خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى جياڭ زېمىن 30-نويابىر كۈنى 96 يېشىدا ئۆلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ 15 يىللىق ھاكىمىيىتى دەۋرىدە تىكلىگەن ئەندىزىسى، جۈملىدىن رايونىغا قوللانغان «غەربنى ئېچىش» ئىستراتېگىيەسى، خۇددى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا «بۆلگۈنچى، تېررورچى» تامغىسىنى ئۇرغان «7-نومۇرلۇق ھۆججىتى» دەك بۈگۈنمۇ كۈچكە ئىگە بولۇپ تۇرماقتا. شى جىنپىڭ 2013-يىل باشلاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ۋە ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بۇنىڭ تىپىك مىساللىرى سۈپىتىدە كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
«خىتاي كومپارتىيەسى خەۋەرلەر تورى» دا بېرىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جياڭ زېمىننىڭ «غەربنى ئېچىش» ئىستراتېگىيەسى 1999-يىل 9-ئايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ماقۇللىغان «خىتاينىڭ دۆلەت كارخانىلىىرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلىلەر ھەققىدىكى قارارى» دا ئېنىق قىلىپ «دۆلەت غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشى كېرەك» دېيىلگەن. كونكرېت ئېيتقاندا، خىتاينىڭ نېفىت، كۆمۈر، گاز، توك، قاتناش-ترانسپورت قاتارلىق ئەڭ مۇھىم ساھەلىرىنى مونوپۇل قىلىۋالغان دۆلەت كارخانىلىرىنى خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن غەربنى ئېچىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
«خىتاي ئىسلاھاتى ئۇچۇر ئامبىرى» تور بېتىدە جياڭ زېمىننىڭ 1999-يىل 6-ئايدا ئېلان قىلىنغان «پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ‹غەربنى ئېچىش› ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرەيلى› ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ دېڭىز بويى رايونلىرى بىلەن غەربىي رايونلار ئوتتۇرسىدىكى تەرەققىيات پەرقىنى ئازايتىش، خىتاي ئىقتىسادىنى ماس قەدەمدە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ‹غەربنى ئېچىش›، يەنى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەر ياشايدىغان كەڭ زېمىننى ئېچىش، ئۇ يەرنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىقتىساد ۋە سانائەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
جياڭ زېمىن بۇ ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: «غەربىي رايوننى ھامان ئېچىش كېرەك. ئەگەر ئۇنى ئاچمىساق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە زامانىۋىلىشىشنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز؟ خىتاي قانداقمۇ ئىقتىسادىي كۈچلۈك دۆلەت بولالايدۇ؟ ئامېرىكامۇ ئۆز ۋاقتىدا غەربىي رايونلىرىنى ئاچمىغان بولسا، بۈگۈنكىدەك تەرەققىي قىلالامتى؟ غەربنى ئېچىش دۆلىتىمىزنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى چوڭ ئىستراتېگىيە».
جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمېس مىلۋارد (James Millward) خىتاينىڭ بۇ ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە «غەربنى ئېچىش» خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «جياڭ زېمىن ئوتتۇرىغا قويغان غەربنى ئېچىش پىلانى خىتاينىڭ شىنجاڭنى ئېچىش پىلانلىرىنىڭ بىرى. بۇنىڭ تارىخى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى قايتا بېسىۋالغان زو زۇڭتاڭ دەۋرىگىچە تۇتىشىدۇ. ئەينى چاغدا ئۇلاردىن بەزىلىرى شىنجاڭدا يېزا-ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە خىتاي سىياسىيونلىرىدا شىنجاڭدا كان بايلىقى ئېچىش پىلانى مودا بولۇشقا باشلىغان. يەنى ئۇلار ئەنگىلىيە، فرانسىيە سىياسىيونلىرىغا ئوخشاش، مۇستەملىكە ئارقىلىق كان بايلىقى ئىگىلەش سىياسىتىنى ئويلاشقان. خىتاي كوممۇنسىت ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا كىرگەندىن كېيىنمۇ بۇ ئىدىيە بىلەن ھەرىكەت قىلدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى شىنجاڭدىكى نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئەمەس، بەلكى شىنجاڭنى ئېچىش، ‹كەيفا› دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى خىتايچىدا ‹قېزىش› دېگەنلىك. شۇڭا بۇ كۆپ ھاللاردا ئىقتىسادىي مەنبەگە بېرىپ تاقىلىدۇ».
ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى خۇ پىڭ بۇ ھەقتە توختالغىنىدا، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزى تۈزگەن مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئەمەل قىلماي، ئۇ زېمىندىكى بايلىقلارغا يەرلىك خەلقنى ئىگە قىلمىغانلىقىنى، بەلكى ئۇ بايلىقلارنى پۈتۈنلەي ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ ئىستراتېگىيەنى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى بايلىقلارنى ئىزچىل ھالدا تالان-تاراج قىلىپ كەلدى. بۇ ھۆكۈمەت تارىختىن بېرى ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مىللىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئىجرا قىلمىدى، ئاپتونومىيە بەردۇق دېدى، ئەمما ھەقىقىي ئاپتونومىيە بەرمىدى، بەلكى ئۇ يەردىكى خەلققە باستۇرۇش سىياسىتى قوللاندى».
خۇ پىڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشتىكى تۈپ مەقسىىتى ئۇلارنىڭ زېمىنىدىكى بايلىقلارغا مەڭگۈلۈك ئىگە بولۇش. 2001-يىل ئۇيغۇرلارغا تېررورلۇق قالپىقى كىيگۈزۈلۈشتىن ئىلگىرىمۇ جياڭ زېمىن ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچى دەپ قاراپ، ھەر خىل ئۇسۇلدا باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى‹4-ئىيۇن تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى›دىن ئىلگىرىلا شىنجاڭ، تىبەت رايونلىرىغا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەنىدى؛ ئۇنىڭدىن كېيىن تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇردى. دىققەت قىلساق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بىر ھەرىكەت. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ جياڭ زېمىن ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل ئۇسۇلدا زەربە بەرگەن. بۇ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرغاندا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دېگىنى پەقەت بىر باھانە، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ ئۆزى مەقىسەت».
«خىتاي كومپارتىيەسى تارىخى تەتقىقاتى» نىڭ 2011-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، جياڭ زېمىندىن كېيىن خۇ جىنتاۋمۇ غەربنى ئېچىشنىڭ ئىقتىسادنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە بۇ سىياسەتنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «‹غەربنى ئېچىش› ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغان 10 يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ نەتىجىسى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈلدى، غەربىي رايونلانىڭ قىياپىتىدە نۇرغۇن يېڭى ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى».
خۇ جىنتاۋدىن كېيىن شى جىنپىڭمۇ جاڭ زېمىننىڭ «غەربنى ئېچىش» ئىستراتېگىيەسىگە ۋارىسلىق قىلغان؛ يەنى 2013-يىلى «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلىغان. 2021-يىل 10-ئايدا خىتاينىڭ «خەلق تورى» جياڭ زېمىننىڭ «غەربنى ئېچىش» ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ماقالە ئېلان قىلىپ، «شى جىنپىڭ ‹غەربنى ئېچىش›نىڭ يېڭى دەۋرىنى ياراتتى» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى خەۋەر ۋە ھۆججەتلىرىدە كۆرۈلگىنىدەك، جياڭ زېمىننىڭ «غەربنى ئېچىش» ئىستراتېگىيەسى خۇ جىنتاۋ، شى جىنپىڭ دەۋرىدىمۇ داۋاملىشىپ كەلگەن؛ ھالبۇكى، شى جىنپىڭ «غەربنى ئېچىش» بىلەنلا قانائەتلەنمەي، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافرىقا ۋە باشقا نامرات دۆلەتلەرنى «ئېچىش» يولىغا قەدەم باسقان. ئۇيغۇر رايونىنى بولسا «بىر بەلۋاغ بىر يول» نىڭ ئەڭ مۇھىم تۈگۈنى، ياۋروپاغا ئېچىلىدىغان سودا دەرۋازىسى قىلغان.
جېيمېس مىلۋارد ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» خىتاينىڭ «غەربنى ئېچىش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ كېڭەيتىلگەن نۇسخىسى بولۇپ، ئۇنى ئىستراتېگىيە دېگەندىن كۆرە خىتاينىڭ بىر ماركىسى دېيىش بەكرەك توغرا بولىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېنىرگىيە ۋە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشلىرىدىن تارتىپ كۆرگەزمىلىرىگىچە ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› ماركىسى چاپلانغان. گەرچە مەن بۇ قۇرۇلۇشنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، مىليوندىن كۆپ ئادەمنىڭ لاگېرغا سولىنىشى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشى بار دەپ قارىمىساممۇ، چوڭ جەھەتتىن قارىغاندا مەلۇم مۇناسىۋىتى بار. ئەمما ئۇ ھازىر كۆپ ھاللاردا خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتى، مەسىلەن شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن يولغا قويغان قامال سىياسىتى بىلەن بەكرەك مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن».