ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ پرېزىدېنتى جوۋ بايدېنىڭ بىۋاسىتە تەكلىپى بويىچە كۆپ تەرەپلىمە تەييارلىق كۆرۈلگەن «دۇنيا دېموكراتىيە مەجلىسى» 9-دېكابىر كۈنى رەسمىي باشلاندى. ئامېرىكا، ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكاسى، ئوكيانىيە قاتارلىق قىتئەلەردىكى يۈزگە يېقىن دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى تور ئارقىلىق قاتناشقان بۇ يىغىننىڭ تۇنجى كۈندىكى تۇنجى مەيدان يىغىنىغا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى.
پرېزىدېنت جوۋ بايدېن ئېچىلىش نۇتقىدا دۇنيا مىقياسىدا دېموكراتىيەنى ھىمايە قىلىش ۋە مۇستەھكەملەش، شۇنىڭدەك ھاكىممۇتلەق دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىيەگە قىلىۋاتقان خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇش لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋاللارنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ قالغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە بىز ھازىر تارىخنىڭ بىر غايەت زور بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز. سىلەرچە بىز ھەقلەرنىڭ ۋە دېموكراتىيەنىڭ ئىگە-چاقىسىز ھالدا ئارقىغا قاراپ چېكىنىشىگە قاراپ تۇرامدۇق ياكى ئورتاق قاراش ھاسىل قىلىپ ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ چىقىرامدۇق؟ دېموكراتىيە تاسادىپىي ئەمەلگە ئاشىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە داۋام قىلىشى ئۈچۈن ھەر بىر ئەۋلاد تېگىشلىك كۈچ چىقىرىشى لازىم. ئەمما ھازىر بىز بۇنىڭغا قارشى كۆپلىگەن خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر بۇنىڭغا كۆپلىگەن قەھرىمانلار لازىم بولۇۋاتىدۇ.»
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا بۇ جەھەتتىكى قەھرىمانلارغا ۋە يېتەكچىلەرگە ئۆز ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە دېموكراتىيەنىڭ بايانات ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، دېموكراتىيە گەرچە بەزىدە دەپسەندە بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ بەرداشلىق كۈچىنى ئەبەدىيلىككە يوق قىلىۋېتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا ئۆز نۆۋىتىدە دېموكراتىيەنىڭ ئۆز-ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆز-ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ماڭالايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ بۇ سۆزلىرى خاراكتېر جەھەتتە ئانتونى بىلىنكېن 2021-يىلىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتى ھەققىدە سۆز قىلغاندا ئېيتقان «ئامېرىكا جەزمەن دۇنيادىكى ھاكىممۇتلەق كۈچلەرگە قارشى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان يېتەكچىلىك ئورۇنغا قايتىپ كېلىشى كېرەك» دېگەن سۆزىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. گەرچە پۈتكۈل نۇتۇقتا جوۋ بايدېن نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا دېموكراتىيەگە ئەڭ ئېغىر خىرىس پەيدا قىلىۋاتقانلار، دەپ قارىلىدىغان خىتاي ۋە رۇسىيە ھۆكۈمەتلىرىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، كۆپ قىسىم ئانالىزچىلار بۇ قېتىمقى دېموكراتىيە مەجلىسىگە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تەكلىپ قىلىنمىغانلىقىدەك رېئاللىقنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ بۇ سۆزلەرنىڭ ئاشۇلارغا قارىتىپ ئېيتىلغانلىقىنى ئالغا سۈرمەكتە ئىكەن. يەنە كېلىپ بۇ قېتىمقى مەجلىسكە تەيۋەننىڭ مۇستەقىل ۋەكىل ئەۋەتىپ قاتنىشىشىمۇ بۇ ئەھۋالنى تېخىمۇ روشەن كۆرسەتمەكتە ئىكەن. CNN نىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزور ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ «رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلسا ئېغىر ئىقتىسادىي جازاغا دۇچ كېلىدۇ» دېگەن باياناتى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ھالدا 2022-يىلىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشىنى نۆۋەتتە كۆپ قىسىم ئانالىزچىلار دەل مۇشۇ خىل رېئاللىقنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان، دەپ قارىماقتا ئىكەن. يەنە بەزىلەر بولسا دەل مۇشۇ مەجلىس باشلىنىش ھارپىسىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» نى مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغانلىقىنىمۇ بۇ خىل رېئاللىقتىكى بىر مۇھىم ئامىل، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ قېتىمقى دېموكراتىيە مەجلىسىنىڭ ھاكىممۇتلەقلىقكە قارشى تۇرۇشتىن باشقا يەنە بىر مۇھىم نىشانى كىشىلىك ھوقۇقنى ئالغا سۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندى كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى دەپسەندىچىلىك ئەھۋالىنى پاش قىلىشى بەكمۇ مۇھىم بولغاچقا ئۇلار مۇستەقىل ۋە ئەركىن ئاخبارات خىزمىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى مالىيە جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئانتونى بىلىنكېن بۇ ھەقتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دەل مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن 424 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىش تەكلىپىنى دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغانلىقىنى، بۇنىڭمۇ دېموكراتىيەنى ھىمايە قىلىش ۋە كۈچلەندۈرۈشتىكى بىر مۇھىم قەدەم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. .
تۇنجى كۈنىدىكى مەجلىس 14 باسقۇچقا بۆلۈنۈپ ئوخشىمىغان دۆلەتلەر گۇرۇپپىسى بويىچە ئېچىلغان بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 50 كە يېقىن پرېزىدېنت، باش مىنىستىر ياكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دېموكراتىيە مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلدى.
بۇ ھەقتىكى ھەرقايسى ئوبزور ۋە خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان دۇنياۋى دېموكراتىيە مەجلىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بەكلا پەرىشان قىلغان. بولۇپمۇ تەيۋەننىڭ مۇستەقىل ھالدا مەجلىسكە تەكلىپ قىلىنىشى، ئەمما خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رۇسىيەگە ئوخشاشلا بۇ مەجلىستىن چەتتە قالدۇرۇلۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بەكلا چىچاڭشىتىۋەتكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە «ئامېرىكا ئاۋۋال ئۆزىدىكى دېموكراتىيەگە خىلاپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك» دېگەندەك كونا مۇقامنى قايتىدىن تەكرارلىغان.
ئاق ساراينىڭ يىغىندىن كېيىنكى باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، جوۋ بايدېن بىر يىلدىن كېيىن مەزكۇر يىغىننى يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈپ، بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن.