پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ ئاسىيا سەپىرى خىتايغا بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال

0:00 / 0:00

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ياپونىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىنىڭ 2-كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان بىر سۆزىدە خىتاي تەيۋەنگە قوراللىق ھۇجۇم قوزغىغان تەقدىردە ئامېرىكانىڭ بۇ ئىشقا قوراللىق ئارىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە «بۇ بىزنىڭ ۋەدىمىز ئىدى» دېگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن ياپونىيە باش مىنىستىرى كىشىدانىڭ ئورتاق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بىر مۇخبىر جوۋ بايدېندىن «سىز ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قوراللىق ئارىلىشىشىنى خالىمىدىڭىز، ئەمما ئوخشاش ئەھۋال تەيۋەنگە يۈز بېرىپ قالسا ھەربىي مۇداخىلە قىلامسىز؟» دەپ سورىغان. پرېزىدېنت جوۋ بايدېن بۇنىڭغا كەسكىن ھالدا «شۇنداق، بۇ دېگەن بىزنىڭ ۋەدىمىز» دەپ جاۋاب قايتۇرغان. جوۋ بايدېن يەنە «ئامېرىكا ‹بىر خىتاي› سىياسىتىنى داۋاملىق ياقىلايدۇ، بىز ھەممىمىز بۇنىڭغا قول قويغان. بىراق خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارشى كۈچ ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇشى پەقەت مۇۋاپىق ئەمەس، بۇ پۈتكۈل رايوننى تارقاقلاشتۇرىدۇ ۋە ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەنگە ئوخشاش يەنە بىر ھەرىكەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەن مەسىلىسىگە قوراللىق ئارىلىشىدىغان-ئارىلاشمايدىغانلىقى توغرىسىدا بۇنداق ئېنىق جاۋاب بېرىپ باقمىغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيەسى ئىزچىل مۈجمەل بولۇپ كەلگەن ئىكەن. شۇڭا جوۋ بايدېننىڭ خىتاينىڭ تام قوشنىسى ياپونىيەدە تۇرۇپ بىلدۈرگەن بۇ كەسكىن ئىپادىسى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى پرېزىدېنت بايدېننىڭ بۇ سۆزلىرىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا تەيۋەن مەسىلىسىنى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى» دېگەننى ئەسكەرتىپ «خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئوخشاش يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە مۇرەسسە قىلمايمىز ۋە يول قويمايمىز» دېگەن. ئۇ يەنە «ھېچكىم خىتاي خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە كۈچلۈك ئىقتىدارىنى تۆۋەن مۆلچەرلىمەسلىكى كېرەك» دېگەن.

CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «بىر خىتاي» سىياسىتى بويىچە، ئامېرىكا تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈنگىچە ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇپ كەلگەن دېموكراتىك تەيۋەن ئۈستىدىكى ئىگىدارچىلىقىنى رەسمىي يوسۇندا ئېتىراپ قىلىپ باقمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا بۈگۈنگىچە تەيۋەننى مۇداپىئە قوراللىرى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما تەيۋەن خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا قوراللىق مۇداخىلە قىلىپ قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ باقمىغانىكەن. شۇڭا بايدېننىڭ سۆزىدىن كېيىنلا ئاقساراي بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ «ئامېرىكانىڭ بىر خىتاي سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى» قايتا تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېننىڭ باياناتى ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى ئارىسىدىمۇ ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە يول ئاچتى. ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق سىياسەت تەتقىقات مەركەزلىرىدىن «ئامېرىكا تاشقى سىياسەت كېڭىشى» (AMERICAN FOREIGN POLICY COUNCIL) نىڭ تەتقىقاتچىسى مايكىل سوبولىك (Michael Sobolik) بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە پرېزىدېنت بايدىن بىلەن ئاقساراينىڭ پوزىتسىيەسىدىكى بىردەكلىكنىڭ ساقلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا پرېزىدېنتى ھەم شۇنداقلا باش قوماندان بولغان جوۋ بايدېننىڭ ئامېرىكانىڭ تەيۋەننى قوغداشتەك مەسئۇلىيىتى بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى ھازىر ناھايىتى ئېنىق بولدى. بىراق ئۇنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇنىڭ پوزىتسىيەسىنى قوللايدىغان-قوللىمايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. مەنچە بۇ يەردە تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ بىرى يۈز بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بىرى، بايدېن ھۆكۈمىتى بېيجىڭنىڭ غەزىپىگە تەۋەككۈل قىلىپ تۇرۇپ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى ‹ئىستراتېگىيەلىك مۈجمەللىك› نى قەستەن يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ياكى يەنە بىرى پرېزىدېنتنىڭ پوزىتسىيەسى ئۆز ئەمەلدارلىرى بىلەن بىردەك ئەمەس. مەنچە پرېزىدېنت بۇ ئەھۋالنى دەرھال ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك».

