ئېۋېلىنا ئوچاب: «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» كە ئائىت ئەھدىنامە جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنى جازالاشقا ۋەدە بېرىدۇ
2022.11.22

بۇ يىل، 10-ئاينىڭ 18-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ قانۇنىي مەسىلىلەرگە قاراپ چىقىدىغان ئاساسلىق مۇنبىرى ھېسابلىنىدىغان 6-كومىتېت «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» توغرىسىدىكى بىر قارارنامىنى ماقۇللىغان. قاراردا كومىتېتنىڭ بۇ تېمىنى قاراپ چىقىش جەريانى ۋە ئېنىق ۋاقىت جەدۋىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ۋە تەۋسىيەلىرىنى يازما شەكىلدە ئەۋەتىشكە تەكلىپ قىلىنغان. ئەگەر بۇ قارارنامە رەسمىي يوسۇندا ئىشقا كىرىشسە، ئۇ ھالدا بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىگەن ھۆكۈمەتلەر ۋە شەخسلەرنى جازالاش ئۈچۈن خەلقئارالىق قانۇنىي ئاساس بەرپا قىلىدىكەن. كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇتەخەسسىسى دوكتور ئېۋېلىنا ئوچاب( Ewelina U. Ochab) «فوربىس» ژورنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدا كۆرسىتىشىچە، ئەگەر بۇ لايىھە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسى» بولۇپ شەكىللەنسە، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتلەر ۋە شەخسلەرنى جازالاشقا ئىمكان تۇغۇلىدىكەن.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ماقالىنىڭ ئاپتورى دوكتور ئېۋېلىنا ئوچابنى زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭدىن بۇ قارار لايىھەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق مۇھىم ئەھمىيىتى بارلىقىنى سورىدۇق. ئۇ، بىزنىڭ «‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› كە مۇناسىۋەتلىك ئەھدىنامىنىڭ ماقۇللىنىلىشى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى جازالاشتا قانداق رول ئوينايدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق بەرگەن جاۋابىدا مۇنداق دېگەن:
«يېڭى ئەھدىنامە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئادالەتكە ئېرىشىشى ۋە جاۋابكارلىقنىڭ سۈرۈشـتۈرۈلۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر پايدىلىق ئىمكان بەرپا قىلىشى مۇمكىن. يېڭى ئەھدىنامە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇ ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ يېڭى ئەھدىنامە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قانۇنىي ئېنىقلىمىسىغا ماس كەلمەيدىغان ئەمما ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ قانۇنىي ئېنىقلىمىسىغا ماس كېلىدىغان ۋەھشىيلىكنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ھالقىلىق مېخانىزم بولۇپ قالىدۇ. بۇ، ئەھدىنامە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنى جازالاشقا ۋەدە بېرىدۇ، ئۇ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زىممىسىگە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنى جازالاش مەجبۇرىيىتىنى يۈكلەيدۇ».
مەلۇم بولۇشىچە، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت-خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ئۈچۈن تەييارلانغان «رىم نىزامنامىسى» نىڭ 7-ماددىسىدا شەرھلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا كەڭ خەلق ئاممىسىغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق ھۇجۇم يەنى قەتل قىلىش، يوقىتىش، قۇل قىلىش، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ياكى نوپۇسنى مەجبۇرىي يۆتكەش، قىيناش، باسقۇنچىلىق، جىنسىي قۇللۇق قاتارلىق جىنايەتلەر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىدۇ، دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن ئىكەن.
دوكتور ئېۋېلىنا ئوچابنىڭ ماقالىسىدىن قارىغاندا، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ھەققىدىكى خەلقئارا ئەھدىنامىنىڭ ئاساسى بولغان بۇ قارار لايىھەسى بويىچە دۆلەتلەر تۆۋەندىكى مۇھىم مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەككەن. مەسىلەن، قارار لايىھەسىنىڭ ئومۇمىي مەجبۇرىيەت توغرىسىدىكى 3-ماددىسىدا، «1. ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىق مەجبۇرىيىتى بار. 2. ھەر قايسى دۆلەتلەر قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن ياكى يۈز بەرمىگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خەلقئارا قانۇن بويىچە جىنايەت ھېسابلىنىدىغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 3. قوراللىق توقۇنۇش، ئىچكى سىياسىي مۇقىمسىزلىق ياكى باشقا ئاممىۋى تاسادىپىي ۋەقەلەرگە ئوخشاش ئالاھىدە ئەھۋاللار ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى ئاقلاشقا بولمايدۇ» دەپ يېزىلغان.
ئۇندىن باشقا لايىھەنىڭ 4-ماددىسىدا: «ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكىدەك مەجبۇرىيىتى بار: (1) دۆلەتلەر ئۆز تەۋەسىدىكى ھەر قانداق رايوندا ئۈنۈملۈك قانۇن چىقىرىش ياكى مەمۇرىي، ئەدلىيە تەدبىرلىرى ياكى باشقا مۇۋاپىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشى؛ (2) باشقا دۆلەتلەر، ئالاقىدار ھۆكۈمەتلەر ئارا تەشكىلاتلار ۋە مۇۋاپىق بولغاندا باشقا تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك» دېيىلگەنىكەن.
