ئاندرېس كور: شى جىنپىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۆزى ۋە خىتاينىڭ پۇتىغا پالتا چاپماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نۆۋەتتە خىتايدا داۋام قىلىۋاتقان 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنى مەزگىلىدە خىتايدا ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى مۇستەھكەملەشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مەخسۇس سۆز قىلغان، ئۈ سۆزىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك» دېگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاق-ئىناق بولسا دۆلەت گۈللىنىدۇ، جەمئىيەت تىنچ بولىدۇ، خەلق بەختلىك بولىدۇ؛ ئەكسىچە بولسا، دۆلەت زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ، جەمئىيەتتە داۋالغۇش كۆرۈلىدۇ، خەلق بالا-قازاغا ئۇچرايدۇ».

شى جىنپىڭ بۇ سۆزلەرنى 5-مارت كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سۆزى خىتايدىكى ھەرقايسى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئارقىلىق كەڭ تەشۋىق قىلىنغان. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى سىياسىتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇزۇندىن بۇيان تەشۋىق قىلىپ يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلەر بولسىمۇ، بىراق بۇ نۆۋەت شى جىنپىڭنىڭ قۇرۇلتايدىكى سۆزىدە مەخسۇس بۇ ھەقتە توختىلىشى خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن «بلۇمبېرگ گېزىتى» بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدە شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىنى ئۇنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىڭ ئىشارىتى، دەپ باھالىغان.

ئامېرىكادىكى كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە مۇزېيىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان بۇ سىياسەتلەرنىڭ داۋاملىق ھالدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇھىم سىياسىتى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاچقۇچلۇق سىياسەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دېگەنلىك ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىگە بويسۇنۇش ۋە خىتاي جەمئىيىتىگە سىڭىپ كېتىش دېگەنلىك بولۇپ، بۇلار ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي سىياسەت نىشانى بولۇپ كەلگەن. شى جىنپىڭمۇ بۇ سۆزىدە مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا يۇغۇرۇلۇشىنى يەنە كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن».

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» مەسىلىسىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشنى تەكىتلەۋاتقان بولۇپ، شى جىنپىڭ سۆزىدە بۇنى «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت خىتاي ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۆزدە تۇتۇپ چىقىرىلغان مۇھىم زور تەدبىر، شۇنداقلا تارىخىي تەجرىبە-ساۋاقلار چوڭقۇر خۇلاسىلىنىپ چىقىرىلغان مۇھىم يەكۈن» دەپ سۈپەتلىگەن.

ئادرىيان زېنز ئەپەندى سۆزىدە شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي دەۋاتقان يۇغۇرۇلۇش مىللەتلەرنى بىر يەرگە ئەكېلىش، ئۇلارنى خىتاي مىللىتى قىلىپ يۇغۇرۇش ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىگە مۇتلەق بويسۇنىدىغان قىلىش دېگەنلىكتۇر. يەنە بىر مەنىدىن ئالغاندا، ئۇ خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە خىتاي جەمئىيىتىگە سىڭدۈرۈۋېتىشنى ئىپادىلەيدۇ».

شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا لاگېرلارنى قۇرۇپ مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرغا سولاش، ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولسا لاگېر سىرتىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى جىنايەتلەشتۈرۈپ چەكلەش، ئۇيغۇر ئانا تىلىنى چەكلەش، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇش-تۇغۇلۇش نىسبىتىنى چەكلەشتەك قەبىھلىكلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ قەبىھلىكلەرنىڭ باش پىلانلىغۇچىسىنىڭ شى جىنپىڭ ئىكەنلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ئىچكى ھۆججەتلىرى ئارقىلىق دۇنياغا پاش بولغانىدى. ئۇنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىنى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى سۈپىتىدە يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دەپ قارىماقتا. دەرۋەقە شى جىنپىڭمۇ قۇرۇلتاينىڭ قاراپ چىقىش يىغىنىدىكى سۆزىدە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە ھەم كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان خىزمەتلەرنى ئىشلەش ھەم كۆپلىگەن ‹ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان› ئىشلارنى قىلىش كېرەك. . . ھەر مىللەت كادىرلىرى پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق بولغانلىكى خىزمەتلەرنى كۆپرەك ئىشلىشى كېرەك؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىسىز بولغانلىكى ئىشلارنى قەتئىي قىلماسلىقى كېرەك»، دېگەن.

ئامېرىكادىكى كور ئانالىتىك تەتقىقات مەركىزى قۇرغۇچىسى، خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئاندېرس كور ئەپەندى بولسا بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۆزىگە پايدىلىق ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئېلخېتىدە مۇنداق دېگەن: «شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلاردىن موڭغۇللارغىچە بولغان ھەممە مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۆزى ۋە خىتاينىڭ پۇتىغا پالتا چاپماقتا. ئۇ باشقا مىللەتلەر ۋە توپلۇقلارنىڭ دۆلەتكە تەھدىت ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە ئۇلارغا كۈچ قوشىدىغانلىقىنى چۈشىنىشى كېرەك. بىر دۆلەت ئىچىدىكى مەدەنىيەت ۋە تىل گۇرۇپپىلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوبۇل قىلغاندا ۋە قوللىغاندىلا بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسىغا، ئۇلارنىڭ دۆلەتنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىرادىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىسا ئۇلار دەل ئەكسىنى قىلىدۇ. جۈملىدىن بۇ دۆلەتنى قوبۇل قىلمايدۇ».

دوكتور ئاندېرس كور ئەپەندى سۆزىدە يەنە «خىتاي ئۆزىدىكى كۆپ خىللىققا قارشى تۇرۇش ئارقىلىق ئۆز مەغلۇبىيىتىگە بارىدىغان يولدا كېتىپ بارماقتا» دەپ تەكىتلىدى.