جەۋلان شىرمەمەت: «خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن ئاپام مەھبۇس، دادام كېسەل، ئۇكام گۇماندار»

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، قورغاس ناھىيەلىك سودا-سانائەت بىرلەشمىسىدە 30 يىل خىزمەت قىلغان، بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن سۈرىيە تۇرسۇن تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوغلى جەۋلان شىرمەمەت بىلەن دىدارلىشىش ۋە ئۇنىڭ ئوقۇۋاتقان مەكتىپىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن 2013 ‏-يىلى بىر ساياھەت گۇرۇپپىسى تەركىبىدە تۈركىيەدە 15 كۈن زىيارەتتە بولغان. ئەمما ئۇ چەتئەلدىكى بالىسىىنى كۆرۈشنىڭمۇ «جىنايەت» سانىلىپ قېلىشىنى ھېچ تەخمىن قىلمىغان. 2018‏-يىلنىڭ بېشىدا يولدىشى ۋە كىچىك ئوغلى بىلەن ئىلگىرى-كېيىن تۇتۇپ كېتىلگەن سۈرىيە تۇرسۇن 2019‏-يىلنىڭ بېشىدا «دۆلەت مائارىپىنى كۆزگە ئىلماسلىق» بىلەن ئەيىبلىنىپ 5 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. يولدىشى شىرمەمەت لاگېردا ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغاندىن كېيىن ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان، كىچىك ئوغلى نامەلۇم سەۋەب بىلەن قويۇپ بېرىلىپ، «سابىق تۇتقۇن» دېگەن نامدا جەمئىيەتتە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. تۆۋەندە بۇ ئائىلىنىڭ قىسمىتىنى سۈرىيە تۇرسۇننىڭ تۈركىيەدىكى ئوغلى جەۋلان شىرمەمەتنىڭ ئۆز ئېغىزدىن ئاڭلايسىلەر.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان جەۋلان شىرمەھەممەت بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرىقى سۆھبەتتىن كېيىن بىز ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە قورغاس ناھىيەلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن مەلۇمات سورىدۇق. ئالاقىدار خادىملار سۈرىيە تۇرسۇن ھەققىدە ئېغىز ئېچىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرىيە تۇرسۇن دەپ بىر خىزمەتچىسى بولغانلىقى ۋە تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى. مەزكۇر ئىدارىسىنىڭ بىر بۆلۈم باشلىقى سۈرىيە تۇرسۇن ھەققىدە ئۆزىنىڭ مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقى ۋە بۇ ھەقتە ج. خ. تارماقلىرىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق جەۋلان شىرمەمەتنىڭ ئائىلىسى ھەققىدە ئىگىلىگەن ئۇچۇرىمىزنىڭ توغرىلىقىنى ئىشارەتلىدى.

تەپسىلاتىنى يوقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.