دوكتور ئېۋېلىنا ئوچابنىڭ رادىيومىزغا دېيىشىچە، ئەگەر بۇ قارار لايىھەسى ب د ت دا قوبۇل قىلىنىپ، خەلقئارالىق قانۇنغا ئايلانغان تەقدىردە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش مەجبۇرىيىتى تۇغۇلىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەزكۇر قارار لايىھەسىنىڭ رەسمىي يوسۇندا ماقۇللىنىپ رەسمىي خەلقئارالىق ئەھدىنامە بولۇشىغا بىر قانچە يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. بىراق ئۇ ئەمەلىيلىشىپ خەلقئارا قانۇننىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا بەلگىلەنگەن ۋە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاساسلىق ۋەزىپىلەر ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى دۆلەتلەر چوقۇم يولغا قويۇشى كېرەك. بۇ شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى ئۆزلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچىمۇ جىنايەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».
دوكتور ئېۋېلىنا ئوچابنىڭ دېيىشىچە، ھازىر باشقا خەلقئارالىق جىنايەتلەر، بولۇپمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق، قىيىن-قىستاق، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش جىنايىتىگە ئائىت خەلقئارالىق شەرتنامىلەر بار بولسىمۇ، ئەمما ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرىيەتلەر خەلقئارا قانۇنلاردا مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن.
شۇڭا، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ئالتىنچى كومىتېتنىڭ بۇ قارار لايىھەسى ئۈستىدە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسىنى قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولغان خەلقئارا قانۇن مېخانىزمىغا ئايلاندۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم بوشلۇقنى تولدۇرىدىكەن. بولۇپمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۈچىيىۋاتقان زۇلۇم ۋە ۋەھشىيلىكلەرنى نەزەردە تۇتقاندا دۆلەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىدىغان ۋە قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە بولغان بىر قارارنىڭ چىقىشى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
يېقىندا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇزۇنغا سوزۇلغان دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈرگۈزۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىدەك يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. نەتىجىدە، ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم دېموكراتىك دۆلەتلەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئەپ بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا خىتايغا ئوخشاش مۇستەبىت دۆلەتلەر ۋە ھەمدە خىتاينىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان دۆلەتلەرنىڭ رەت قىلىشى بىلەن ئەمەلدىن قالغانىدى. بىز دوكتور ئېۋېلىنا ئوچاب خانىمدىن ئەگەر ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىگە ئالاقىدار بۇ كېلىشىم رەسمىي ئىشقا كىرىشكەن تەقدىردە، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە يۈز بەرگەن يۇقىرىدىكىدەك ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ئەھدىنامە بويىچە دۆلەتلەرنىڭ پىكىرىدە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ئېلخېتىدە مۇنداق دېگەن: «ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى توغرىسىدىكى يېڭى ئەھدىنامىنىڭ بولۇشى ب د ت دا يۈز بېرىدىغان ئىشلار ۋە ب د ت قوللىنىدىغان ھەرىكەتلەرگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. چۈنكى ھەرىكەتكە ئۆتۈش يەنىلا دۆلەتلەرنىڭ قولىدا بولۇپ، مەجبۇرىيەت ئۇلارغا ئارتىلىدۇ. بىراق قانداقلا بولمىسۇن، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسىدىكى مەجبۇرىيەتلەرگە ئاساسەن، دۆلەتلەر ب د ت بىلەن ھەمكارلىشىشىنى خالىشى، بولۇپمۇ 4-ماددىدا بېكىتىلگىنىدەك باشقا دۆلەتلەر، ئالاقىدار ھۆكۈمەتلەر ئارا تەشكىلاتلار بىلەن بۇ مەسىلىدە ھەمكارلىشىش يولىنى تاللىشى مۇمكىن. مەن يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ھەققىدىكى ئوخشاش تەلەپ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك، دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۇ يەردە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكىگە ئوخشاش ساناقلىق بىر قانچە دۆلەتلا ئاۋاز بەرمەيدىغان بولغاچقا مەن چىقىدىغان نەتىجە پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايمەن».
دوكتور ئېۋېلىنا ئوچاب خانىم «فوربىس» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە، ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ۋەھشىيلىكلەرنىڭ كۈنسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇنداق بىر قورقۇنچلۇق يۈزلىنىشنىڭ جىددىي مەسىلە سۈپىتىدە ھەل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىش كېرەك ئىكەن.
ئاپتورنىڭ دېيىشىچە، خەلقئارا «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسى» بويىچە دۆلەتلەرگە مەسئۇلىيەت ئارتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە ھۆكۈمەتلەر يۈز بەرگەن بىر ۋەھشىيلىكنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇشتىن چېكىنىدىكەن، ئۇنى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشنىمۇ بەك خالىمايدىكەن. بۇ دۆلەتلەر ۋە ھۆكۈمەتلەر بولسا خەلقئارا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىنىڭ 2-ماددىسىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئۆزگىچە خاراكتېرى يەنى قوغدىلىشقا تېگىشلىك بىر خەلقنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقىتىشتىكى كونكرېت مۇددىئانى تەلەپ قىلىدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بۇ زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتاش ئۈچۈن كونكرېت مۇددىئا ئېنىق ئەمەس، دېگەندەك باھانە بىلەنلا مەسئۇلىيىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالايدىكەن.
شۇڭا ئاپتور بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا «ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى توغرىسىدىكى ئەھدىنامە» بارلىققا كېلىشىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ جازالاشقا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا ئۇچراۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاشقا قانۇنىي كۈچ قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، دەپ ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ: «يۈز بەرگەن ۋەھشىيلىككە بېرىلگەن تەبىر چوقۇم ئۇنىڭ خاراكتېرى ۋە ئېغىرلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك. بۇ، بىزنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ھايات قالغۇچىلار ئالدىدىكى ۋىجدانى قەرزىمىزدۇر» دېدى.