ئۆتكەن ھەپتە خىتاي دائىرىلىرى ئەنگىليەدىكى «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاتۇشتا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئوقۇغۇچى كامىلە ۋاھىتنىڭ ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا كېسىلىپ بولغانلىقى ۋە نۆۋەتتە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. دائىرىلەر بۇ ھەقتىكى جاۋابىدا كامىلە ۋاھىتنىڭ «قانۇن بويىچە» بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان ئاتۇشتىكى ئالاقىدار خادىملار نۆۋەتتە ئاتۇشتا دۆلەت بىختەرلىكى دېلولىرىنىڭ قانۇنىي تەرتىپ بويىچە بېجىرىلمەيۋاتقانلىقى، جۈملىدىن مەھكۇملار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئەھۋالنى سۈرۈشتە قىلىش ھوقۇقى يوق ئىكەنلىكى، شۇڭا كامىلە ۋاھىتنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ مەزكۇر دېلونىڭ جەريانىدىن خەۋەرسىز قالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
خېنەندىكى شاڭچيۇ سانائەت ئىنستىتوتىدا ئوقۇۋاتقان 19 ياشلىق كامىلە ۋاھىت ئۆتكەن يىلى خىتاي ئۆلكىلىرىدە «ئاق قەغەز ھەركىتى» يۈز بەرگەندە، بۇ ھەرىكەتكە ئائىت كۆرۈنۈشلەرنى ئۈندىدارىغا چىقارغانلىقى ئۈچۈن، يۇرتى ئاتۇشقا قايتىپ بارغان كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دېلوسىنىڭ تەپسىلاتى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە جەمئىيەتكە مەلۇم بولماي كەلگەن ئىدى. ئۆتكەن ھەپتە خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى ئەنگىلىيەدىكى «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتىگە كامىلە ۋاھىتنىڭ بۇ يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى كېسىلىپ بولغانلىقى ۋە نۆۋەتتە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ھەققىدە يازما جاۋاب بەرگەن. جاۋاپ خەتتە، كامىلەنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تەرغىپ قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ جازا مۇددىتى ۋە جازا ئۆتەۋاتقان ئورنى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستلىق تەپتىش مەھكىمىسىگە تېلېفون قىلدۇق.
تېلېفوىنىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم، كامىلە ۋاھىتنىڭكىگە ئوخشاش «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئائىت» دېلولارنى سۈرۈشتە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى كەسكىن بىر تون بىلەن بايان قىلدى.
خىتاينىڭ «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتىگە يازغان مەزكۇر جاۋاب خېتىدە چەت ئەلدىكى «دۈشمەن كۈچلەر» نىڭ «ئىلمىي خادىم» تونىغا ئورىنىۋېلىپ، خىتايغا قارا سۈركەۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تېنچ ۋە بەخت-سائادەتلىك ياشاۋاتقانلىقى بازارغا سېلىنغان. مەزكۇر تەپتىش خادىمى، كامىلەنىڭكىگە ئوخشاش دېلولارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، بۇ دېلولارنى ھەتتا نازارەت دەرىجىلىك قانۇن ئورگانلىرىدىكى ئەمەلدارلارنىڭمۇ سۈرۈشتە قىلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
كامىلە ۋاھىت تۇتۇلغاندىن بۇيان، خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئىلمىي خادىملار ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغىچلارنىمۇ ھەركەتكە كەلتۈرگەن ئىدى. بۇ ھەركەتلەر ئاساسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كامىلە ۋاھىتنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات سوراش ۋە دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش شەكلىدە داۋام قىلغان ئىىدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرلىرى كامىلە ۋاھىتنىڭ ئۇچۇرىنى خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى بىلەن ئاشكارىلىغان، ئەمما دېلونىڭ خۇلاسىسىنى تېخى يېقىنغىچە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بىلدۈرمەي كەلگەن. كامىلەنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن كېيىن ئۇققان. مەزكۇر تەپتىش خادىمى، كامىلەنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ دېلونى سۈرۈرۈشتە قىلىش ھەققى يوقلۇقى، پەقەت ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ جاۋاب بېرىشىنى كۈتۈشتىن باشقا چارىسى يوقلۇقىنى ئاشكارلىدى.
بىز ئۇنىڭغا كامىلەنىڭ ئەمدىلا 19 ياش ئىكەنلىكىنى ئەسلەتكىنىمىزدە، ئۇ كېسىلىۋاتقانلار ئارسىدا 16 ياشلىقلارنىڭمۇ بارلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۆتكەن ئايدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، ئاتۇشتىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدرىسىنىڭ بىر خادىمى، كامىلەنىڭ ئائىلىسىنىڭ 6 ئايدىن بېرى ئۇچۇر ئالالماسلىقىنىڭ نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، چۈنكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسى يوق ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. ئۇ يەنە كامىلەنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە مەكتىپىنىڭ ھەتتا 2 يىلغىچىمۇ ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن خەۋەر ئالالماي قېلىش ئېھتىمالىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى.
بۈگۈن كامىلە ۋاھىت ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئەنگىلىيەدىكى «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى ئۆز خەۋىرىدە كامىلە ۋاھىتنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن «ئاق قەغەز ھەركىتى» گە چېتىلىپ تۇتۇلغانلىقى؛ دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر ھەرىكەتكە قاتناشقان 4 نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچىنى تۇتقان بولسىمۇ، ئامما ئۇلارنى 4 ئايدىن كېيىن قويۇپ بەرگەنلىكى؛ ھالبۇكى، بۇ ھەركەتنى ئۈندىدارغا چىقارغان كامىلە ۋاھىتنى بولسا تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرگەن.