ئامېرىكانىڭ 2024-يىللىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا ساناقلىق كۈنلەر قالدى. ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆزەتكۈچىلەر بارلىق پىرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېيتقان ھەر بىر ئېغىز سۆزىگە قاتتىق دىققەت قىلماقتا.
ئامېرىكا يېشىللار پارتىيەسىنىڭ 2024-يىللىق پىرېزىدېنت نامزاتى، دوختۇر جىل ستېين (Jill Stein) نىڭ 25-ئۆكتەبىر كۈنى «كىم ئىۋېرسون» (Kim Iversen) يۇتۇب قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ سىياسىتى ھەققىدە كۆپ نەرسە بىلمەيدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتىشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپ تەنقىدكە ئۇچرىماقتا.
«كىم ئىۋېرسون» يۇتۇب قانىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان پىروگراممىلىرى بىلەن تونۇلغان. بولۇپمۇ كىم ئىۋېرسوننىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغچىلىقىنى يېپىش ۋە ئىنكار قىلىش بىلەن داڭ چىقارغان خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تور چولپىنى دەنىيىل دامبرىل (Daniel Dumbrill) بىلەن 2020-يىلى مارتتا ئېلىپ بارغان سۆھبىتى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغانىدى.

جىل ستېين مەزكۇر قانالنىڭ رىياسەتچىسى كرەيگ جاردۇلا (Craig Pasta Jardula) بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە، رىياسەتچىنىڭ «خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئىرقى قىرغىنچلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟» دېگەن سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئىشەنمەيمەن. مەن مۇئاۋىن پىرېزىدېنت نامزاتىمدىن ئاڭلاپ تۇرىمەن، چۈنكى بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭدا ئوخشىمىغان ئۇچۇر مەنبەلىرى بار. شۇڭا مەن ئۇ جايدا نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە تەييار. زور كۈچلەر كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىدۇ، بۇ ئەھۋال كۆپ يۈز بېرىدۇ. بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەشكىل قىلامدۇ قىلمامدۇ، بۇنى بىلمەيمەن. مەن بۇنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم. بەلكىم، ئۇ جايدا كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىشلار بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم.»
جىل ستېين بۇ يىل 16-ئاۋغۇستتا ئافرىقىلىق ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىدىن كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى دوتسېنتى، رۇدولف باچ ۋېير (Rudolf Butch Ware) نى ئۆزىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنت نامزاتى، دەپ ئېلان قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، يېشىللار پارتىيەسى ئامېرىكادا تەسىر كۈچى ئانچە چوڭ بولمىغان، پەلەستىن مەسىلىسىدە ئوچۇق-ئاشكارا ئىسرائىلىيەنى ۋە ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللاش سىياسىتىنى تەنقىد قىلىدىغان پارتىيە ئىكەن.
جىل ستېين سۆزىدە باشتىن-ئاخىرى خىتاينى تەنقىدلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. ئۇ، خىتاينىڭ 1979-يىلدىن بېرى ئۇرۇش قوزغاپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكانىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زوراۋانلىق قىلغۇچى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، بۇ سۆزنى دېيىشتە ئامېرىكانىڭ 1960-يىللاردىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە داھىيسى مارتىن لۇتېر كىڭ (Martin Luther King) نىڭ قاراشلىرىنى ئەسلەتكەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە ئۆزىنىڭ خىتاي ھەققىدە كۆپ نەرسە بىلمەيدىغانلىقىنىمۇ يوشۇرماستىن مۇنداق دېگەن: «مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەن خىتايغا يېقىن ئەمەس، خىتاينى ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيەنى تەتقىق قىلغاندەك تەتقىق قىلىپ باقمىدىم.»
ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەچىسى، يازغۇچى لىز سىمىس (Lis Smith) X تە جىل ستېيننىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، جىل ستېيننى «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، جازا لاگېرلىرىغا قاماشتەك زىيانكەشلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش تەشۋىقاتىغا ئاۋاز قوشتى» دەپ ئەيىبلىگەن.
«ئەل جەزىرە» قانىلىنىڭ «يۈزلىشىش» ناملىق پىروگراممىسىنىڭ تونۇلغان رىياسەتچىسى، زېتېو (ZETEO) ئاخبارات قانىلىنىڭ قۇرغۇچىسى مەھدى ھەسەن (Mehdi Hasan) مۇ جىل ستېيننىڭ سۆزلىرىگە ئۆزىنىڭ X ھېسابىدا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان. ئۇ، ئىنكاسىدا مۇنداق دەپ يازغان: «يېشىللار پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى جىل ستېيىن مەسئۇلىيەتنى ئۆزىنىڭ سايلام سەپدىشىغا ئىتتىرىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇددىئاسى ۋە ھەرىكىتىنى ئىنكار قىلدى. يۈزلىگەن-مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ئاتالمىش تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا سولاپ قويۇلماقتا.»
ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋە پائالىيەتچىسى رەيھان ئەسەت ۋە يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن مىن كىم (Min Kim) بۇ يىل ئاۋغۇستتا «دۈشمەن كۆرۈلگەن ئۇيغۇرلار: خىتاينىڭ قانۇنلاشتۇرۇلغان مۇستەبىت زۇلۇمى ۋە كەڭ كۆلەملىك قاماققا ئېلىش» ناملىق بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي سولىۋەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىي قاماق مۇددىتىنىڭ 4 مىليون 400 مىڭ يىلغا بارىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
رەيھان ئەسەت ئۆزىنىڭ X ھېسابىدا جىل ستېيننىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دەپ يازغان: «ئۇيغۇرلار 8 يىلدىن بۇيان قىيىن-قىستاققا ئېلىنىپ، جازا لاگېرلىرىدا ئۆلتۈرۈلۈۋاتقاندا، پىرېزىدېنت نامزاتىنىڭ، ‹بەلكىم بەزى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن› دېيىشى بۇ نادانلىق ۋە مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان جەمئىيەتكە قىلىنغان ھاقارەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. »
ئۆتكەن يىلى ئامېرىكانىڭ پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتناشماقچى بولغان مايامى شەھەر باشلىقى فرانسىس سۇئارېز (Francis Suarez) نىڭ بىر رادىيو پىروگراممىسىدا، رىياسەتچىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىغان سوئالىغا، «ئۇيغۇر دېگەن نېمە؟ » (What’s a Uyghur) دەپ قايتۇرۇپ سورىغان سوئالىمۇ ئامېرىكانىڭ چوڭ ئاخبارات قاناللىرىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغانىدى.