پرېزىدېنت جوۋ بايدېن «نۇرېمبېرگ سوتى» نىڭ تەپتىشىگە بېغىشلانغان نۇتقىدا ئۇيغۇرلارغا سېلىنىۋاتقان زۇلۇملارنى ساناپ ئۆتتى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن سابىق ئامېرىكا سېناتورى ۋە 1945-يىلىدىكى «نۇرېمبېرگ سوتى» نىڭ تەپتىش ئەمەلدارى توماس دودقا بېغىشلانغان «دود كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ناتسىستلار گېرمانىيەسىدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلەنگەن ۋە ئىشلىنىۋاتقان جىنايەتلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلارغا سېلىنىۋاتقان زۇلۇملارنى ساناپ ئۆتتى.

15-ئۆكتەبىر كوننېكتىكۇت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە پرېزىدېنت بايدېن توماس دود ناتسىستلار پارتىيەسى ئەمەلدارلىرى ۋە باشقىلارنىڭ 1940-يىللىرىدىكى چوڭ قىرغىنچىلىق مەزگىلىدە سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى جازاغا تارتىشتا كۆرسەتكەن خىزمەتلەرنى تەرىپلىدى.

ئۇ، 6 مىليوندىن ئارتۇق يەھۇدىي قەتلە قىلىنغان بۇ قەبىھ جىنايەت ۋە «نۇرېمبېرگ سوتى» دىن ئېلىنغان ساۋاقلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «نۇرېمبېرگ ئىلگىرى كۆرۈلگەن ۋەقەلەرگە ئوخشىمايتتى. بۇ ئۆچ ئېلىش ئەمەس، بەلكى جاۋابكارلىققا تارتىش ئىدى. پەقەت ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلغاندىلا، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان قاباھەتلەرنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز.»

ئۇ سۆزىدە قۇدرەتلىكنىڭ گېپى ئوڭ بولىدىغان، كۈچلۈك دۆلەتلەر ئاجىز دۆلەتلەرنى بوزەك قىلىپ، ياكى شەخسىي ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلىپ جازاغا تارتىلمايدىغان دۇنياغا قايتىپ كېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پرېزىدېنت بايدېن مۇنداق دېدى: «نۇرېمبېرگ بىزنى ئىنسانىيەتنىڭ رەزىللىكى ۋە ھەرقانداق قەبىھلىكلەرنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغانلىقىنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىشكە، كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىكلەر، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ تاسادىپىي يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى كۆرۈشكە مەجبۇر قىلدى. ئۇلار تاسادىپىي يۈز بەرمەيدۇ. ئۇلار تاللاشنىڭ، يەنى يەككە ئىنسانلار ۋە دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ تاللاشلىرىنىڭ نەتىجىسى.»

ئۇ نۇتقىدا يەنە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۇقىرىدەك ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ئەرۋاھلىرىنىڭ يەنىلا ئىنسانىيەتنىڭ بېشىدا چۆرگىلەپ يۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگىنىدە ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق زۇلۇملار ھەققىدە توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشى، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى؛ بىرمادىكى ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ روھىنگىيالىقلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى؛ شىمالىي ئېفىيوپىيەدىكى پۇقرالارنى تېررور ۋەھىمىسىگە سېلىۋاتقان ئاچ قويۇش ۋە جىنسىي زوراۋانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ-كۆلەملىك زىيانكەشلىكلەردەك بۇنداق ئەندىزە، تاللاشلارنىڭ كۈنىمىزدە، ھەتتا بىز مۇشۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان پەيتلەردە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولماقتىمىز.»

پرېزىدېنت بايدېن نۇتقى جەريانىدا بۇ خىل جىنايەتلەرگە شېرىك بولۇپ قالماسلىق ‍ئۈچۈن سۈكۈت قىلماسلىق لازىملىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ دېگەنلىك، قاچانىكى بۇ خىل زەھەرلىك ئۆچمەنلىكنى ئاڭلىغىنىمىزدا، ياكى ئىنسان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىنسانسىزلاشتۇرۇلغىنىنى كۆرگىنىمىزدە، ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەمما بىز چوقۇم بۇنىڭغا قارشى سۆزلىشىمىز كېرەك. سۈكۈت قىلىش-دادام ماڭا دېگەندەك-سۈكۈت قىلىش شېرىكلىك. سۈكۈت قىلىش شېرىك بولۇش، دېمەكلىكتۇر. نۇرېمبېرگ شۇنداق ئېيتىدۇكى: سىزنىڭ سۈكۈت قىلغىنىڭىز، جىنايەتكە شېرىك بولغانلىقىڭىزدۇر.»

پرېزىدېنت بايدېن بۇ مەسىلىلەرنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دوست ۋە رەقىب ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ سەمىگە سالغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: «مەن شۇنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇمكى، ھېچقانداق ئامېرىكا پرېزىدېنتى كىشىلىك ھوقۇق ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ساقلاپ قالىمەن دېمەسلىكى كېرەك.»

ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكەن قارشى جىنايەت» دەپ جاكارلىغان. ئۇلار ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىشلىنىۋاتقان جىنايەتلەردە قولى بار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۇەنگو قاتارلىق 4 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارىغا جازا ئېلان قىلغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، توماس جوسېف دود ئامېرىكا سېناتورى بولۇپ سايلىنىشتىن ئىلگىرى يەنى 1945-يىلدىن 1946-يىلىغىچە ناتسىستلار ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ئۈستىدىن ئېچىلغان «نۇرېمبېرگ سوتى» دا ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى ۋىلھېلم كېيتېل، ناتسىستلار ئىدېئولوگىيەسىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى ۋە ناتسىستلار پارتىيەسى تاشقى ئىشلار سىياسىتى ئىشخانىسىنىڭ رەئىسى ئالفېرد روسېنبېرگ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ۋە پارتىيە ئەمەلدارلىرىغا ئارتىلغان جىنايەتلەرنى دەلىللەش ئىشىنى ئۈستىگە ئالغان ھەمدە ئەيىبنامىلەرنىڭ تېزىسىنى تۈزۈپ چىققان.

يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان ناتسىستلار ئەمەلدارلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت»، «تىنچلىققا قارشى جىنايەت»، «جىنايى سۇيىقەست» ۋە «ئۇرۇش جىنايەتلىرى» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ دارغا ئېسىلغان ئىدى.

توماس جوسېف دود كوننېكتىكۇت شتاتىدىن بولۇپ، ئۇ 1953-يىلىدىن 1957-يىلغىچە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىغا سېناتور بولۇپ سايلىنىپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.

1995-يىلى سېناتور توماس جوسېف دودنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن كوننېكتىكۇت ئۇنىۋېرسىتېتىدا توماس ج. دود تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلغان. ئەينى يىلى مەزكۇر مەركەزنىڭ ئېچىلىشىغا سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىل كلىنتون قاتناشقان.

مەزكۇر مەركەز يېقىندا «دود كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن ئىكەن.