خىتايدىكى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىنستىتۇتى» ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇشقا باشلىغان

0:00 / 0:00

2020-يىللاردىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە-شەھەرلەردىكى ئاساسلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا، بولۇپمۇ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىنستىتۇتى» لىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بەرپا قىلىش»تىن ئىبارەت خىتاي مىللەتچىلىكىنى يادرو قىلغان سىياسىي ئىدېئولوگىيەسىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ئېرىتىپ، خىتايدا پەقەتلا خىتايلارنى مەركەز قىلغان تەك ئۇلۇس دۆلىتى بەرپا قىلىشنى كۈنتەرتىپكە قويغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا، بولۇپمۇ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىنستىتۇتى» لىرىنىڭ تەسىس قىلىش پىلانى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ بىر قوللۇق يوليورۇقى ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، 2022-يىللاردىن باشلاپ بېيجىڭدىكى «مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى»، لەنجۇدىكى «غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى»، چېڭدۇدىكى «غەربىي جەنۇب مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى»، «شىمالىي خىتاي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى»، «يۈننەن مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى»، «داليەن مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى» قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىنستىتۇتى» ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇشقا باشلىغان. ئۇيغۇر ئېلىدىكى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» دا 2020-يىلى 2-ئايدىلا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بەرپا قىلىش بازىسى» قۇرۇلۇپ بولغان ئىكەن.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتايدا نۆۋەتتە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىنستىتۇتى» لىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى ماھىيەتتە خىتايدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ئېرىتىپ خىتايغا ئايلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىكەن. بۇنىڭ ئاخىرقى نىشانى خىتاينى بىر كۈچلۈك ئۇلۇس دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇش ئىكەن. ئۇ يەنە، خىتاينىڭ بۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئۇيغۇر ۋە خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ، ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، تېخى يېقىندا ئاياغلاشقان ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى 56-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا خىتاينىڭ جەنۋەدە ئالايىتەن «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدە» ئىكەنلىكى توغرىسىدا يانداشما يىغىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ جەنۋەدىكى بۇ يىغىندا غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇرۇلغان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىنستىتۇتى» نىڭ دوتسېنتى رەيھانگۈل ئىمامنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قۇرۇلۇشى» نىڭ خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى مودېل ئىكەنلىكى توغرىلىق گەپ ساتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ يەنە نۆۋەتتە خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا كەڭ-كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇلۇۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىنستىتۇتى» لىرىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، خىتايدىكى كۆپلىگەن مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئارقا-ئارقىدىن تەسىس قىلىنىۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىنستىتۇتى» لىرىدە، بۇ يىل 2-ئايدا نەشر قىلىنغان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» ناملىق كىتابنىڭ «ماركسىزم ۋە شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» بىلەن بىرلىكتە مەجبۇرىي دەرسلىك قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان. ھالبۇكى، مەزكۇر كىتاب توغرۇلۇق ئاۋسترالىيە لاتروبى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جېيمىس لېيبولد (James Leibold) ئۆز قارىشىنى شەرھلىگەندە، بۇنىڭ شى جىنپىڭنىڭ خىتايلارنى مەركەز قىلغان تەك ئۇلۇس دۆلىتى قۇرۇش غەرىزىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

«دېموكراتىك خىتاي فىرونتى» تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «مانجۇرىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى» نىڭ مەسلىھەتچىسى، كانادادىكى سىياسىي ئانالىزچى شېڭ شۆ خانىم، خىتاينىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» شوئارى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك سىياسىي تەدبىرلىرىنىڭ تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خىتايدا كومپارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان «كوممۇنىست مىللىتى» بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ:

«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھازىر قىلىۋاتقانلىرى ماھىيەتتە بىر ‹كوممۇنىست مىللىتى› بەرپا قىلىشتۇر، چۈنكى ئۇنىڭ مۇستەبىتلىكىگە پۈتۈنلەي بويسۇنىدىغان كىشىلەرلا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشىيالايدۇ. ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاي كومپارتىيەسى ئىنسانلارنىڭ ماھىيىتىنى ۋە مىللىي خاراكتېرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئىرق ۋە مىللەت پەرقى بولمىغان ئاتالمىش ‹جۇڭخۇا مىللىتى› دېگەن يېڭى بىر مىللەتنى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. مەن يېقىندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ‹كوممۇنىست مىللىتى› يارىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى توغرىلىق بىر ماقالە يېزىۋاتىمەن. دېمەكچىمەنكى، خىتاينىڭ بۇ خىل قىلمىشىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىشى كېرەك. ناھايىتى روشەنكى، خىتاي كومپارتىيەسى خىتاي مىللىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي خاراكتېرىنى، ئىنسانلارنىڭ ماھىيىتىنى تۈپ نېگىزىدىن يوقىتىپ، خىتايدا يېڭى بىر مىللەت توپى قۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.»

خىتاينىڭ «بەيدۇ» تورىدىن ئىگىلىنىشىچە، «مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى» بۇ يىل 15-ئاپرېل كۈنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» تېمىسىدا «دوكتورلۇق پىروگراممىسى» بويىچە بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقان. نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» بەرپا قىلىش ھەرىكىتىنى پۈتۈن خىتاي دۆلىتى ئىچىدە، جۈملىدىن ئاساسلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىمۇ سىستېمىلاشتۇرۇلۇپ، ئۇنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، تۈرلۈك ئەندىشىلەرنى قوزغىماقتا.