قىزىل ئاكتىپ قۇربان نىيازنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىگە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى قانداق قارايدۇ؟

مۇخبىرىمىز سادا
2019.10.04
kurban-niyaz مۇكاپاتقا نائىل بولغان قۇربان نىياز ئەسلىدە ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا ئۇيغۇر دىيارىدا تۇنجىلاردىن بولۇپ «دۆلەت تىلى» نامىدىكى خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش مەكتىپىنى ئاچقان، 2019-يىلى، 30-سېنتەبىر، ئۈچتۇرپان ناھىيەسى
Xinhua

«ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ قىرىق يىللىق مۇساپىسىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان 100 نەمۇنىچى» نى باھالاشتا ئۆتكەن  40 يىلدا، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى 1978-يىلىدىن باشلاپ «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش» نى يولغا قويغاندىن بۇيان بۇ ساھەگە زور تۆھپە قوشقان خىتايدىكى داڭدار كىشىلەر تاللانغان. بۇنىڭغا خىتاينىڭ بىر قىسىم تەبىئىي پەن ئالىملىرى شۇنىڭدەك مەدەنىيەت-سەنئەت، ئىقتىساد قاتارلىق ھەر ساھەدىكى ئوخشىمىغان تۈرلەردە داڭق چىقارغان كىشىلىرى تاللانغان. تىبەت، موڭغۇل، ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەردىن بىردەك «سىياسىي ئاكتىپ» لار تاللانغان.

مەزكۇر مۇكاپاتقا نائىل بولغان قۇربان نىياز ئەسلىدە ئاھالىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا ئۇيغۇر دىيارىدا تۇنجىلاردىن بولۇپ «دۆلەت تىلى» نامىدىكى خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش مەكتىپىنى ئاچقان ھەمدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. ئۇ يەنە بۇ يېزىدىكى ئۇيغۇر گۆدەكلىرىگە خىتايچە تىل ئۆگىتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بالىلارغا قەدىمكى خىتايلارغا تەقلىد قىلىنغان كىيىملەرنى كىيدۈرگەن ۋە خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇ-ئەسۋابلىرىنى چېلىشنى ئۆگەتكەن.

قىزىل ئاكتىپ قۇربان نىياز يۇقىرىقى مۇكاپاتتىن باشقا يەنە «7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى» بولۇپ باھالانغان. مەلۇم بولۇشىچە، قۇربان نىيازغا مەزكۇر مۇكاپاتنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزى بىر قوللۇق تەقدىم قىلغان ئىكەن.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ئۇتۇق قازانغان ئۇيغۇر پروفېسسورلىرىدىن خالمۇرات غوپۇر، تاشپولات تېيىپ، ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتارلىق يۈزلىگەن تالانت ئىگىلىرى «ئىككى يۈزلىمىچى»، «سىياسىي مەيدانى قەتئىي بولمىغان» دېگەندەك تۈرلۈك بەتناملار بىلەن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر ئەھۋالدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن «تۆھپە» قوشۇۋاتقان قۇربان نىيازدەك بىر شەخسنىڭ «مەملىكەتلىك تۆھپىكار» بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يۇقىرى دەرىجىدە ئەتىۋارلىنىشى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجىۋىسكى ئەپەندى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ قۇربان نىيازغا ئوخشاش قىزىل ئاكتىپنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن كۆككە كۆتۈرۈلىشى ھەققىدە ئانالىز يۈرگۈزۈپ مۇنداق دېدى: «قۇربان نىيازنىڭ بۇ مەكتىپى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى خىتاي جەمئىيىتىگە سىڭدۈرۈشتەك ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىگە ماسلاشقان. قۇربان نىيازغا ئوخشاش خىتايغا نىسبەتەن قايناق ھېسسىياتقا باي كىشىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى خىتايغا <بىز ئۇيغۇرلارغا ھەرقانداق جەھەتتىن يول قويىۋاتىمىز> دېيىشى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. دېمەك، ئەگەر قۇربان نىيازدەك كىشىلەر داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقسا، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى باھانە بولالايدۇ. ھالبۇكى، بۈگۈن ئۇنداق ئادەمنى كۆككە كۆتۈرسە، ئەتىسى ئۇ ئۆزىنى تۈرمىدە ياكى لاگېردا كۆرىدۇ.»

