جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارالىق تەتقىقاتلار فاكۇلتېتىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان
2024.04.10

ئامېرىكادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارالىق تەتقىقاتلار فاكۇلتېتى (SAIS) تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ يوللىرى ھەققىدە بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان.
8-ئاپرېل دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكى ئىشخانىسى مۇدىرى مارسىيا ئېۋگېنيو خانىم بىلەن بىرلىكتە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە تىجارەت ساھەسىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ قىلىنغان.
بىز يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مەزكۇر يىغىننىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى ۋە رىياسەتچىسى بولغان، جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلغار خەلقئارالىق تەتقىقات فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى نىنا گاردنېر (Nina Gardner) خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. نىنا خانىم بۇ فاكۇلتېتنىڭ ماگىستىر ئوقۇغۇچىلىرىغا 13 يىلدىن بېرى كارخانىلارنىڭ تىجارەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىكى مەسئۇلىيىتى ھەققىدە دەرس بېرىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، كېيىنكى 6 يىلدا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«بىلگىنىڭىزدەك ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى دۆلەت قوللىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ مۇھىم بىر ئۆرنىكى بولغاچقا، مەن كېيىنكى 6 يىلدىكى دەرسلىرىمدە نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدىم. بىزنىڭ يەنە ئۇيغۇرلارغا يۈز بېرىۋاتقانلار ھەققىدە بەك كۆپ مەلۇماتى بولمىغان، شۇنداقلا خىتايدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلىرىمىزمۇ بار. بۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز دۆلىتىدە بۇ ھەقتە توغرا ۋە ئەركىن مەلۇمات ئېلىش ئىمكانى يوق. گەرچە بۇ مۇنازىرە قىلىش قېيىن تېما بولسىمۇ، ئەمما ئاكادېمىيە ئەركىنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ، بۇ ھەقتە يىغىن چاقىردۇق.»
نىنا خانىمنىڭ دېيىشىچە، يىغىندا ئالدى بىلەن ئاڭلىغۇچىلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرى جۈملىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بەلگىلەنگەن سىياسەتلىرى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈلگەن ۋە ئاندىن ئۇيغۇرلارنى ئىشچى قىلىپ يۆتكەش سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن.
مەزكۇر يىغىندا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم، خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (ICF) نىڭ خەلقئارا تىجارەت مۇتەخەسسىسى جەنېل گوردون خانىم (Janelle Gordon)، ئادىل ئەمگەكچىلەر جەمئىيىتىنىڭ (FLA) باش ئىدارە دىرېكتورى شېللىي ھان (Shelly Heald Han) ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى، دوكتور سوفېي رېچاردسون قاتارلىقلار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ۋەھشىيلىكلەر، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى ۋە ئۇنىڭدىكى كەمچىلىكلەر ھەققىدە سۆزلىگەن.
ئەلفىدار ئىلتەبىرنىڭ رادىيومىزغا دېيىشىچە، ئۇ يىغىندا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن سىياسىتى بىلەن بۇ سىياسەت ئەپ كېلىۋاتقان ئاقىۋەتلەر ھەققىدە نۇقتىلىق توختالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى دۆلەت قوللىشى بىلەن ئەپ بېرىلىۋاتقانلىقىدەك تەبىئىتى سەۋەبىدىن ئۇنى خەلقئارالىق تەمىنلەش زەنجىرىدىن تازىلاش رىقابەتكە تولغان بىر ئىش ئىكەن. پىروفېسسور نىنا گاردېنىر خانىمنىڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئالدى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان سىياسەتلىرىنى قاچان ئۆزگەرتىدىغانلىقى ئېنىق بولمىغاچقا، تىجارەتچىلەر ئۆزى خىتايدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىپ قالماي تۇرۇپ، تىجارەت قىلىشنىڭ يولىنى تېپىشى كېرەك. ئەمما بۇنداق قىلىش قېيىن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى ۋە ئىشچىلار ھوقۇقىنى تەكشۈرىدىغان تەپتىش شىركەتلىرىگە زەربە بەردى، ئىشچىلارنىڭ ئاۋازى پۈتۈنلەي جىمىقتۇرۇلدى. خىتايدا ئىشچىلار ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ تۇرۇپ ئىش قىلىش مۇمكىن ئەمەس ھالەتكە كەلدى. شۇڭا بىر قىسىم شىركەتلەر باشقا دۆلەتلەرگە يۈزلىنىشنىڭ يولىنى ئىزدەۋاتىدۇ. بۇ تولىمۇ زور رىقابەت. ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ھازىر تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا تىجارەت قىلىش يولىغا قاراپ ماڭدى. مەنچە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر بۇنىڭغا قېتىلسا ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شىركەتلەر ۋە دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلەتسە بۇ مەسىلىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغىلى بولۇشى مۇمكىن.»
ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىمنىڭ دېيىشىچە، ئۇ يىغىندا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھېلىھەم ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان قانۇنىي يوچۇقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئۇزۇن مۇنازىرىلەر بولغان.
نىنا گاردېنىر خانىممۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ «شيىن» ۋە «تىمۇ» قاتارلىق تور بەتلىرى ئارقىلىق پارچە سېتىلىۋاتقان كىيىم-كېچەك قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئۇ «ئەڭ تۆۋەن چەك» قائىدىسى ھەققىدە توختالدى.
«ئەڭ تۆۋەن چەك قائىدىسى» ئامېرىكا تاموژنىسىنىڭ قىممىتى 800 دوللاردىن تۆۋەن پوسۇلكىلارنى تەكشۈرمەسلىك ھەققىدىكى قائىدىسى بولۇپ، يۇقىرىدىكى خىتاي تور بەتلىرى مۇشۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ياساپ چىقىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرى يەنى كىيىم-كېچەكلەرنى ئامېرىكالىق ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىشىغا سۇنۇۋاتاتتى. نىنا گاردنېر خانىم مۇنداق دېدى:
«مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىم بۇ يوچۇققا دىققەت تارتىدىغان قىسقا فىلىملارنى ئىشلىدى. يىغىندا بىز بۇ تېما ئۈستىدە مەخسۇس توختالدۇق. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىم ئاڭلىغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ۋە يىغىندىكى ئوقۇغۇچىلىرىمنى ئۆزىنىڭ توردا سېتىۋالغان نەرسىلىرىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىش ئىدى. بۇ ھەقتە نۇرغۇن مۇنازىرىلەر بولدى. يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان ئامېرىكا چېگرا ۋە تاموژنا ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان ئادۋوكاتنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار ھازىر بۇ يوچۇقنى ئېتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋېتىپتۇ»
پىروفېسسور نىنا گاردېنىر خانىم ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، خەلقئارالىق شىركەتلەرگە سىجىل تىجارەت ھەققىدە مەسلىھەت بېرىش شىركىتىنىڭ دىرېكتورى بولۇپ، ئۇ ئادەتتە شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارغا ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ سىجىللىققا مۇناسىۋەتلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قانۇنلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىدىكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ مۇھىت ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغان ئاساستا تىجارەت قىلىشى ئۈچۈن مەسلىھەت بېرىدىكەن.
ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، مەجبۇرىي ئەمگەككە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنىڭ تېخى باشلانغۇچ ھالەتتە ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كارخانىلارنى ۋە ھەمدە يەنىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى ئورتاق ھەمكارلىشىشقا چاقىرىشى لازىملىقىنى، دېموكراتىك دۆلەتلەر ئۆز قىممەت قارىشىغا سادىق قالغاندىلا ئاندىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ يەنە، مەجبۇرىي ئەمگەككە تاقابىل تۇرۇش ساھەسىدە ئىنتايىن كۆپ ئىجابىي تىرىشچانلىقلار بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتە كەلگۈسىگە ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا تەتقىقاتلار فاكۇلتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت، دىپلوماتىيە، دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىقتىساد ۋە ئاممىۋى سىياسەتلەرنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشقا بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا ئۈچۈن نۇرغۇن دىپلوماتلارنى، سىياسەتچىلەرنى يېتىشتۈرگەن نوپۇزلۇق بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.