقدىرلىنىشى، دادىسىنىڭ ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئەركىنلىك جەڭچىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.
جەۋھەر ئىلھام يەنە ئۆز ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ، ئىلھام توختىغا خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق مۇكاپات بولغان «نوبېل تىنچلىق» مۇكاپاتىنىڭ بېرىلىش ئۈمىدىنى بىلدۈردى.
جەۋھەرنىڭ قارىشىچە، ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغىنى دادىسىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختىنىڭ خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق مۇكاپاتلار بىلەن مۇكاپاتلىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان خەلقئارا بېسىملارنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش» گۇرۇپپىسى ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھەققانىي كۈرەشلىرىنى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە ئاڭلىتىش، شۇنداقلا ئىلھام توختىنى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا تەۋسىيە قىلىشتا كۆپ خىزمەتلەرنى قىلغان.
«ئىلھام توختىنى قوللاش» گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر جان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغان 10 يىلدىن بۇيان خەلقئارادا ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش سادالىرى كۈچىيىپ، ئۇنىڭغا ھەر خىل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرى بېرىش داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 10 يىل ئىچىدە ئىلھام توختى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىپ، ئۇنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى ئۈزلۈكسىز رەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە بۇ ئەھۋالغا قارىتا ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە يېڭى تەدبىرلەر ئېلىشى زۆرۈر ئىكەن.
ئەنۋەر جان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، گەرچە خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك ھۆكۈمەتلىرى ئىلھام توختىنى تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرى بىلەن تەقدىرلەپ، ئۇنىڭ ھەققانىي يولدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تىرىشچانلىقلار ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان بېسىملارنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى تولىمۇ زۆرۈر ۋە تەخىرسىز ئىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.