خىتاينىڭ جىنايەت قورالى: «شىنجاڭنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» تاكتىكىسى

0:00 / 0:00

ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارلىقىغا تەيىنلەنگەن ما شىڭرۈي بۇ يىل 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يىغىنىدا «تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان شىنجاڭنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، «شىنجاڭنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇش شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى شىنجاڭدىكى خىزمەتلەرنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك» دېگەن.

ما شىڭرۈي بۇ يىغىندا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «قانۇن ئىدىيەسى» نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، بۇ ئىدىيەنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىدىكى يېتەكچى ئورنىنى تولۇق تونۇپ، ئۇنى «شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇن بويىچە باشقۇرۇش» نىڭ مەنبەسى ۋە يېتەكچىسى قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا تەكىتلەنگەن «شىنجاڭنى قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش، ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق مۇقىم قىلىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىش ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇش» خىزمەت نىشانىنىڭ بىر-بىرىگە باغلانغان يېتەكچى ئىدىيە ۋە تۈپ ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە «شىنجاڭنى قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش» نىڭ ھەممىنىڭ ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ما شىڭرۈي مۇنداق دېگەن: «جەمئىيەتنىڭ داۋاملىق مۇقىم بولۇشىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش رۇھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، قانۇن ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق كۈرەشنى قانات يايدۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىنايەتكە زەربە بېرىش، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قانۇنلىشىشى ۋە نورمال ھالەتتە بولۇشىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك».

ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ما شىڭرۈننىڭ «شىنجاڭنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇش» دېگەن سۆزىگە باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ›شىنجاڭنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش‹دېگەنلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى خەلقىنى چىرايلىق گەپلەر بىلەن ئالداشتىن ئىبارەتتۇر. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ قانۇننى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتى يوق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا كەڭ-كۆلەملىك لاگېر قۇرۇپ، خالىغانچە ئادەم تۇتۇپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئاساسى قانۇنىغىمۇ خىلاپ. ئۇلار گەرچە لاگېرلارنى›قايتا تەربىيەلەش ئورنى‹دەپ ئاتىسىمۇ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يەرلىك سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلىرى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش روھىغا ۋە ئاساسىي قانۇندىكى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپ. ما شىڭرۈينىڭ بۇ سۆزىدىن، كەلگۈسىدە ئۇ شىنجاڭدا يېڭى سىياسەت يۈرگۈزىدۇ، شىنجاڭنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىپ، لاگېرلار ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى ئۆزگەرتىدۇ ياكى ئۇنى ئاياغلاشتۇرىدۇ دەپ يەكۈن چىقارغىلى بولمايدۇ».

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات رەيھان ئەسئەت خىتاينىڭ قانۇن دۆلىتى ئەمەسلىكىنى، مەھبۇسلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ۋە ئاخباراتقا چىقىش ئەركىنلىكىمۇ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تېڭ بياۋ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىدە خىتاي كومپارتىيەسى بارلىق ھوقۇقنىڭ يادروسى بولۇپ، قانۇندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. قانۇننىڭ مۇستەقىل ئىجرا قىلىش ۋە چەكلەش كۈچى يوق. بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسى ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئامېرىكادا ھۆكۈمەت، پارلامېنت ۋە ئەدلىيە بىر-بىرىدىن مۇستەقىل بولۇپ، بىر-بىرىنى نازارەت قىلىش ۋە چەكلەش رولىغا ئىگە. ئەمما خىتايدا ھۆكۈمەت، خەلق قۇرۇلتىيى، ئەدلىيە دېگەنلەر پەقەت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىتى ۋە قارارىنى ئىجرا قىلىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا بىر قانۇن دۆلىتى، ھەر قانداق دۆلەتنىڭ قانۇنى مۇكەممەل بولۇپ كەتمەيدۇ، شۇنداقتىمۇ ئامېرىكادا ئۈچ ھوقۇق ئايرىم تەسىس قىلىنغان، ئۇنىڭ مۇستەقىل ئەدلىيە سىستېمىسى بار؛ ھۆكۈمەت ئاساسىي قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. ئەمما خىتاي قانۇن دۆلىتى ئەمەس، خىتايدا پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەت قانۇندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. خىتايدىكى قانۇن گەرچە جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش جەھەتتە بەلگىلىك رول ئوينىسىمۇ، سىياسىي مەسىلىگە كەلگەندە، كومپارتىيەنىڭ مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندا قانۇن ئۆزىنىڭ رولىنى يوقىتىدۇ. خىتايدا مۇستەقىل ئەدلىيە سىستېمىسى يوق، سايلام بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدىغان دېموكراتىك تۈزۈم يوق. شۇڭا خىتاي، قانۇن دۆلىتى بولۇشنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىگىمۇ يەتمەيدۇ».

