د ئۇ ق جىددىي يىغىن چاقىرىپ 5 ئايلىق پائالىيەت پىلانى تۈزۈپ چىقتى

0:00 / 0:00

25-ئىيۇل كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دۇنيادا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 70 تىن ئارتۇق تەشكىلاتنىڭ قوللىشى بىلەن تەشكىللەنگەن «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ھەمكارلىق مۇنبىرى» يىغىنى چاقىرىپ، خەلقئارادىكى ماركا ۋە چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىپ ئىشلەپ چىقارغان ماللىرى سېتىلىدىغان دۇكانلارنىڭ ئالدىدا لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈش، 9-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى مەزگىلىدە جەنۋەدە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى، مەجبۇرى ئەمگەك مەسىلىسى توغرىسىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىش، خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلارنى قارارلاشتۇردى.

سىن-كۆرۈنۈش ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىندا، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى 170 تەشكىلاتنىڭ چاقىرىقى بىلەن باشلانغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىپ ئىشلىتىش سىياسىتىنى توختىتىش، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خەلقئارادىكى ماركا ۋە چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرى ئەمگەكتىن پايدىلىنىشنى توختىتىش، ھەمدە بۇ ماركا ۋە شىركەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشىغا خاتىمە بېرىش ۋە بۇ سىياسەت بىلەن چېتىشلىقى بار شىركەتلەرنى ئۆسۈم تۆلەشكە مەجبۇرلاشقا ئوخشاش ئالدىمىزدىكى 5 ئاي ئىچىدە قىلىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان سىن-كۆرۈنۈش ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى قاتارلىق ھەر قايسى ئەللەردىكى بىر قىسىم تەشكىلات رەھبەرلىرى قاتنىشىپ سۆز قىلدى. يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا دۇنيادىكى 170 تەشكىلاتنىڭ چاقىرىقى بىلەن باشلانغان خىتاينىڭ مەجبۇرى ئەمگەك سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش ۋە بۇ سىياسەت بىلەن چېتىشلىقى بار شىركەتلەرنى ئۆسۈم تۆلەشكە مەجبۇرلاش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ، بۇندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا پىلان تۈزۈپ چىقىلدى.

بۇلاردىن سىرت مەزكۇر يىغىندا 20-21-ئىيۇل كۈنى كانادا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بېرىپ ئۆتۈلدى. د ئۇ ق نىڭ مۇساپىرلار كومىتېتى مەسئۇلى مەمەت توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، كانادا پارلامېنتىدىكى يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى ئېتنىك قىرغىنچىلىق دەپ قوبۇل قىلىش، ئىككىنچىسى ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم قىلىش؟، ئۈچىنچىسى بولسا ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىۋاتقان خىتاينى قانداق جازالاش؟ مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەمەت توختى ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇندىن كېيىن كانادادا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتىدە يېڭى بىر بۇرۇلۇش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىندا قىلغان سۆزىدە كورونا ۋىرۇسى پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى، ۋۇخەندە ۋىرۇس ئوتتۇرىغا چىقىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 180 دۆلەتكە يامراپ كەتكەندىن كېيىن ھەممە دۆلەتنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ دەردى بىلەن بولۇپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنيا كۈنتەرتىپىدىن چۈشۈپ قالغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە قايتىدىن دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە كېلىشكە باشلانغانلىقىنى بايان قىلدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىن ئاخىرىدا بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ھەمكارلىق مۇنبىرى» گە ئەزا تەشكىلاتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيەتلىرىنى بەلگىلەپ چىققانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈنكى يىغىندا تۆۋەندىكى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدۇق. 1. خەلقئارادىكى ماركا ۋە چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىپ ئىشلەپ چىقارغان ماللىرى سېتىلىدىغان دۇكانلارنىڭ ئالدىدا لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزمەكچى. ئىككىنچىسى بولسا 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى مەزگىلىدە جەنۋەدە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى توغرىسىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىپ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى يەنە بىر قېتىم بۇ مەسىلىلەرگە تارتماقچى. ئۈچىنچى مۇھىم پائالىيەت 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىدا تىبەت، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە 100 ئەتراپىدا دۆلەتتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزمەكچى».

تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ يىغىندا ئېلىنغان قارارنى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىلا ئەمەس تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئورۇنلاشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى بىلەن 26-مارت كۈنى ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، تۈركىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، فىنلاندىيە، بېلگىيە، فىرانسىيە، شىۋېتسىيە، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشى ۋە قاتنىشىشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ھەمكارلىق مۇنبىرى» قۇرۇلغانىدى.