ئانالىزچىلار: «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ نۇقتىسىدۇر (1)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-07-09
Share
ئانالىزچىلار: «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ نۇقتىسىدۇر (1) 2009- يىلى 7- ئىيولدا كوچىلارغا تاياق-توقماق ۋە تىغلىق ئەسۋاپلارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ماڭغان ئۈرۈمچىىدىكى خىتاي پۇخرالىرى
AFP

2009-يىل 7-ئاينىڭ 5-كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئادالەت تەلەپ قىلىپ چىققان ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىنى باستۇرۇپ، ئارقىدىن قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن پاجىئەلىك كۈن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراش تارىخىدا كەم كۆرۈلىدىغان شىددەتلىك ۋەقە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.

 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسنىڭ شاۋگۈەن بازىرىدىكى بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئون نەچچە ئۇيغۇر ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر توپ خىتاي تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان ۋىدىيولۇق كۆرۈنۈشى خىتاي تور بەتلىرىدە كەڭ تارقىلىدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغايدۇ. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شۇ كېچىسى ئۆلتۈرۈلگەن قىز-ئوغۇل 17 نەپەرگە يەتكەن. «شاۋگۈەن ۋەقەسى» گە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن 5-ئىيۇل كۈنى شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ 200 دەك ئوقۇغۇچىلىرى ھۈكۈمەت بىناسى ئالدىدا تىنچ شەكىللىك نامايىش قىلىپ، «شاۋگۈەن ۋەقەسى» نى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشنى، ئۇيغۇر ياشلىرىنى قۇل ئىشچى سۈپتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى توختىتىشنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق، نامراتلىق مەسلىسنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزىدە ھەل قىلشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما بۇ نامايىش خىتاي ھۆكۈمىتى تەرپىدىن قانلىق باستۇرۇلىدۇ ۋە نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى قولغا ئېلىنىدۇ. شۇ كۈنى كېچىسى خىتاي ساقچىلىرى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردىكى توكنى ئۈزۋېتىپ، ئۆي- ئۆيلەرگە كىرىپ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى «تاشقى كۈچلەرنىڭ قۇترىتىشى بىلەن يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. ۋاڭ لېچۈەن باشچىلىقىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۈرۈمچىدىكى ھەربىي-ساقچى ۋە بىڭتۇەن ئەسكەرلىرىنى پۇقراچە ياساندۇرۇپ، بىر مەيدان ئۇرۇش قوزغايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشكەن خىتايلار غالجىرلىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى جايلاشقان مەھەللىلەرگە بېرىپ، ئالدىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىدۇ ياكى يارىلاندۇرىدۇ.

«5-ئىيۇل ۋەقەسى» خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ئېغىر قىرغىنچلىق ۋەقەسى بولۇپ، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى باش بولۇپ مىللىي قىرغىنچىلىقنى باشلاپ بەرگەن، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇشقا سالغان، ئاندىن يەنە جىنايەتنىڭ ھەممىسىنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ ئۇلارنى تۈركۈملەپ قىرغىن قىلغان.

سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ۋەقە ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىقى ۋە جاسارىتىنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتتى. ئىككىنچىدىن، بۇ ۋەقە ئۇيغۇر دەۋاسىنى خەلقئارالاشتۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى؛ ئۈچىنچىدىن بۇ ۋەقە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى ئۈلگىلىك ۋە يېتەكچىلىك رولىنى نامايەن قىلدى».  

خىتاي ھۆكۈمىتى تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن باستۇرۇپ، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى چەكلەپ، ئاسسىمىلاتسىيە قەدىمىنى تېزىلىتىپ كەلگەن بولۇپ، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» خىتاينىڭ ساختا ئاپتونومىيە ۋە ساختا مىللىي سىياسىتىنىڭ پۈتۈنلەي مەغلۇب بولغانلىقىنى كۆرسەتتى ھەمدە خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ بەردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئېڭىنى كۈچلۈك ئويغىتىش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چوڭ رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قىرغىنچىلىق ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ساختا نىقابىنى يىرتىپ تاشلىغاندىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيەسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي كېلىۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ تەسىرنىڭ بىر مەزگىللىك مەنىۋى گۈللىنىش پەيدا قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا قارىماي ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ئۈچۈن بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە چەت ئەلگە چىقىش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ۋەزىيەت ئىشلىرى ئانالىزچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ۋە ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش سىياسىتى ئۈچۈن بىر باھانە بولۇپ بەرگەنلىكىنى، شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى،  ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە نوپۇسىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان تۈزگەنلىكىنى ۋە ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بۇ زور ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى رادىكال ئىسلامىزمغا باغلاپ، ئۇلارنى دۇنياغا تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىشكە باشلىغان بولسا، بىر ياقتىن كۆپلەپ لاگېر قۇرۇپ، «ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنى تازىلاش ياكى مېڭىسىنى يۇيۇش» باھانىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قەدىمىنى باشلىغان. ئانالىزچىلارنىڭ كېيىنكى بايانلىرىنى پروگراممىمىزنىڭ 2-قىسمىدا ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت