خىتاي دائىرىلىرى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى»، «مىللەتلەرنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى» سىياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» ناملىق كىتابنى نەشر قىلىپ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك كىتابى قىلىپ بېكىتكەن. مۇتەخەسسىسلەر بۇ كىتابنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش سىياسىتىنى رەسمىي ئاقلايدىغان تەشۋىقات سىستېمىسى دەپ قارىماقتا.
«جەنۇبى خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈندىكى ماقالىسىگە ئاساسلانغاندا، 2-ئايدا نەشر قىلىنغان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» ناملىق كىتاب ، ئۇزۇن ئۆتمەي خىتايدا نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ماركىسىزم ۋە شى جىنپىڭ ئىدىيەسى دەرسلىرىگە ئوخشاش مەجبۇرىي دەرسلىك قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
بۇ كىتابتا خىتايدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ مۇھىملىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن شۇنىڭدەك يەنە خىتاينىڭ ئىلگىرىكى مىللىي سىياسىتىنىڭ «مىللىي پەرقنى كۈچلەندۈرۈپ ، تار مىللەت ئېڭى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇستەسنالىقى» نى رىغبەتلەندۈرگەنلىكىى ، بۇ سەۋەب بىلەن مەزكۇر كىتابنى تۈزىش ئېھتىياجى تۇغۇلغانلىقىى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ، شى جىنپىڭ 2014-يىلى «جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى» ئىدىيەسىنى كۈچەيتىشنى ئۇتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان «مىللەتلەرنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى» سىياسىتىنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە بايان قىلىنىشى ئىكەن .
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: « جۇڭخۇا مىللىتى يەنى، <جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى> ، <مىللەتلەرنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى> دېگەنلىك خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ئېرىتىپ يوق قىلىپ ئۇلارنى خىتايغا قوشۇۋېتىشتۇر. خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئۆزىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرسە ياكى تەرغىب قىلسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى تار مىللەتچى قالپىقىنى كىيگۈزىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تار مىللەتچىلىكنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى قىلىۋاتىدۇ. بۇ خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىغا ۋە ئاپتونوم رايون قانۇنىغا خىلاپ. »
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىاقاتچىسى دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» ناملىق كىتابتا ئېيتىلغان خىتاينىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزگەن كونا ۋە يېڭى سىياسىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ كونا سىياسەت بىلەن يېڭى سىياسەتنىڭ خاراكتېرىنىڭ يەنىلا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، ھەممىسى دۆلەتنىڭ قاتتىق كونتروللۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«خىتاينىڭ كونا ۋە يېڭى ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى قانداق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دېگەندە، . بىلگىنىمىزدەك خىتايدا 56 ئاز سانلىق مىللەت بار . يەنە كېلىپ، بۇ دۆلەت بەلگىلىگەن سىستېما. ھەممىمىز بىلگەندەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەردىكى مەقسىتى ئاتالمىش جۇڭخۇا مىللىتىنى ياراتماق. دېمەكچىمەنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى كونا سىياسەتتە ئۇيغۇرلارغا بەزى كەڭچىلىكنى تونۇغان. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلىشى،پىلانلىق تۇغۇت ۋە ئالىي مەكتەپلەر كىرىش دېگەندەك. لېكىن كونا سىياسەت بىلەن يېڭى سىياسەتنىڭ خاراكتېرى يەنىلا ئوخشاش، ھەممىسى دۆلەتنىڭ قاتتىق كونتروللۇقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى جۇڭخۇا مىللىتى ، يەنى مىللەتلەرنىڭ بىر گەۋدىلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. بۇ، جۇڭخۇا مىللىتى سىياسىتى خىتايلارنى مەركەز قىلغان. مېنىڭچە ، يېڭى سىياسەت ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ ۋە تېز سۈرئەتتە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان. بىز بۇنى ئانا تىلنىڭ ئوقۇتۇلماسلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئىپادە قىلىشنىڭ چەكلىنىشى ( مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ چەكلىنىشى) قاتارلىق ساھەلەردە كۆرەلەيمىز. يەنى بۇنىڭ مەركىزىدە خىتاي بار.»
خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇتۇلىدىغان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» ناملىق يېڭى دەرسلىك كىتابتا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن كېيىن ، غەربتىكى نېئولىبرالىزىم (neoliberalism) نىڭ تەسىرىدە ، « مىللەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئىچىدىكى كىملىكنى ئاساس قىلغان ھەر خىل گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ داۋاملىق كۈچىيىپ ، ئىرق ۋە مىللىي زىددىيەتنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كىتابتا ياۋروپا ، ئافرىقا ، ئامېرىكا ۋە ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوخشىمىغان رايونلار دۇچ كەلگەن «مىللىي كىملىكتە بىرلىككە كېلەلمەسلىك » تىزىپ مىسال كەلتۈرۈلگەن ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى سىياسەتلەرنىڭ ھەممىسى «مەسىلىنى ھەل قىلالمىدى» دەپ خۇلاسىلەنگەن.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يۇقىرىدىكى كۆز قاراشقا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: «ھەقىقەت بۇ كىتاب دېگەندەك ئەمەس. غەربتە ئۇلۇسلارنىڭ ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئىچىدىكى كىملىكىنى ئاساس قىلغان ھەر خىل گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا بەزى زىددىيەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى توغرا. لېكىن بۇ زىددىيەتلەرنى بۇ دۆلەتلەر ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ۋە قانۇن ئاساستا ھەل قىلىۋاتىدۇ. خىتاي دەل بۇنىڭ ئەكسىچە قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ئۆزىنىڭ قانۇنىغا ھۆرمەت قىلماي خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە كىملىكىنى ئۆزىگە تەھدىت بىلپ ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ بىرلا خىتاي مىللىتى يارىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. »
«جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» ناملىق كىتابنىڭ تەھرىرى تەن فاڭجېڭ (Tan Fangzheng) خىتاينىڭ «يەرشارى ۋقتى» (Global Times) گېزىتىگە بۇ كىتاب ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن:
«نۇرغۇن ئارخېئولوگىيەلىك ۋە تارىخى ماتېرىياللار ، بولۇپمۇ قەدىمكى خىتايدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە بىرلىشىشىنىڭ نەتىجىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ شۇنىڭدەك جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى تارىخى تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ كىتاب غەربنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغان خاتا تارىخى قاراشلارغا رەددىيە بېرىدۇ.»
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلارنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىغا تەتبىقلاش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەنىدى. خىتاي ئاخباراتلىرىدا تۈرلۈك ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلارنىڭ تېپىلغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەرمۇ كۆپەيگەن. بۇ خەۋەرلەردە قېزىۋېلىنغان يادىكارلىقلارنىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلگەنلىكى» نىڭ دەلىلى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
خىتاي ئادۋوكات ۋە سىياسىي ئانالىزچى دوكتور تېڭ بىياۋ (滕彪) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» ناملىق كىتابنىڭ مەزمۇنى، خاراكتېرى ۋە نەشر قىلىنىش مەقسىتى ھەققىدە كۆز قارشىنى مۇنداق شەرھلىدى:
«<جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ھەققىدە ئومۇمىي بايان> ، ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش سىياسىتىنى رەسمىي ئاقلايدىغان تەشۋىقات سىستېمىسى. خىتاي ھۆكۈمىتى جۇڭخۇا مىللىتى ئۇقۇمىدىن پايدىلىنىپ ، باشقا مىللەتلەرنى، يەنى خىتاي ئەمەس مىللەتلەرنىڭ ئاساسى گەۋدىسىنى ۋە كىملىكىنى يۇقاتتى. ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا ، خىتاي كومپارتىيەسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى داۋاملىق باستۇرۇپ كەلدى. شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن ، ئۇ تېخىمۇ كۈچىيىپ ، ئۇلارنىڭ تىلى ، مەدەنىيىتى ، دىنى ۋە مىللىي كىملىكىگە زور تەھدىت ئېلىپ كەلدى. بولۇپمۇ تىبەت ۋە شىنجاڭ خەلقى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئەمەلىيەتتە بۈگۈن دۇنيا ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەخلى-تەرۇزى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ، ئۇ ئاتالمىش <جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ھەققىدە ئومۇمىي بايان> ئارقىلىق بۇنداق غايەت زور جىنايەتنى يوشۇرۇشقا ۋە ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. »