تېڭ بياۋ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ «شىنجاڭنى قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش» دەۋاتقىنى ئەمەلىيەتتە كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى «قانۇن» نامى ئاستىدا ئىجرا قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەگەر بۇ يەردە «قانۇن» بار دېيىلسە ئۇ ئادالەتسىزلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان قانۇندۇر.

1963-يىلى ئامېرىكىنىڭ مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى مارتېن لۇتېر كىڭ ئافرىقىلىق ئامېرىكالىقلار ئۇچراپ كەلگەن ئىرقىي كەمسىتىشنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىرىق قىلىپ يازغان «بىرمىڭھام تۈرمىسىدىن يېزىلغان خەت» ناملىق مەكتۇپتا مۇنداق دېگەن: «‹سەن ئۆزۈڭنىڭ بەزى قانۇنلىرىنى دەپسەندە قىلىپ تۇرۇپ، باشقىلارنى ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا قانداقمۇ دەۋەت قىلالايسەن› دەپ سوئال قويغىنىمىزدا، بۇ يەردە ئىككى خىل قانۇن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ: بىرى، ئادالەتلىك قانۇن، بىرى، ئادالەتسىز قانۇن. ئادالەتسىز قانۇن ئەمەلىيەتتە قانۇن يوق دېگەنلىكتۇر. ئادالەتسىز قانۇندا كۆپ سانلىقلار ئۆز قانۇنىنى ئاز سانلىقلارغا تاڭىدۇ، ئەمما ئۆزلىرى ئۇنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. بىز شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، گىتلېر گېرمانىيەسىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى ‹قانۇنلۇق›، ئەمما ۋېنگىرىيە ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنىڭ ھەرىكىتى ‹قانۇنسىز› ئىدى؛ گىتلېر گېرمانىيەسىدە يەھۇدىيلارغا ياردەم قىلىش ‹قانۇنسىزلىق› ئىدى. ئەگەر مەن شۇ چاغدا گېرمانىيەدە بولۇپ قالسام، گەرچە ‹قانۇنسىزلىق› بولسىمۇ يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمغا ياردەم قىلغان بولاتتىم».

«پەلسەپە ئاتالغۇلىرى لۇغىتى» دە قانۇنغا «ئادالەتنى تەلەپ قىلىش» دەپ تەبىر بېرىلگەن، ئەمما ئۇنىڭ ئوخشىمىغان شەكىلدە سۇيىئىستېمال قىلىنىدىغانلىقىمۇ كۆرسىتىلىپ: «دۆلەتنىڭ كۈچىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغۇچىنىڭ پۇقراغا پايدىلىق دەپ قارىغان ھەر نەرسىسى، مۇستەبىتنىڭ كاللىسىغا كەلگەن ھەر پىكىرى ۋە ئارزۇسى، قانۇنسىز ۋە سوئال-سوراقسىز ئىجرا قىلغان جازاسى، كېسەللەرنى، ئاجىزلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى «قانۇن» دۇر. بۇنىڭدا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى كۈچلەر ئۆز مەنپەئەتىنى خەلق مەنپەئەتى قىلىپ كۆرسىتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، قانۇن دېگەن نامغا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان ئادالەتسىز قانۇنلار ۋە ئاۋامغا زىيانلىق بولغان قانۇنلار مەۋجۇتتۇر» دېيىلگەن.

ئادۋوكات رەيھان ئەسئەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قانۇن نامىدا ئېلىپ بارغان جىنايەتلىرى تۈپەيلىدىن خەلقئارادا ئىناۋىتىنىڭ چۈشكەنلىكىنى ۋە خەلقئارانىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن بەلكىم ئۇيغۇر دىيارىدا مەلۇم ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەھۋالنىڭ تۈپتىن ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ھامان بىر كۈنى خەلقئارانىڭ ئالدىدا بۇ جىنايەتلىرىدىن ھېساب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.