ھازىرغا قەدەر رادىيومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئىككى يۈزلىمىچى» دەپ جازالانغانلار پەقەت ئۇيغۇر سەرخىللىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، خىتايغا ئىزچىل سادىق بولۇپ كەلگەن قىزىل ئۇيغۇرلارمۇ بۇ بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇنداقتا، قۇربان نىياز بىلەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قىزىل ئۇيغۇرلارنىڭ پەرقى قەيەردە؟

ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئانالىز يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئۇيغۇر ئانالىزچىلىرىدىن ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئوپتېك ئېنژىنېرى، دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، قۇربان نىيازنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل ھىمايىسىگە ئېرىشىشى ئۇنىڭ خىتاي تەشۋىق قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن ئىشلارنى ئاكتىپلىق بىلەن قىلغانلىقىدىن بولغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

چەتئەلدىكى بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئىقتىساد ۋە تەشكىلات جەھەتتە بىر قوللۇق باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان كوڭزى ئىنستىتۇتلىرى خەلقئارادىكى، جۈملىدىن ئامېرىكادىكى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەردە تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ خىتايچە تىل ۋە مەدەنىيەت ھەققىدە بىلىم بېرىشتەك تۈپلۈك پىرىنسىپلىرىدىن زور دەرىجىدە چەتنەپ كەتكەن. ئەكسىچە ئۇلار خىتاي كومپارتىيىسى ئۈچۈن ئامېرىكادا تەشۋىقاتچىلىق قىلىشتەك غەيرىي رەسمىي ۋەزىپىنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالغان. نەتىجىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى ئىنىستىتۇتلارنىڭ «كەشىنى توغرىلىماقچى» بولغان. ئۇيغۇر دىيارىدا ئەكسىچە، قۇربان نىيازغا ئوخشاش كىشىلەر ئۆزى قۇرغان مەكتەپكە كوڭزىنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەپ، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ھەر كۈنى ئۇنىڭ ھەيكىلىگە تازىم قىلدۇرغان.

چەتئەلدە شاللىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا چەكلىمىسىز مەۋجۈت بولۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزەلدىن ئىرادىسى ئاجىز، مەيدانى مۇستەھكەم بولمىغان كىشىلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتىنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە يەنە چەتئەلگە زورلاپ تاڭالمىغان كوڭزى مەكتەپلىرىنى قۇربان نىيازنى ۋاستە قىلىپ ھېچقانداق تاللاش ھوقۇقى بولمىغان ئۇيغۇرلارغا تېڭىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى كىتاب-ماتېرىياللارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يىغىۋىلىنىشى، كۆيدۈرۈلىشى، بۇ كىتابلارنى تۈزگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ جازاغا ھۆكۈم قىلىنىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، كىملىكى ۋە تارىخىنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. كۆزەتكۈچىلەر قۇربان نىيازنىڭ مەكتىپىدە خىتاي تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭمۇ بۇ خىل كرىزېسنىڭ تەھدىتى نەتىجىسىدە ئۆز مىللىي كىملىكىنى ئىنكار قىلىدىغان بىر ۋەزىيەتنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.

ھېنرىي شاجىۋىسكى بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ، «نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە بۇ بالىلارنىڭ ئانا تىلى ئۇيغۇر تىلى، دىنىي ئېتىقادى ئىسلام دىنى بولىدۇ، دەپ مۆلچەرلەش ئىنتايىن قىيىن. ۋەھالەنكى، مەلۇم بىر ۋاقتقا كەلگەندە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى ئىنكار قىلىنغان بەزى نەرسىلەر ئۈستىدىن قايتىدىن ئويلىنىشقا باشلايدۇ، يەنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى ھەققىدە ئۆز-ئۆزىگە سۇئال قويۇشقا باشلايدۇ شۇ سەۋەبتىن ئۆزلىرى قوبۇل قىلىۋاتقان مائارىپ ئۈستىدىن قاتتىق ئويلىنىدۇ. ئۇلار خىتاي مىللىتىدىن بولمىغاچقا، خىتاي جەمئىيىتىگە تولۇق سىڭىپ كىرەلمەيدۇ،» دېدى.

دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى سۆزى ئاخىرىدا قۇربان نىيازغا ئوخشاش ئادەملەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن پايدىلىنىش قىممىتى تۈگىگەندىن كېيىنلا دەرھال شاللىنىپ، باشقا «ئىككى يۈزلىمىچى» ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش كۈنگە قالىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.