ئامېرىكادىكى ئىنژېنېر كەۋسەر ۋاھىتنىڭ سىڭلىسى كامىلە ۋاھىتنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

ئامېرىكادا خىزمەت قىلىۋاتقان ئىنژېنېر كەۋسەر ۋاھىت يېقىندا خېنەن ئۆلكىسىدە ئوقۇۋاتقان سىڭلىسى كامىلە ۋاھىتنىڭ يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى تىۋىتتېردا خەۋەر قىلغانىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئاتۇشتىكى ئالاقىدار خادىملارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، دائىرىلەرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تەتىل قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئالاھىدە نازارەت تۈزۈمىنى يولغا قويغانلىقى ۋە ئاتۇش شەھىرىدىكى پامىر ساقچىخانىسى تەۋەلىكىدىنلا كامىلە ۋاھىت ۋە تۇرسۇنجان ئىسىملىك ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ تۇتۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى دەلىللەندى.

ئۇيغۇر ئېلىدا 2017-يىلى چوڭ تۇتقۇن باشلىنىشنىڭ ئالدى-كەينىدە چەتئەلگە چىقىپ كەلگەنلەر ئالاھىدە تەكشۈرۈش ۋە تۇتقۇن ئوبيېكتى بولغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، بولۇپمۇ تەتىل قىلىپ كەلگەنلەر نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولغان ۋە ئازراقلا گۇمان قوزغىغانلار تۇتۇپ تەكشۈرۈلگەن. ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئىنژېنېر كەۋسەر ۋاھىتنىڭ تىۋىتتېردا ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇنىڭ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شياڭچيۇ سانائەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان 19 ياشلىق سىڭلىسى كامىلە ۋاھىت 12-ئاينىڭ بېشىدا قىشلىق تەتىل قىلىپ يۇرتىغا قايتقىنىدا تۇتقۇن قىلىنغان.

19 ياشلىق ستۇدېنت قىز كامىلە ۋاھىت، 12-ئاي قىشلىق تەتىلدە ئۇيغۇر رايونىغا قايتقاندا تۇتۇپ كېتىلگەن.
19 ياشلىق ستۇدېنت قىز كامىلە ۋاھىت، 12-ئاي قىشلىق تەتىلدە ئۇيغۇر رايونىغا قايتقاندا تۇتۇپ كېتىلگەن. (Kewser Wahit teminligen)

بىز ئاتۇشقا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، كامىلە ۋاھىتنىڭ ئاتا-ئانىسى ئولتۇرۇشلۇق تەۋەلىكتىكى پامىر ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ كامىلە ۋاھىتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ساقچىخانا سىياسىي يېتەكچىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ساقچىخانىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ۋە تەتىل قىلىپ كەلگەن 30 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى بار بولۇپ بۇلاردىن ئىككى نەپىرى تۇتقۇن قىلىنغان.

نۆۋەتتە تۇتۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقان بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىدىن بىرسىنىڭ ئىسمى تۇرسۇنجان نەسىردىن، يەنە بىرسىنىڭ كامىلە ۋاھىت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بۇ خادىم، نۆۋەتتە ئاتۇشتا خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن تەتىل قىلىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىغا قارىتا نازارەتنى كۈچلەندۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، تەتىل قىلىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار دەرھال ئۆزلىرىنى كەنت دەرىجىلىك ساقچىخانىلارغا تىزىملىتىش، قانۇنسىز گەپ-سۆزلەردىن ساقلىنىشقا بۇيرۇلغان.

ئاتۇش كاتتايلاق يېزىسىدىكى بىر ئامانلىق مۇدىرىمۇ ئۆز تەۋەلىكىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن قايتىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا قارىتا نازارەت ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ يەنە دېيىشىچە، مەكتەپلەردە قىشلىق تەتىل باشلانغاندىن بۇيان، كەنت كادىرلىرى ئۆيمۇ-ئۆي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرى ۋە يۇرتتىن سرتقا چىققان ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە قايتىدىن تىزىملاش ئېلىپ بارغان. بۇ جەرياندا مەزكۇر ئائىلىلەرنىڭ ئاتۇشنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتكەن ئەزالىرىنىڭ گەپ-سۆز ۋە ئىش ھەرىكەتلىرىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

پامىر ساقچىخانىسى باشلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىچكىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قارىتا تەلىم تەربىيەدە مۇقىملىق ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى ئاساسلىق تېما بولغان. تەشۋىقات ۋە نازارەت خاراكتېرىدىكى بۇ ھەرىكەتنىڭ باشلانغىنىغا ئىككى ئايچە بولغان بولۇپ، بۇ ئاتۇش شەھىرى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىلغان. مەزكۇر ساقچىخانا باشلىقى ئائىلىلەرگە ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلە تۇغدۇرماسلىقى ئۈچۈن ۋەدە ئالغان.

ئۆتكەن يىلقى ئېنىقلاشلىرىمىزدا خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئابدۇقادىر روزى ۋە تۇرسۇنجان بىلگە قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە يەنە ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان زۇليار ياسىن قاتارلىق بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.