جەۋھەر ئىلھام دۇنيانى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىردى

0:00 / 0:00

بۇ يىل 10-ئاينىڭ 24-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بولغان «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالغان ئىدى.

18-دېكابىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ستراسبۇرگدىكى مەركىزىدە ئىلھام توختىغا بېرىلگەن «ساخاروف مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى داۋىد ساسسولى ئەپەندى مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكىنى تەبرىكلەش بىلەن بىللە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تۈرمىدىكى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى داۋىد ساسسولى سۆزىدە: «بىز بۇ مۇكاپات ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز،» دېگەن.

مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھامنىڭ تەسىرلىك نۇتقى يەنە بىر قېتىم مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان دۇنيا جامائەتچىلىكىنى تەسىرلەندۈردى.

جەۋھەر ئىلھام 10 مىنۇتلۇق نۇتقىدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ دادىسى ئىلھام توختىغا «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى بەرگەنلىكىگە تەشۈككۈرىنى بىلدۈردى. ئۇ ياۋروپا پارلامېنتىنى شۇنداقلا باراۋەرلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى نىشان قىلغان ھەرقانداق بىر تەشكىلاتنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىگە سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىرغان.

جەۋھەر ئىلھام ئالدى بىلەن سۆزىنى «مەن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ دادام ئىلھام توختىنى ‹ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى› غا لايىق كۆرگەنلىكىگە تەشەككۈر ئېيتىمەن،» دېگەن سۆزلەر بىلەن باشلىغان. جەۋھەر يەنە مۇنداق دېگەن: «سىلەر پەقەت دادامنىڭ خىزمەتلىرىنى نەزەرگە ئېلىش بىلەنلا چەكلەنمەسلىكىڭلار، يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلماسلىقىڭلار، لاگېرلارغا قامالغان 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىشىڭلار كېرەك.»

ئۇ ئۆزىنىڭ بېيجىڭدىكى بالىلىق مەزگىلىدە ھەر كۈنى ساقچىلارنىڭ دادىسىنى ئىزدەپ ئۆيىگە كېلىدىغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى، كۈنلەردە تەشۋىش ئىچىدە ئۆتكۈزگەنلىكىنى، 2012-يىلى بېيجىڭ ئايرىدرومىدا دادىسىنىڭ تۇتۇپ قېلىنغانلىقىغا شاھىت بولغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن سۆزلەيدىغان بىر پائالىيەتچىگە ئايلىنىشىدا دادىسىنىڭ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

جەۋھەر دادىسى ئىلھام توختىنىڭ ئۆز ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى قانۇنىي ھەقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ باراۋەرلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان، ئادالەتسىزلىكلەرگە قارشى ھەققانىيەتنى سۆزلەشكە جۈرئەت قىلىدىغان ھەقىقى بىر ۋىجدان ئىگىسى بولغىنى ئۈچۈن بۈگۈن «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» دەك مۇشۇنداق بىر ئالىي مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ دادىسى ئىلھام توختى ۋە ۋە دادىسىغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ شۇنداقلا مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدە ۋە لاگېرلاردا قاماقلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

جەۋھەر سۆزىنى سۆزىنى تۆۋەندىكى سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان: «بۈگۈن خىتايدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردا ئەركىنلىك يوق. مېنىڭ بۈگۈن بۇ يەردە تۇرۇشۇم دادامنىڭ ئىشلىرىغا ھەمدەمدە بولۇش ئۈچۈندۇر. مەن بۇ يەردە سۆزۈمنى ئاڭلاۋاتقانلاردىن سورايدىغىنىم شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى كۆردىڭلارمۇ؟ ئەگەر كۆرگەن بولساڭلار، سىلەردىن سورايدىغىنىم بۇ زۇلۇملارغا قارشى ئىش قىلىڭلار، تەدبىر كۆرۈڭلار. پارلامېنت ئەزالىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، خىتايدىن كېلىدىغان مەپەئەتنى دەپ ياكى خىتاي بىلەن بولغان سوداڭلارنى دەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا سۈكۈت قىلماڭلار. تەتقىقاتچىلار ئۆز تەتقىقاتىڭلاردا بۇ باستۇرۇشنىڭ ھەقىقىقەتەن يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاشتىن باش تارتماڭلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەققانىيەتنى سۆزلەشتە ئۆز خىزمىتىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار!»

19-دېكابىر كۈنى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر جەۋھەر ئىلھام رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز تەسىراتىنى ئۇيغۇرچە ئىپادە قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇراسىمغا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 750 دىن ئارتۇق ئەزالىرى قاتناشقان بولۇپ، مەزكۇر يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان. جەۋھەرنىڭ تەسىرلىك سۆزلىرى يىغىنغا قاتناشقان ۋە ئۇنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلىغان ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالغانلىقى ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا ئاساسىي سۆز تېمىسى بولدى.

«ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى 19-دېكابىر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ «ساخاروف مۇكاپاتى» نى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا لايىق كۆرگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەتلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ جەۋھەرنىڭ مۇراسىمدىكى نۇتۇقىدىن ئۆزىنىڭ ۋە بۇ نۇتۇقنى ئاڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تولىمۇ تەسىرلەنگەنلىكىنى ھەم پەخىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.