يەنە بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بولسا پرېزىدېنت بايدېننىڭ بۇ كەسكىن جاۋابىنى قارشى ئالغان. ئۇلار بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ، ئۇنىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دەپ باھالىغان. «ئاتلانتىك مۇنبىرى» ئاقىللار ئامبىرى مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور مەتتىۋ كرونىڭ (MathewKroenig) تىۋىتتىردا يازغان ئىنكاسىدا جوۋ بايدېننىڭ بۇ ئىپادىنى ئوخشىمىغان سورۇنلاردا 3-قېتىم دېيىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ: «ئىستراتېگىيەلىك مۈجمەللىك ئاخىرلىشىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىستراتېگىيەلىك ئېنىقلىق كەلدى. بۇ بايدېننىڭ ئۈچىنچى قېتىم بۇنداق دېيىشى بولۇپ، ناھايىتى ياخشى ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ئەسلىدە بۇنى قارشى ئېلىشى كېرەك. چۈنكى ۋاشىنگتون بېيجىڭنىڭ چوتنى خاتا سوقۇپ قالماسلىقىغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ بۇ سۆزنى قىلىشىنىڭ تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ سۆزى مەنچە مۇنداقلا دېيىلگەن سۆز ئەمەس. ئامېرىكا بۇ ئارقىلىق خىتاينى ئاگاھلاندۇرماقچى. يەنى ئۇنىڭ ئامېرىكانىڭ مەيدانىنى خاتا مۆلچەرلەپ، خۇددى رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغانغا ئوخشاش تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى. بۇ خىتايغا بېرىلگەن جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشتۇر.»

«ۋال سىرت ژۇرنىلى» نىڭ ئېيتىشىچە، بايدېننىڭ بۇ قېتىمقى ئاسىيا سەپىرى نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزىغا مەركەزلىشىپ قالغان بىر مەزگىلدە ئامېرىكانىڭ يەنىلا خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى نامايان قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئۇنىڭ تەيۋەن ھەققىدىكى كەسكىن ئىپادىسى ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن دىققىتىنىڭ چېچىلىپ كەتمىگەنلىكىنى ۋە خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئاسىيا ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

يەنە بىر ياقتىن، جوۋ بايدېن بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدانىڭ ئورتاق ئاخبارات يىغىنىدا كىشىدامۇ ناھايىتى ئېنىق قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، شەرقىي ئاسىيادا ھېچكىمنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغىنىنى تەكرارلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاقساراينىڭ ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشى ھەققىدىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، 23-ماي دۈشەنبە كۈنى، جوۋ بايدېن بىلەن فۇمىئو كىشىدا خىتاينىڭ «خەلقئارا قانۇنغا زىت ۋە بارغانسېرى زومىگەرلىشىۋاتقان قىلمىشلىرى» غا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېقىندىن ھەمكارلىشىشقا ۋەدە بەرگەن. پرېزىدېنت جوۋ بايدېن يەنە ياپونىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ھەتتا «مەن ياپونىيەنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئىرادىسىنى ئالقىشلايمەن-كۈچلۈك ياپونىيە ۋە شۇنداقلا كۈچلۈك ياپونىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقى دۇنيانىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈندۇر» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، پرېزىدېنت بايدېن ياپونىيەدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە يەنى 23-ماي دۈشەنبە كۈنى يەنە ئامېرىكا ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرى، رەقەملىك تىجارەت، پاكىز ئېنېرگىيە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قوغداش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە تېخىمۇ يېقىندىن ھەمكارلىشىشىغا ياردەم بېرىدىغان «ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي رامكىسى» (IPEF) پىلانىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ، ئۇنىڭ ئاسىيا زىيارىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئېيتىشىچە، جوۋ بايدېن بۇ پىلاننى تونۇشتۇرغاندا «21-ئەسىر ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى ئاساسەن ھىندى-تىنچ ئوكياندا يېزىلىدۇ» دېگەن.

ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي رامكىسى (IPEF) غا قاتناشقان دۆلەتلەر ئاۋسترالىيە، بىرۇنېي، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، ياپونىيە، كورېيە، مالايسىيا، يېڭى زېلاندىيە، فىلىپپىن، سىنگاپور، تايلاند ۋە ۋىيېتنام قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇ خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ «ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىقتىساد رامكىسى» ھەققىدىكى ئىنكاسىغا يەر بەرگەن بولۇپ، ۋاڭ يى سۆزىدە «ئۇلار ئۆزىگە نېمە ئىسىم قويۇشىدىن قەتئىينەزەر مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلىشىدۇ» دېگەن ۋە بۇنى خىتاينى قورشاۋغا ئېلىش ئۇرۇنۇشى، دېگەن.

ئاقساراينىڭ باياناتىدىن قارىغاندا، 24-ماي سەيشەنبە كۈنى يەنە ياپونىيەدە «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى» (Quad) نىڭ يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا پرېزىدېنت جوۋ بايدېن ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونىي ئالبانىس، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلار بىلەن ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكياننى قوغداش، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، تور بىخەتەرلىكى، يۇقۇمدىن ساقلىنىش ۋە شۇنىڭدەك باشقا نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن.