كامبرىج ئۇيۇشمىسى خىتاينىڭ كۈچلىنىشىدىن ھەزەر ئەيلەش كېرەكمۇ-يوق دېگەن تېمىدا مۇنازىرە ئېلىپ بارغان

0:00 / 0:00

كامبرىج ئۇيۇشمىسى (Cambridge Union) ئەنگلىيەنىڭ كامبرىج شەھىرىدىكى مۇنازىرە ۋە سۆز ئەركىنلىكى مۇنبىرى بولۇپ، مەزكۇر ئۇيۇشما 2-نويابىر كۈنى «خىتاينىڭ كۈچلىنىشىدىن قورقۇشىمىز خاتا (We Are Wrong To Fear The Rise Of China) » دېگەن تېمىدا مۇنازىرە ئۇيۇشتۇرغان.

مەزكۇر مۇنازىرىگە ئەنگلىيەگە جايلاشقان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات» ناملىق تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، خوڭكوڭنىڭ سابىق قانۇن بەلگىلىگۈچىلىرىدىن نەيسىن لو (Nathan Law) ، بۇلارغا قارشى تەرەپتە سابىق دىپلومات، ھازىرقى ئەنگلىيە پارلامېنتى ئەزاسى سىمون گېرارد ماك-دونالد (Simon Gerard McDonald) ۋە ئەنگلىيە لەنچېستىر ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي ۋە خەلقئارا تەتقىقات بۆلۈمى پىروفېسسورى ھەم مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى زېڭ جىڭخەن (Jinghan ZENG) قاتارلىقلار تەكلىپ قىلىنغان. مۇنازىرىگە ھەر ئىككى تەرەپكە بىردىن ئوقۇغۇچى قېتىلىپ سۆز قىلغان.

ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات» دېگەن تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت مۇنازىرە مەيدانىدا سۆزلەۋاتىدۇ، 2023-يىلى 2-نويابىر، كامبرىج
ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات» دېگەن تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت مۇنازىرە مەيدانىدا سۆزلەۋاتىدۇ، 2023-يىلى 2-نويابىر، كامبرىج (X@UyghurStop)

رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مەزكۇر مۇنازىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئۇ يەنە مۇنازىرە ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە مۇنازىرىدە قارشى تەرەپ خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى كوزىر قىلىپ تۇرۇپ، «خىتاي دۇنيا ئۈچۈن تەھدىت ئەمەس» دېگەن نۇقتىئىنەزەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

رەھىمە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە مۇنازىرىگە تەخمىنەن 350 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ، مۇنازىرە ناھايىتى جىددىي ۋە قىزغىن داۋام قىلغان.

بىز سىمون گېرارد ماك-دونالد ۋە زېڭ جىڭخەن قاتارلىقلارنىڭمۇ بۇ مۇنازىرە ھەققىدىكى ئىنكاسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالاقىلىشىشكە تىرىشتۇق، لېكىن ئىمكان بولمىدى.

رەھىمە خانىم يەنە ئۆزى مۇنازىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم نۇقتىلارنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ نۇتقىدا خىتاي قانچە كۈچلەنگەنسېرى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسىتىنى پۈتۈن دۇنياغا شۇنچە تىز كېڭەيتىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مۇنازىرە مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش، 2023-يىلى 2-نويابىر، كامبرىج
مۇنازىرە مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش، 2023-يىلى 2-نويابىر، كامبرىج (X@UyghurStop)

مەزكۇر مۇنازىرىگە تاماشىبىن سۈپىتىدە قاتناشقان ئەنگلىيەلىك ئۇيغۇر قىز، كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت كەسپى ئوقۇغۇچىسى لەيلا ئەيسا مەزكۇر مۇنازىرە ھەققىدە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «نەيسىن لو ۋە رەھىمە مەھمۇتنىڭ نۇتقى بەك ياخشى بولدى. رەھىمە مەھمۇت ناھايىتى كۈچلۈك نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەن بىر قانچە مۇنازىرىلەرگە بارغان. لېكىن بۇ قېتىمقىسى ھەقىقەتەن ئالاھىدە بولدى. ئۇلارنىڭ مۇنازىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىلىرى قارشى تەرەپنىڭكىدىن ھەقىقەتەن كۈچلۈك بولدى. قارشى تەرەپ خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا قانداق سىياسەت يۈرگۈزسە يۈرگۈزسۇن ئىقتىسادى كۈچلەنسىلا بولىدۇ، دېگەن نۇقتىئىنەزەرنى كۈچەپ تەشۋىق قىلدى. لېكىن مۇنازىرىدە نۇرغۇن ئەقىللىق كىشىلەر بار، ئۇلار نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى ئايرىيالايدۇ. قارشى تەرەپنى قوللىغانلارنىڭ سانىدىن رەھىمە ۋە نەيسىننى قوللىغانلارنىڭ سانى كۆپ بولدى. ئۆزۈم ئوقۇغان مەكتەپتە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان بۇنچە كۆپ كىشىنى كۆرۈپ ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم. »

كامبرىج ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئەنگلىيەنىڭ كامبرىج شەھىرىدە 1815-يىلى قۇرۇلغان مۇنازىرە ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى قوغداشنى نىشان قىلغان ئۇيۇشما بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن مۇنازىرە مۇنبىرى ھېسابلىنىدىكەن. مەزكۇر ئۇيۇشما تەشكىللىگەن مۇنبەر 2021-يىلى ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غەنى خانىم بىلەن رەھىمە مەھمۇت خانىمنى تەكلىپ قىلىپ «ئۇيغۇر دىئالوگى» دېگەن تېمىدا مۇنازىرە ئۇيۇشتۇرغانىدى.