ئۈرۈمچى بىلەن كابۇل ئوتتۇرىسىدىكى ھاۋا يولىنىڭ ئېچىلىشى ۋە بۇنىڭدىكى ئۇيغۇر ئامىلى
2023.05.30
خىتاينىڭ ئۈرۈمچى بىلەن كابۇل ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشىنى يولغا قويۇشىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى.
گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ARD دا، 30-ماي كۈنى ئېلان قىلغان «خىتايدىن كابۇلغا بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشى يولغا قويۇلدى» ناملىق خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي ھاكىمىيىتى ئافغانىستان پايتەختى كابۇل بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى ئارىسىدا ھەر چارشەنبە كۈنى بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ھاۋا قاتنىشىنى رەسمىي يولغا قويغان. بۇ تالىبان ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 8-ئايدا ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن بۇيان، خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشىغا يول ئېچىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
مەلۇم بولغىنىدەك، تالىبانلار ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلمىغان ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئافغانىستانغا توختىماي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، تۈرلۈك ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى تۈزۈپ، ئافغانىستاننى ئۆزىگە باغلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن. ARD نىڭ بۇ خۇسۇستا بايان قىلىشىچە، بىر يېرىم مىليون ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇر دىيارى بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا 76 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇققا سوزۇلغان بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتى مانا بۇ چېگرانىڭ مۇقىمسىزلىقىدىن ئەنسىرەپ ئىقتىسادىي ئاساسى ۋەيرانە ھالدىكى تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇشقا تېرىشماقتىكەن. كابۇل بىلەن ئۈرۈمچى ئوتتۇرىسىدىكى ھاۋا قاتنىشى ماھىيەتتە خىتاينىڭ مۇقىملىق ئېھتىياجى سەۋەبلىك بارلىققا كەلگەن ئىكەن.
تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە يالغۇز ئافغانىستانلا ئەمەس، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ھەم جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر دىيارى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك دائىرىلەرگە بەزى ھوقۇقلارنى ۋە ئىمتىيازلارنى بەرمەكتە ئىكەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئافغانىستانغا بۇنداق كۆڭۈل بۆلۈشى، ئافغانلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىمۇ بىر مەقسەت قىلغان ئىكەن.
«خىتايدىن كابۇلغا بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشى يولغا قويۇلدى» ناملىق خەۋەردە مۇنداق بايان قىلغان: «خىتاينىڭ نۇقتىئىنەزەرىدىن قارىغاندا، ئافغانىستاندىكى رادىكال ئىسلامىي ئېقىمنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى ۋە شىنجاڭنىڭ مۇستەقىللىقىغا سەۋەب بولۇپ قېلىشى خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىتتۇر. خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە رەھبەرلىرى كونتروللۇقنى يوقىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئاخىرقى بىرقانچە يىلدا شىنجاڭدا غايەت زور كۆزىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ چىققان. نۆۋەتتە بىر يېرىم مىليون ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.»
گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئافغانىستان شەرقىي تۈركىستانغا قوشنا بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ئۈچۈن مۇھىم بىر جاي ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، غەرب ئەللىرى ئافغانىستانغا ئىمبارگو سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، خىتاي ھاكىمىيىتى بىر تەرەپتىن بۇ دۆلەتكە يوچۇق ئېچىپ بېرىپ، ئۆزىنى ئافغانىستانغا ياخشى كۆرسىتىش، ئافغانىستاننى ھەر ساھەدە بېقىندۇرۇشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچى كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن پايدىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تېرىشماقتا ئىكەن.
ھالبۇكى، خىتاي بىلەن پاكىستاندىن باشقا دۆلەتلەر بىلەن تۈزۈك ئالاقىسى بولمىغان ئافغانىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى قوللىماسلىقنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، تالىبانلارنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە پات ئارىدا بىرەر ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ناتايىن ئىكەن.