«جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى شىنجاڭنى چۈشىنىشتىكى تىپىك بىر ئۆرنەك» دېيىشتىكى مەقسەت نېمە؟

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، خىتاي مىللىي گەۋدىسىگە قوشۇۋېتىش مەقسەت قىلىنغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى تەشەببۇس قىلىشى شىددەت بىلەن داۋاملىق تۈردە تەكىتلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىقتىن بىر گەۋدىگە ئايلىنىشى شىنجاڭنى چۈشىنىشتىكى تىپىك بىر ئۆرنەكتۇر» دەپ جار سالغان سەپسەتىلىرى دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 15-ئاپرېلدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىسىدە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 18-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش كاتىپ شى جىنپىڭنىڭ «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت» كە ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسلىق تۈپ تېزىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى تەكىتلەنگەن. شۇنىڭدەك، كۆپ خىللىقتىن بىر گەۋدىگە ئايلىنىشتەك بۇ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى تولۇق ۋە ئەتراپلىق چۈشىنىشتە تىپىك بىر ئۆرنەك بولۇۋاتقانلىقى داۋراڭ سېلىنغان.

ماقالىدە يەنە مۇنۇلار دېيىلگەن: «پەقەت جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى نۇقتىئىنەزىرىنى ئاساس قىلغاندىلا، بىز شىنجاڭنى چۈشىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى جۈملىدىن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تارىخىنى چۈشىنەلەيمىز. چۈنكى، ئۇ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقتىن جۇڭخۇا مىللىتىدىن ئىبارەت بىر گەۋدىگە ئايلىنىش تارىخىدۇر. شۇنداقلا يەنە، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئۇلۇغ ۋەتەننى ئورتاق بەرپا قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش تارىخىدۇر. »

رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئانالىزچى ماجۈ ئەپەندى نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بەرپا قىلىش» ۋە «مىللەتلەر ئارا يۇغۇرۇۋېتىش» تىن ئىبارەت مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى تەنتەنە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتىكى قارشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇ خىلدىكى پىكىر-بايانلار ماھىيەتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا خىتاينىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىسىگە بولغان خۇشاللىقىنى ئىپادىلەشتۇر. بۇ ئاتالمىش خىتاي مەدەنىيىتى، خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ غەربكە كېڭىيىشى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا يەنە، ئۇنىڭ كونتروللۇقىدىكى بارلىق رايونلارنىڭ خىتايلاشتۇرۇلغانلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر. خىتاينىڭ بۇ سەپسەتىلىرىدىن ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ، ئۆزلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق باستۇرۇشىنىڭ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە ئۇنچە كۆپ ئىقتىسادىي مەبلەغ سەرپ قىلمايمۇ ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن غالىپ كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت تەنتەنىسىنى داۋراڭ سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. جۈملىدىن خىتاينىڭ بۇ تەشۋىق-تەرغىباتلىرىغا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى چۈشىنىپ يېتىپ ۋە ئۇنىڭغا بوي سۇنۇپ، ئۆزىنى ئاتالمىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراشقا باشلىغانلىقىدىن ئىشارەت بېرىۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق يوشۇرۇنغان. »

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيانقى خىتايدا ئىزچىل تەشەببۇس قىلىنىپ كېلىۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» يەنە قايتا تەكىتلەنگەنىدى. تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزگە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ خىتاينىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» ئاتالغۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ ئەسلى ئۇقۇم مەناسى ھەققىدە توختالدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم يەنە، دۇنيادىكى كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەر بىلەن خىتايدىن ئىبارەت كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر ھەققىدىكى قارىشىنى ئىپادىلىدى.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» دىكى مەزكۇر ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىكى دەرۋازا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سەرخىللىقىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، ئۇنى جانلىق نامايان قىلىدىغان ۋاسىتىچى ھەم مەركەز ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ماقالىدە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىختىن بۇيان كۆپ خىل ئوخشىمىغان دىن، مەدەنىيەتنىڭ ئېرىپ يۇغۇرۇلۇپ، ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىكى ئەندىزىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يىراق ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۆۋەتتە «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ سايىسىدە «ئىستىقباللىق كەلگۈسى» گە ئېرىشكەنلىكى داۋراڭ سېلىنغان.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسلىھەتچىسى، تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ خىتاينىڭ ھاكىممۇتلەقلىق ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ يوشۇرۇن مەقسەتلىرى ھەققىدىكى قارىشىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ، مۇنداق دېدى.

خىتاينىڭ مەزكۇر ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كېلىپ چىقىش ئىزنالىرىدىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى ئىكەنلىكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدە جۇڭخۇا مىللىي مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنىڭ ئاساسىنى ئېنىق كۆرۈشكە بولىدىغانلىقى جار سېلىنغان. شۇنىڭدەك، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نىڭ كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىش تەكىتلەنگەن.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، خىتاينىڭ نۆۋەتتە شىددەت بىلەن تەشەببۇس قىلىۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» بەرپا قىلىش سىياسىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى شەرھلەپ ئۆتتى.

دەرۋەقە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى بەرپا قىلىش شوئارى ئاستىدا ئومۇملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاينىڭ بىرلا «جۇڭخۇا مىللىتى» ، يەنى ئەمەلىيەتتىكى خىتاي مىللىتى بەرپا قىلىشتەك غەرىزى دىققەت تارتماقتا.