1996-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «شىنجاڭ ۋەزىيىتى» ھەققىدىكى 7-نومۇرلۇق ھۆججىتىنى چىقىرىپ، «شىنجاڭغا كېلىدىغان ئاساسلىق خەۋپ مىللىي بۆلگۈنچىلىك» دېگەن، قاراتمىلىقى روشەن دەرىجىدە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بىر شوئارنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەسمىي سىياسىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسەتتە باستۇرۇشنى ئاساس قىلىشتەك ھالقىلىق بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سابىق باش سېكرېتارى، سابىق خىتاي دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىن 2022-يىلى 30-نويابىر كۈنى شاڭخەيدە ئۆلگەن.
ئىلگىرى شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومىنىڭ سېكرېتارىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن جياڭ زېمىن، 1989-يىلى تيەنئەنمېن دېموكراتىيە ھەرىكىتىدىن كېيىن، سابىق خىتاي رەھبىرى دېڭ شاۋپىڭنىڭ يۆلىشىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كومپارتىيە باش سېكرېتارى جاۋ زېياڭنىڭ ئورنىغا چىققان.
1990-يىلدىن 2004-يىلغىچە بولغان خىتاينىڭ ئىنتايىن ھالقىلىق ئۆتكۈنچى دەۋرىدە ھوقۇق تۇتقان جياڭ زېمىن، پارتىيە ئىچىدىكى لىبېرال كۈچلەرنى تازىلاپ، ئۆكتىچىلەرنى قاتتىق باستۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ دېڭ شاۋپىڭ دەۋرىدە باشلانغان كاپىتالىستىك بازار ئىگىلىكىگە كۆچۈشى، تيەنئەنمېن دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى باستۇرۇشتىن كېيىن تۆۋەن باسقۇچقا چۈشۈپ قالغان ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى قايتا جانلاندۇرۇش، خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىپ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغان بىر خىتاي رەھبىرىدۇر.
لېكىن جياڭ زېمىن دەۋرىدە ئۇنىڭ ئىچكى سىياسىتىدىكى ھالقىلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرى، 1996-يىلى 7-نومۇرلۇق ھۆججەت چۈشۈرۈپ، كومپارتىيەنىڭ 1970-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ يولغا قويۇشقا باشلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، مەدەنىيەت ۋە مەمۇرى ھوقۇقلاردىن قىسمەن بولسىمۇ بەھرىمەن بولۇشىغا يول قويۇش سىياسىتىدە بۇرۇلۇش ياسىشىدۇر. كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ 7-نومۇرلۇق ھۆججىتىدىن كېيىن «شىنجاڭغا كېلىدىغان ئەڭ چوڭ خەۋپ مىللىي بۆلگۈنچىلىكتىن كېلىدۇ» دېگەن روشەن قاراتمىلىققا ئىگە بۇ شوئار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاتالمىش«شىنجاڭ ۋەزىيىتى» نى بىر تەرەپ قىلىش سىياسىتىدىكى رەسمىي يېتەكچى ئىدىيەگە ئايلانغانىدى.

كانادادىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى مەمەت توختىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن جياڭ زېمىن 7-نومۇرلۇق ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ 1980-يىللاردىكى ئىسلاھات دەۋرىدە سابىق خىتاي باش سېكرېتارى خۇ ياۋباڭنىڭ بىر مەزگىللىك «شىنجاڭ سىياسىتى» دىن ئېرىشكەن ھەق -ھوقۇقلىرىنى تارتىۋالغان، شۇنداقلا بۇ، شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا باشلانغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ ئۇلىنى سالغان. مەمەت توختىنىڭ ئېيتىشىچە، جياڭ زېمىن دەۋرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى دۆلەت ئىچى بىلەن چەكلىنىپ قالمىغان.
ئۇ، جياڭ زېمىننىڭ 7-نومۇرلۇق ھۆججەتتە «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باستۇرۇشنى چەتئەللەرگىمۇ كېڭەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكادىكى بەزى خىتاي ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، جياڭ زېمىن بىلەن شى جىنپىڭ ھوقۇق تۇتقان دەۋرلەردىكى سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈش پەرقلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى تۇتقان سىياسىتى بىر-بىرىنىڭكىگە ۋارىسلىق قىلىش ئىكەن. ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى خۇ پېڭ ئەپەندى 30- نويابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى باستۇرۇشى ماۋنىڭ دەۋرىدىن كېيىن، دېڭ شاۋپىڭ دەۋرىدىن باشلىنىپ، 4-ئىيۇن ۋەقەسى، دىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيگەن. جياڭ زېمىن بۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي، بۇنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ داۋاملاشتۇردى. خۇ جىنتاۋ دەۋرىگە، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىش تېخىمۇ قەبىھلەشتى».
لېكىن خۇپىڭ، بۇ، جياڭ زېمىننىڭ ئۇيغۇرلارغا كەڭ قورساقلىق قىلغانلىقىنى كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئئەينى ۋاقىتتىكى شارائىت جياڭ زېمىننىڭ ئۇيغۇرلارغا ھازىرقىدەك قەبىھلىك قىلىشىغا يول قويمىغان.
خۇ پېڭ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەرگىزمۇ جياڭ زېمىننىڭ كەڭچىلىك قىلغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى جياڭ زېمىننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھەرىكىتىنىڭ شۇ ۋاقىتقا خاس ئارقا كۆرۈنۈشى بار. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ھازىرقىدەك قەبىھلىك قىلالمايتتى. لېكىن ئۇ ئەينى ۋاقىتتىمۇ يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت يۈرگۈزگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن كېيىنرەك شى جىنپىڭ تېخىمۇ قاتتىق ھەرىكەت قوللاندى. شۇڭا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە شى جىنپىڭ بىلەن جياڭ زېمىن ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت پەقەت بىر-بىرىگە ۋارىسلىق قىلىش مۇناسىۋىتى، خالاس».
خۇ پېڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، جياڭ زېمىن يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى تېز راۋاجلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ، بۇ ئارقىلىق ھوقۇقدارلارنىڭ كاپىتالىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، كومپارتىيەنىڭ ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
خۇ پېڭ: « ئۇنىڭ يەنە بىر تۈپ سىياسىتى <4-ئىيۇن قىرغىنچىلىقى>دىن كېيىن دېڭ شاۋپىڭ يولغا قويغان يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇردى. چۈنكى، ئىقتىسادىي ئىسلاھات <4-ئىيۇن ۋەقەسى>نىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئالدى بىلەن ھوقۇقدارلار كاپىتالىزمىنىڭ، بولۇپمۇ كومپارتىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىسلاھات نامىدا كەڭ كۆلەملىك باي بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئىقتىسادىي ئىسلاھات، خەلقئاراغا يۈزلىنىش، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش قاتارلىق ئامىللار خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. لېكىن بۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات <4-ئىيۇن قىرغىنچىلىقى>نىڭ ئاساسىغا قۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، مەزكۇر ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاقىۋىتى كومپارتىيەنىڭ ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداش رولىنى ئوينىدى».
تەنقىدچىلەر جياڭ زېمىننى خىتايدا سىياسىي ئىسلاھاتنى توڭلىتىپ، كومپارتىيەنىڭ تېخىمۇ مۇستەبىتلىشىشىگە يول ئاچقان، دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن. جياڭ زېمىننىڭ 13-14 يىللىق ھۆكۈمرانلىق ھاياتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق نۇقسانلىرىنىڭ يەنە بىرى، ئۇنىڭ فالۇنگوڭچىلارنى قاتتىق باستۇرۇشىدۇر. 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا لى خوڭجى رەھبەرلىكىدىكى فالۇنگوڭ ھەرىكىتىنىڭ تېز باش كۆتۈرۈپ، خىتايدىكى نەچچە ئون مىليون ئەزاسى بار چوڭ تەشكىلات بولۇپ شەكىللىنىشى، كومپارتىيەنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بولۇپمۇ جياڭ زېمىن 1999-يىلى 4-ئايدا 10 مىڭ كىشىلىك فالۇنگوڭ مۇرىتىنىڭ جۇڭنەنخەي ئالدىدا نامايىش قىلىپ، ئۆزلىرىنى رەسمىي تەرىقەت، دەپ ئېتىراپ قىلىشى بىلەن فالۈنگوڭچىلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشقا ئۆتكەن. 1999-يىلدىن 2000-يىلغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدە 30 مىڭدىن ئارتۇق فالۈنگوڭ مۇرىتى تۇتقۇن قىلىنغانىدى.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 96 ياشلىق جياڭ زېمىن، ئاق قان كېسىلى ۋە كۆپ خىل ئىچكى ئەزالىرىنىڭ فۇنكسىيەسى يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن ئۆلگەن.