تۇتقۇندىكى ئوقۇغۇچى كامىلە ۋاھىتنىڭ قەشقەردىكى مۇش ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشتى
2023.07.10

19 ياشلىق ئوقۇغۇچى كامىلە ۋاھىتنى تۇتقۇن قىلغان خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمىدىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇ يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى كېسىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كېسىم مۇددىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئاتۇشقا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، كامىلە ۋاھىتنىڭ 3 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە قەشقەردىكى مۇش ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشتى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، توققۇزاق مۇشتىكى ئاياللار تۈرمىسىگە ئۆتكەن ئايدا 19 ياشلىق بىر قىز كويزا-كىشەنلىك ھالەتتە ئېلىپ كېلىنگەن. بۇ يېڭى مەھبۇسنىڭ يېشىنىڭ كىچىكلىكى، تېنىنىڭ يۇمرانلىقى ۋە چىراي ئىپادىسىدىكى سەبىيلىك، تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنىڭلا ئەمەس، بىر قىسىم ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تۈرمە خادىملىرىنىڭمۇ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرغان. مەھبۇسلار بۇ يېڭى كامىردىشىنىڭ ئىسمى كامىلە ۋاھىت ئىكەنلىكى ۋە ئەسلىدە خېنەندىكى شاڭچيۇ سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئۇققىنىدا، ئۆزلىرىنىڭ 5-6 يىلدىن بېرى كۆرەلمىگەن پەرزەنتلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشۈپ ئۇنى باغرىغا باسقان ۋە ئۇنىڭ بىلەن دەردلەشكەن.
بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قەشقەر توققۇزاقتا بىر ئاياللار تۈرمىسىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سۈرۈشتە قىلدۇق. ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى، توققۇزاق مۇشتا بىر تۈرمە بارلىقى ۋە بۇنىڭ ئاياللار تۈرمىسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بىز ئارقىدىن ئاتۇشتىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار خادىملار ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، بەزىدە «يۇقىرى» بىلەن سۆزلىشىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىپ، بەزىدە دېلونىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» گە ياتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كامىلەنىڭ جازا مۇددىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاسىدا، كامىلە ۋاھىتنىڭ 3 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە 6 ئاي ئاتۇشتا دۆلەت ئامانلىقى ئورگىنىنىڭ قاماقخانىسىدا ياتقانلىقى ئۈچۈن، مۇش تۈرمىسىدىكى جازا مۇددىتىنىڭ 2.5 يىل دەپ ئېلان قىلىنغانلىقى يېزىلغان. 2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا تۇتقۇنلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن جازا مۇددىتى 5 يىل 6 ئاي دەپ بېكىتىلگەن، بېشىغا ياغلىق ئارتىش ۋە ساقال قويۇش قاتارلىق ئاتالمىش «جىنايەت» لەرگە ئاساسەن 10 يىللىقتىن جازا كېسىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، كامىلە ۋاھىتنىڭ دېلوسى ئۇنىڭ تۇتقۇندىكى مەزگىلىدىن باشلاپ خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەچكە، بېكىتىلگەن تۆۋەن چەكتىن تۆۋەن مۇددەتتە كېسىلگەن.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاتۇشتىكى مەلۇم بىر ئاساسىي قاتلام ئەدلىيە پونكىتىنىڭ خادىمى، كامىلە ۋاھىتنىڭ قەشقەردىكى مۇش ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىرلىكتە، جازا مۇددىتىنىڭمۇ 3 يىل ئىكەنلىكى دەلىللىدى.
خىتاي دائىرىلىرى «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتىنىڭ كامىلە ۋاھىت ھەققىدىكى سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدا، ئۇنىڭ بۇ يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى سوتلانغانلىقى ۋە «ئەسەبىيلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردا بولسا ئۇنىڭ «24-نويابىر ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتى پاجىئەسى» سەۋەبلىك خىتاي ئۆلكىلىرىدە كېلىپ چىققان «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» گە ئائىت بىر ئۇچۇرنى ئۈندىداردا ئورتاقلاشقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى يېزىلغان.
مەزكۇر ئەدلىيە خادىمى، كامىلە ۋاھىتنىڭ «ئەكسىيەتچىل ئۇچۇر» لارنى تارقاتقانلىقى ئۈچۈن، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ خادىم يەنە ئوخشاش كۈندە كامىلە بىلەن بىرلىكتە يەنە 4 ئوقۇغۇچىنىڭمۇ كېسىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.
يۇقىرىدا 19 ياشلىق ئوقۇغۇچى كامىلە ۋاھىتنىڭ 3 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە قەشقەردىكى مۇش ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.